1980-يىللاردىن باشلاپ تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان «شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى» تەرىپىدىن چىقىرىلىۋاتقان «شەرقىي تۈركىستان ئاۋازى» ناملىق ژۇرنالنىڭ يېڭى سانى «ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 50-يىلىدا مەرھۇم مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانى خاتىرىلەيمىز» تېمىسىدا ئوقۇرمەنلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشتى.
مەزكۇر ژۇرنالنىڭ دۆلەت ئەربابى، تارىخچى ۋە ئۆلىما مۇھەمممەد ئىمىن بۇغرا ۋاپاتىنىڭ 50-يىللىقىغا ئاتاپ چىقىرىلغان بۇ سانىدا «شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى» رەئىسى ئەسەر ساقانىڭ باش ماقالىسىگە،ژۇرنالنىڭ تەھرىرى، «شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى»نىڭ باش كاتىپى، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندىنىڭ «شەرقىي تۈركىستاننىڭ دەۋاسى ھەم مەزلۇم، ھەم غېرىب ھەمدە ئىگىسىز» ناملىق ماقالىلىرىگە ئورۇن بېرىلگەن. بۇلاردىن سىرت يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىننىڭ «خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تېررورىست دەپ ئەيىبلىشى»، ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ «تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى چۈشىنىش»، دوكتور ئابدۇلخەمىت ئاۋشارنىڭ «ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋە تۈركىيە» ماۋزۇلۇق ماقالىلىرىگە ئورۇن بېرىلگەن. ژۇرنالدا يەنە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى توغرىسىدىمۇ بەزى ماقالىلەرگە يەر بېرىلگەن.
بىز «يېڭى شەرقىي تۈركىستان ئاۋازى» ناملىق ژۇرنالنىڭ 8-سانى توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن ژۇرنالنىڭ باش تەھرىرى، «شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى»نىڭ باش كاتىپى ئۆمەر قۇل ئەپەندى ۋە «شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى» تەتقىقات مەركىزى مۇتەخەسسىسى جېلىل تۇران ئەپەندىلەر بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.
دوكتور ئۆمەر قۇل ژۇرنالنىڭ بۇ سانى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى:
سىزگىمۇ مەلۇم ژۇرنىلىمىز ئۈچ ئايدا بىر قېتىم نەشر قىلىنىدۇ. ژۇرنالدا بۇ 3 ئاي جەريانىدا ۋەخپىمىز ئېلىپ بارغان پائالىيەتلەر، شەرقىي تۈركىستاندا مەيدانغا كەلگەن ۋەقەلەر ۋە شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە يېزىلغان ماقالىلەرنى ئېلان قىلىمىز. بىز شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى بىلەن ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركولوگىيە تەتقىقات ئىنستىتۇتى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 50-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدا خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرغان ئىدۇق. مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا شەرقىي تۈركىستان تارىخىدىكى مۇھىم شەخس بولغاچقا بۇ ساننى ئۇنىڭغا ئاتاپ چىقاردۇق، ژۇرنالغا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئوقۇپ ئۆتۈلگەن ياخشى ماقالىلەرنىمۇ كىرگۈزدۇق. ژۇرنالنىڭ تاش ۋارىقىغا مەرھۇمنىڭ رەسىمى بىلەن شېئىرىنى قويدۇق. شۇنىڭ بىلەن شەرقىي تۈركىستان تارىخىدىكى تونۇلغان سىياسىيون، تارىخچى ۋە ئۆلىما مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانى يەنە بىر قېتىم ئەسلىگەن بولدۇق.
دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندى بۇ ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان مۇھىم ماقالىلەر توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى:
ژۇرنالنىڭ بۇ سانىدا ئەركىن ئالىپتېكىننىڭ «خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تېررورىست دەپ ئەيىبلىشى» ماۋزۇلۇق ماقالىسى، ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ «تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى چۈشىنىش» ماۋزۇلۇق ماقالىسى، چاغان تۈركەر ئەپەندىنىڭ «1861-يىلىدىن 1934-يىلىغىچە ئۇيغۇرلار بىلەن تۈركلەرنىڭ مۇناسىۋىتى» ماۋزۇلۇق ماقالىسىگە، تېلېۋىزىيە رىياسەتچىسى خاقان چەلىك ئەپەندىنىڭ «خىتاي بىلەن راكېتا تىجارىتى يوق» ماۋزۇلۇق بىر زىيارەت خاتىرىسى، پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، مۇزەييەن تاشچى خانىم، يۈجەل تاناي ئەپەندىلەرنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا يازغان ماقالىلىرىگە ئورۇن بېرىلدى. يەنە مەزكۇر ژۇرنالدا ئەخمەت مۇھەممەت ناملىق بىر مۇتەخەسسىسنىڭ «خىتاي چۆكۈۋاتىدۇ ئۇيغۇرلار نېمە قىلىشى كېرەك؟» ماۋزۇلۇق ماقالىسىگە، دوكتور ئابدۇلخەمىت ئاۋشارنىڭ «ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋە تۈركىيە» ناملىق ماقالىسىگە، پروفېسسور دوكتور سۇلايمان سەيفى ئۆغۈننىڭ «تۈركىيە خىتاي مۇناسىۋىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى» ماۋزۇلۇق ماقالىسىگە ئورۇن بېرىلدى. بۇلاردىن باشقا ژۇرنىلىمىزدا ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۆزنىكى نامىدا بىر بەت تەسىس قىلدۇق. سەما ئۇيغۇر بۇداق ئىسىملىك ئايال ھەر سانىدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى توغرىسىدا ماقالە يازىدۇ. يەنە ژۇرنىلىمىزدا «دىنىمىز ئىسلام» سەھىپىسى بار. ئۇ، يەردىمۇ داۋاملىق دىنىمىز ئاڭلىتىلغان ماقالىلەرنى ئېلان قىلىمىز.
شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى تەتقىقات مۇدىرى جېلىل تۇران ئەپەندى «شەرقىي تۈركىستان ئاۋازى» ناملىق ژۇرنالنىڭ 1950-يىلىدا مىسىردا چىقىرىلىشقا باشلاپ 8 سان نەشر قىلىنغاندىن كېيىن توختاپ قالغانلىقىنى، 1984-يىلىدا ئىستانبۇلدا قايتا چىقىرىلىشقا باشلانغانلىقىنى، دەسلەپتە ئۇيغۇرچە، ئىنگلىزچە، تۈركچە ۋە ئەرەبچە چىقىرىلغان بولسىمۇ، گېنېرال مەھمەت رىزا بېكىن ۋاپات بولغاندىن كېيىن بىر مەزگىل نەشردىن توختاپ قالغانلىقىنى، ئىككى يىلدىن بېرى «يېڭى شەرقىي تۈركىستان ئاۋازى» نامىدا تۈرك تىلىدا نەشر قىلىنىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
ئۇ، بۇ ساننى مەرھۇم مۇھەممەد ئىمىن بۇغراغا ئاتاپ چىقىرىشنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.