ئورخۇن مەڭگۈ تاشلىرى ۋە تۈركولوگىيە ئىلمىنىڭ بىر ئەسىردىن بۇيانقى تەرەققىيات مۇساپىسى-1

0:00 / 0:00

دۇنيا تۈركولوگىيە ساھەسىدىكىلەر بۇ يىل 15-دېكابىردا ئورخۇن مەڭگۈ تاشلىرى ۋە ئۇنىڭغا پۈتۈلگەن قەدىمكى يېزىقلارنىڭ سىرى يېشىلگەنلىكىنىڭ 120 يىللىق خاتىرىسىنى كۈتۈۋېلىش ئالدىدا تۇرماقتا.

1893-يىلى 15-دېكابىردا دانىيەلىك شەرقشۇناس ۋە قەدىمكى يېزىقلار مۇتەخەسسىسى تومسون ئورخۇن ۋادىسىغا تىكلەنگەن مەڭگۈ تاشلاردىكى يېزىقلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئوقۇپ چىققانلىقىنى ئېلان قىلىدۇ. ئۇ ئۆزى ئوقۇپ چىققان بۇ تېكىستلەرنى قەدىمكى تۈرك-رۇنىك يېزىقى دەپ ئاتايدۇ. پۈتۈن دۇنيادىكى تۈركولوگىيە ساھەسىدىكىلەر بۇ بايقاشتىن ھەيران بولىدۇ. ئارىدىن بىر يىل ئۆتۈپ رۇسىيەلىك تىلشۇناس رادلوف ئورخۇن مەڭگۈ تاشلىرىدىكى تېكىستلەرنىڭ ئوقۇلۇشى ۋە يەشمىسىنى ئېلان قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن تۈركولوگىيە ساھەسىدىكى تەتقىقاتلار قىزغىنلىققا كۆتۈرۈلۈپ، يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىنىدۇ.

ئورخۇن مەڭگۈ تاشلىرىغا پۈتۈلگەن قەدىمكى يېزىقلارنىڭ ئوقۇلۇشى ۋە دۇنياغا ئېلان قىلىنىشى قەدىمكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشتا يېڭى بىر دەۋر ئاچىدۇ. كۆك تۈرك قاغانلىقى ۋە ئورخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ تارىخىنى قەدىمكى خىتاي مەنبەلىرى ۋە باشقا تىللاردىكى مەنبەلەرگىلا مۇراجىئەت قىلىشتەك ۋاسىتىلىك تەتقىقات دەۋرى ئاخىرلىشىپ، تۈركىي تىل يېزىقىدىكى مەنبەلەرنى قىدىرىش دەۋرى باشلىنىدۇ. ئورخۇن مەڭگۈ تاشلىرى قەدىمكى تۈركى خەلقلەر تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىكى بىرىنچى قول مەنبەگە ئايلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تۈركىي تىللىرىنىڭ قەدىمكى دەۋرلەردىكى تىل ئالاھىدىلىكى، فونېتىكا، لېكسىكا ۋە گرامماتىكىلىق قۇرۇلمىلىرى شۇنىڭدەك جۈملە شەكىللىرىنىڭ ئۇچۇرلىرى ئاشكارا بولىدۇ.

ئورخۇن مەڭگۈ تاشلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئوقۇلۇشى دۇنيا تۈركولوگىيە ساھەسىدە بىرمۇنچە ئالىملارنى ۋە ئۇلارنىڭ مول تەتقىقات نەتىجىلىرىنى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن 20-ئەسىر مابەينىدە گېرمانىيە، رۇسىيە (كېيىنچە سوۋېت ئىتتىپاقى)، شىۋېتسىيە، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، ئامېرىكا، تۈركىيە ۋە خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەردە تۈركولوگىيە ئىلمى رەسمىي شەكىللىنىپ يېڭى تەرەققىياتلارغا ئېرىشىدۇ.

گېرمانىيە گۆتتىنگېن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى، قەدىمكى تۈرك ۋە ئۇيغۇر تىلى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئابلەت سەمەت زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.