گېنېرال مەمتىمىن ئىمىنوف قوماندانلىقىدىكى مىللىي ئارمىيە 13-دېۋىزىيىسىنىڭ قەشقەردىكى پائالىيەتلىرى ۋە «ئاخۇنوف ۋەقەسى»

0:00 / 0:00

1949-يىلى كۈزدە خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ غەربىي شىمال دالا ئارمىيىسى ئۇيغۇر ئېلىگە كىرگەندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن مىللىي ئارمىيەمۇ ماناس دەرياسىدىن ئۆتۈپ ئۈرۈمچىگە يېتىپ كېلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن مىللىي ئارمىيە خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ پېڭ دېخۋەي قوماندانلىقىدىكى غەربىي شىمال دالا قىسمىنىڭ 5-كورپۇسى قىلىپ ئۆزگەرتىلىدۇ. مىللىي ئارمىيە ئاساسىدا قايتا تەشكىللەنگەن 5-كورپۇس جەمئىي بەش دېۋىزىيەدىن تەركىب تاپىدۇ. 5-كورپۇسنىڭ بىر دېۋىزىيەسى غۇلجىدا قالدۇرۇلۇپ، يەنە بىر دېۋىزىيەسى قۇمۇلغا «باندىت تازىلاش» ئۇرۇشىغا ئەۋەتىلىدۇ. قالغان ئۈچ دېۋىزىيەسى جەنۇبقا ئەۋەتىلىپ، ئاقسۇ، قەشقەر ۋە خوتەن ۋىلايەتلىرىدە تۇرۇش بەلگىلىنىدۇ. گېنېرال مايور مەمتىمىن ئىمىنوف قوماندانلىقىدىكى 13-دېۋىزىيە 1950-يىلىنىڭ ئەتىياز مەزگىلىدە قەشقەرگە يېتىپ بېرىپ ئورۇنلىشىدۇ.

مىللىي ئارمىيىنىڭ 13-دېۋىزىيەسى قەشقەرگە بېرىپ ئورۇنلاشقاندىن كېيىن، يەرلىك ئامما بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ ئەينى چاغدىكى سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارغا ئاكتىپ ئىشتىراك قىلىدۇ. ئەمما قەشقەرگە بېرىپ ئورۇنلاشقان خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى ۋە ئۇنىڭ كوماندىرلىرى ھەممە ئىشقا قول تىقىپ مىللىي ئارمىيە ئەسكەرلىرى بىلەن مەلۇم سۈركىلىشلەرنى پەيدا قىلىدۇ. ھەتتا ۋاڭ جىن قەشقەردە قوپاللىق بىلەن يەرلىك ئىشلارغا ئارىلىشىپ، مىللىي ئارمىيىنىڭ ئوفىتسېر-جەڭچىلىرىنى كۆزگە ئىلمايدۇ.

لېكىن، مىللىي ئارمىيە 13-دېۋىزىيەسىنىڭ قوماندانى مەمتىمىن ئىمىنوف، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ۋالىسى سەيدۇللا سەيپۇللايوف، يەركەن ۋىلايىتىنىڭ ۋالىسى قاسىمجان قەمبىرى ۋە باشقا ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىرلارنىڭ چىڭ تۇرۇپ كۈچ كۆرسىتىشى بىلەن ۋاڭ جىن ئالدى بىلەن ئۈرۈمچىگە ئاندىن مەركەزگە چاقىرتىلىپ ئېلىپ كېتىلىدۇ. جەنۇبتىكى ۋىلايەتلەرنىڭ ھۆكۈمەت ۋە مەمۇرىي ئورگانلىرىدا ئۇيغۇرلار ئاساسلىق ئورۇننى ئىگىلىسىمۇ، لېكىن خىتايلار يەرلىك پارتكوملارنىڭ ھوقۇقلىرىنى كونترول قىلىپ، ھەممە ئىشلارغا چات كېرىۋالىدۇ. مىللىي زىددىيەت يەنىلا داۋام قىلىدۇ. 60-يىللارنىڭ ئاخىرىدا، كۆز ئالدىدىكى رېئاللىقتىن ئەپسۇسلانغان مىللىي ئارمىيىنىڭ كوماندىرلىرىدىن ئاخۇنوف قەتئىي قارارغا كېلىپ خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى بىلەن قوراللىق توقۇنۇشىدۇ. توقۇنۇشتا خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ ئۈستۈن ئەسكىرىي كۈچى بىلەن تىركەشكەن ئاخۇنوف ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرى ئاخىرى قەھرىمانلارچە قۇربان بولىدۇ.

1950-يىلىدىن 1952-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە مىللىي ئارمىيە 13-دېۋىزىيەسىنىڭ ئىشخانا مۇدىرى ۋە قوماندان مەمتىمىن ئىمىنوفنىڭ كاتىپى سۈپىتىدە قەشقەردە خىزمەت قىلغان سابىق مىللىي ئارمىيە ئوفىتسېرى باتۇر راشىدىن 60 يىل بۇرۇنقى ئەھۋاللارنى ھېلىھەم ئەينەن ئەسلەيدۇ. بىز گېنېرال مەمتىمىن ئىمىنوف قوماندانلىقىدىكى مىللىي ئارمىيە 13-دېۋىزىيەسىنىڭ قەشقەردىكى پائالىيەتلىرى ھەمدە «ئاخۇنوف ۋەقەسى» ھەققىدە تەپسىلىي ئۇچۇرغا ئېرىشىش ئۈچۈن بۇ يىل 86 ياشقا كىرگەن، ئالماتادا ئولتۇرۇشلۇق باتۇر راشىدىن ئاكا بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. دىققىتىڭلار سۆھبىتىمىزدە بولسۇن.