ئورخۇن مەڭگۈ تاشلىرىنىڭ بايقىلىشى ۋە ئۇنىڭغا پۈتۈلگەن قەدىمكى يېزىقلارنىڭ يېشىلىشى تۈركولوگىيە تەتقىقاتىنى بۇنىڭدىن 120 يىل ئىلگىرىلا يېڭى تارىخىي دەۋرگە باشلاپ كىرگەن ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر ئەسىردىن ئۇزاق جەرياندا تۈركولوگىيە تەتقىقاتى دۇنياۋى كۆلەملىك ئىلىم بولۇپ شەكىللەندى ھەمدە مول نەتىجىلەر ياراتتى.
بۇ ساھەدە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان گېرمانىيەدىكى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى مۇتەخەسسىسى، دوكتور ئابلەت سەمەت زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۆز قاراشلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.
ئابلەت سەمەت بۇ ھەقتىكى بايانلىرىدا «قۇتادغۇ بىلىگ» نىڭ ئەڭ بالدۇر غەرب ئىلىم ساھەسىگە تونۇشتۇرۇلغان قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى ئەسەرلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ «قۇتادغۇ بىلىگ» تە ئىشلىتىلگەن قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ 1893-يىلى دانىيەلىك شەرقشۇناس تومسوننىڭ ئورخۇن مەڭگۈ تاشلىرىدىكى قەدىمكى يېزىقنى ئوقۇشىغا مەلۇم دەرىجىدە تۈرتكە بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۇ يەنە ئورخۇن مەڭگۈ تاشلىرىدىن باشلانغان قەدىمكى تۈرك ۋە ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنى تەتقىق قىلىش ساھەسىدە ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن يېتىشىپ چىققان تىل ئالىملىرىنىڭمۇ مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. بولۇپمۇ 20-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا، يەنى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىن كېيىن مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يېتىشىپ چىققان بىر قاتار تىلچىلارنىڭ بۇ ساھەدە ئېلىپ بارغان مۇھىم ئەمگەكلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. شۇ جۈملىدىن پېشقەدەم تىلشۇناس مىرسۇلتان ئوسمان ئەپەندىنىڭ تۆھپىلىرىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
ئابلەت سەمەت نۆۋەتتە تۈركولوگىيە تەتقىقاتىنىڭ ئىلگىرىكى بىر يۆنىلىشلىك تەتقىقات مېتودىدىن كۆپ يۆنىلىشلىك تەتقىقات مېتودىغا قاراپ راۋاجلىنىۋاتقانلىقىنى، كۆپ خىل پەنلەرنىڭ كېسىشمە نۇقتىسىدا تۇرۇپ تەتقىقات ئېلىپ بارىدىغان تەتقىقاتچىلار قوشۇنىنىڭ يېتىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، تۈركولوگىيە ئىلمى ئىلگىرى گېرمانىيە، رۇسىيە قاتارلىق ئەللەرنى بازا قىلىپ شەكىللەنگەن بولسا، نۆۋەتتە تۈركىيە، ياپونىيە، قازاقىستان ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى مەركەز قىلىپ راۋاجلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشمەكتىكەن.
ئۇ ئاخىرىدا بۇ يىلنىڭ، يەنى 2013-يىلىنىڭ، ئورخۇن مەڭگۈ تاشلىرىنىڭ سىرى يېشىلگىنىگە 120 يىل تولغان خاتىرە كۈنىدە دۇنيا تۈركولوگىيە تارىخىدىكى ئەڭ كۆرنەكلىك نەتىجە يارىتىلغان بىر يىل بولۇپ قالغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.