ۋېنگىرىيە پايتەختى بۇداپېشتتا ئۆتكۈزۈلگەن 6-نۆۋەتلىك تۇران قۇرۇلتىيى مەيدانىغا قويۇلغان «مەڭگۈتاش»لار خاتىرىسى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان.
8-ئاينىڭ 12-15-كۈنلىرى ۋېنگىرىيە پايتەختى بۇداپېشتتا ئۆتكۈزۈلگەن 6-نۆۋەتلىك تۇران قۇرۇلتىيى مەيدانىغا «مەڭگۈتاش»لار خاتىرىسى قويۇلغان بولۇپ، 150 مىڭ كىشىنىڭ قاتناشقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بۇ قۇرۇلتايدا «ئورخۇن ئابىدىلىرى»نىڭ بۇ تەقلىدىي ئوبرازى كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققەت-ئېتىبارىغا ئېرىشكەن.
مەلۇم بولغىنىدەك، ئۇيغۇر تارىخى يازمىلىرىدا «ئورخۇن ئابىدىلىرى» دەپ ئاتالغان مەڭگۈتاشلار كۆكتۈرك خانلىقى ۋە مىلادى 744-يىلىدىن 840-يىللىرىغىچە دەۋر سۈرگەن ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىگە مەنسۇپ بولغان مەڭگۈتاش يازما يادىكارلىقلىرىنى كۆرسىتىدۇ.
كۆكتۈرك خانلىقىغا ئائىت يادىكارلىقلاردىن «بىلگە قاغان مەڭگۈتېشى»، «تۇنيۇقۇق مەڭگۈتېشى»، «كۆلتېكىن مەڭگۈتېشى» مەشھۇر بولسا، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىغا تالىق يادىكارلىقلاردىن «تېرخېن مەڭگۈتېشى (تاريات مەڭگۈتېشى)»، «مويۇنچۇر قاغان مەڭگۈتېشى»، «تېس مەڭگۈتېشى»، «توققۇز ئۇيغۇر قاغان مەڭگۈتېشى توققۇز ئۇيغۇر ئاي تەڭرىدە قۇت بولمىش ئالىپ بىلگە قاغان مەڭگۈتېشى»، «سېۋرېي مەڭگۈتېشى»، «سۇدېجىن مەڭگۈتېشى» قاتارلىقلار دىققەتكە سازاۋەردۇر.
8-ئەسىردىن 9-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىغىچە بولغان دەۋرلەرگە تەئەللۇق بولغان بۇ مەدەنىي مىراسلار ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەر شۇ زامانلاردا ياشىغان موڭغۇلىيە يايلاقلىرىدىن تېپىلغان بولغاچقا، تۈرك-رونىك يېزىقى ياكى ئورخۇن - يەنسەي يېزىدىكى بۇ ئابىدىلەرنىڭ بىر قىسمىغا تېپىلغان جاينىڭ نامى قويۇلغان.
6-نۆۋەتلىك تۇران قۇرۇلتىيى مەيدانىغا قويۇلغان «مەڭگۈتاش»لار خاتىرىسىگە «كۆلتېكىن، بىلگە قاغان ۋە تۇنيۇقۇق مەڭگۈتېشى» دەپ يېزىلغان. تارىخىي يازمىلاردا بايان قىلىنىشىچە، بىلگە قاغان كۆكتۈرك خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى ئىلتەرىش قۇتلۇق قاغاننىڭ ئوغلى بولۇپ، مىلادى 683-يىلى دۇنياغا كەلگەن. 716-يىلى 32 يېشىدا تەختكە چىققان. 734-يىلى ئۆلگەن. تۇنيۇقۇق ۋە كۆلتېكىنلەر ئۇنىڭ ۋەزىرى بولغان. بۇلارنىڭ ھەر بىرىدىن تاشقا پۈتۈلگەن يازما ئابىدىلەر ساقلىنىپ قالغان.
6-نۆۋەتلىك تۇران قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، بۇ قۇرۇلتايدا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ئالاھىدە ھۆرمەتكە ئېرىشىپلا قالماي، ئۇيغۇرلار بىلەن زىچ ئالاقىلىق بولغان «مەڭگۈتاش»لار خاتىرىسى ئارقىلىق ئۇيغۇر تارىخىنىڭ تونۇلۇشىغىمۇ پۇرسەتلەر يارىتىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇنىڭ ئىپتىخارلىنىشقا تېگىشلىك بىر ھادىسە بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
6-نۆۋەتلىك تۇران قۇرۇلتىيى مەيدانىغا قويۇلغان «مەڭگۈتاش» لار خاتىرىسىگە «بىلگە قاغان مەڭگۈتېشى» دىكى «خىتاي مىللىتىنىڭ سۆزى تاتلىق، يىپەك رەختلىرى يۇمشاق ئىكەن، تاتلىق سۆز، يۇمشاق رەختلىرى بىلەن يىراقتىكى مىللەتلەرنى ئالداپ ئۆزىگە يېقىنلاشتۇرىدىكەن...تاتلىق سۆزلىرىگە، يۇمشاق يىپەك رەختلىرىگە ئالدىنىپ كۆپلىگەن تۈرك مىللىتى ھالاك بولدى» دېگەن ۋەسىيەتلەر كىرگۈزۈلگەن.
مىڭ يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە بۇ ۋەسىيەتلەر تۈرك ۋە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ يازمىلىرىدا بۈگۈنكى كۈنلەردىمۇ پات-پات كۆزگە چېلىقىپ تۇرماقتا.
ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنى باشلاپ 6-نۆۋەتلىك تۇران قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى «مەڭگۈتاش»لار خاتىرىسى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.
دەرۋەقە، 6-نۆۋەتلىك تۇران قۇرۇلتىيىدا د ئۇ ق رەھبەرلىرى ئۈچۈن ھازىرلانغان ئۇيغۇر چېدىرىمۇ قانداش مىللەتلەرنىڭ قىزىق زىيارەتگاھىغا ئايلانغان ئىدى.
ئايانكى، ئۇيغۇر، ھون ياكى باشقا تۈركىي مىللەتلەر قەدىرلەپ تەتقىق قىلىۋاتقان ھەمدە چەتئەل ئالىملىرىمۇ قىزىقىۋاتقان تاشقا ئويۇلغان بۇ يازما ۋەسىقىلەر كۆكتۈرك خانلىقى شۇنداقلا ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىكى قاغان ۋە ۋەزىرلەرنىڭ ھەربىي يۈرۈشلىرى، قوشنا ئەللەر بىلەن بولغان ئۇرۇش ۋە تۈرلۈك مۇناسىۋەتلەر، قاغانلىقلارنىڭ تەزكىرە-تەرجىمىھالى، خانلىقنىڭ تارىخى قاتارلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، 7-ئەسىردىن 10-ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتىكى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تىلى، تارىخى، ئېتنوگرافىيىسى، ئەدەبىياتى، جۇغراپىيىسى، جەمئىيەت ئەھۋالى، مەدەنىيىتى قاتارلىقلارنى چۈشىنىشتە مۇھىم ھۆججەتلىك رولىغا ئىگە.