ئاتاقلىق قازاق يازغۇچىسى سەبىت مۇقانوف: شۇنداق ئاجايىپ قىزنى ئۆستۈرگىنىڭگە ئاپىرىن ساڭا، ئۇيغۇر خەلقى!

0:00 / 0:00

سەپەر داۋامىدا س. مۇقانوف ئۇيغۇرلارنىڭ مەشھۇر ئون ئىككى مۇقامى ۋە مىڭ ئۆيلىرى، يازما يادىكارلىقلىرى، دىنىي ئېتىقادلىرى، يېمەك-ئىچمەكلىرى، ناخشا-ئۇسسۇللىرى، ساز ئەسۋابلىرى، خەلقنىڭ تۇرمۇش تىرىكچىلىكى، ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىققان شەخسلەر ۋە باشقىلار ھەققىدە كۆپلىگەن مەلۇماتلارنى بېرىدۇ. مەسىلەن، كورلا شەھىرى ھەققىدە توختالغان ئەدىب مۇنداق دەپ يازىدۇ: «تاھىر ۋە زۆھرە» ناملىق مەشھۇر ئېپىكىلىق داستاندا تەسۋىرلەنگەن ۋەقەلەر دەل مۇشۇ جايلاردا يۈز بەرگەن. ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن يۈزلىگەن يىللار داۋامىدا ساقلىنىپ كېلىۋاتقان بۇ ئاجايىپ داستان 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا بىر ساياھەتچى تاتار تەرىپىدىن يېزىۋېلىنغان ھەم دەسلەپكى قېتىم تاتار تىلىدا نەشر قىلىنغان ئىدى. كېيىنىرەك بۇ داستاننىڭ مەزمۇنى بويىچە شۇ ناملىق مۇزىكىلىق دراما يېزىلدى. ئۇيغۇر خەلق ئويۇنلىرى-مەشرەپلەردە مۇشۇ كۈنگىچە تاھىر ۋە زۆھرە ھەققىدىكى داستان ساز ئەسۋابلىرى بىلەن ئورۇنلىنىپ كەلمەكتە. بۇنىڭدىن تاشقىرى ئويۇنلاردا يەنە بىر مەشھۇر ئۇيغۇر داستانى «غېرىپ-سەنەم» مۇ ئورۇنلانماقتا.

س. مۇقانوف بولۇپمۇ ئاپئاق غوجا دەۋرىدە قەشقەرىيەدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى تەپسىلىي يورۇتىدۇ. ئۇ «مەشھۇر ئۇيغۇر كلاسسىكلىرى لۇتفى كۇچارى، سەككاكى، تۇرپانى، زەلىلى ياركەندى، مۇھەممەت خوجامقۇلى ۋە ‹غېرىپ-سەنەم› ئاپتورى موللا بىلال ئىبنى يۈسۈپ قەشقەرى، غېرىبى ۋە ئاقسۇئى، شۇنداقلا ئابدۇرېھىم نىزارى، يۈسۈپ خاس ھاجىب ۋە مەھمۇد قەشقەرى، فىردەۋسى ۋە ناۋائى قاتارلىق ئەدىبلەر توغرىلىق باي مەلۇماتقا ئىگە بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

كىتابتا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەھرىمان قىزى ئىپارخان ھەققىدە ئالاھىدە قىسىم بېرىلگەن. س. مۇقانوف ئىپارخاننىڭ قەددى-قامىتى كېلىشكەن ۋە ئىنتايىن چىرايلىق قىز بولغانلىقىنى، قولىغا قورال ئېلىپ، ۋەتىنىنى باسقۇنچىلاردىن ئازاد قىلىشقا ئاتلانغانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دەيدۇ: «بىزنىڭ ئېرامىزغىچە بولغان 545-يىلى ئىران پادىشاھى كى خۇسراۋ ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قىلدى، مۇداپىئە كۈرىشىدە بۇقاخان قۇربان بولدى. ئۇنىڭ ئورنىنى خاننىڭ ئايالى ئېگىلىدى (ئۇنىڭ ئىسمى تارىختا ساقلانمىغان). ئۇ يېرىم مىليونلۇق ئارمىيىنى باشقۇردى، ھەربىي تاكتىكىدا چوڭ تاپقۇرلۇق كۆرسەتتى ۋە دۈشمەننى چېكىنىشكە مەجبۇرلىدى. ھېكايە قىلىنىشىچە، ئۇنىڭ بىلەن بىللە 150 مىڭ ئايال جەڭ قىلغان ئىكەن.

ئىپارخان ئۇيغۇر ئەسكىرىنى باشلاپ، زالىملارغا قارشى چىقتى. ئۇنىڭ ئەرلىكى ۋە قەھرىمانلىقىغا زوقلانغان مانجۇ ئىمپېراتورى ئۆزىنىڭ قوماندانلىرىغا قانداقلا قىلىپ بولمىسۇن قىزنى تىرىك تۇتۇشقا بۇيرۇق بەردى. ئامما بۇ ئوڭاي ئىش ئەمەس ئىدى. ئىپارخاننىڭ ئەسكەرلىرى بىر نەچچە ئاي دۈشمەن قوشۇنلىرىغا قەھرىمانلارچە قارشىلىق كۆرسەتتى. ئەڭ ئاخىرىدا پارچىلىنىپ تاشلانغان ئارمىيە مەغلۇپ بولۇپ، ئىپارخان ئەسىرگە چۈشتى.» س. مۇقانوف ئىپارخاننىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە ئىمپېراتورغا باش ئەگمەي، ئوغا ئىچىپ ئۆلگەنلىكىنى، ئىتالىيەلىك بىر رەسسامنىڭ بېيجىڭغا كېلىپ، ئىمپېراتورنىڭ رۇخسىتى بىلەن ئىپارخان تىرىك ۋاقتىدا ئۇنىڭ رەسىمىنى سىزغانلىقىنى ھەم نېمىشقىدۇر رەسىمنى ئۆزى بىلەن ئېلىپ كەتكەنلىكىنى، بۇ رەسىمنىڭ شۇ كۈنلەرگىچە ساقلانغانلىقىنى ئېيتىدۇ. يازغۇچىنىڭ يېزىشىچە، بېيجىڭنى زىيارەت قىلىش ۋاقتىدا ئىمپېراتور سارىيى يېپىق بولغانلىقتىن رەسىمنى كۆرۈش مۇمكىن بولمىغان. پەقەت ئۇيغۇر ئېلىدىن بىر رەسسام بېيجىڭغا بېرىپ، كۆچۈرمە نۇسخىدىن يەنە بىر نۇسخىنى كۆچۈرۈپ كەلگەن ئىكەن. ئۇ مۇنداق دەپ يازىدۇ: «شۇنداقتىمۇ مەن ئۈرۈمچى نۇسخىسىغىمۇ زوقلاندىم. رەسىمدىن ماڭا 20-25 ياشلىق بىر قىز قاراپ تۇراتتى. ئۇيغۇرلار، ئومۇمەن، مەركىزىي ئاسىيانىڭ چىرايلىق خەلقلىرىنىڭ بىرىدۇر. ئىپارخان گۆزەللەرنىڭ گۆزىلى بولغان ئىدى... رەسىمگە قاراۋېتىپ ۋە ئىپارخان تارىخىنى ئەسكە ئېلىۋېتىپ، ئىچىمدە مۇنداق دەپ تەكرارلاتتىم:
-شۇنداق ئاجايىپ قىزنى ئۆستۈرگىنىڭگە ئاپىرىن ساڭا، ئۇيغۇر خەلقى!»

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى يېنىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كېڭىشىنىڭ باشلىقى، يازغۇچى ۋە دراماتورگ ئەخمەتجان ھاشىروف بۇ ھەقتە ئۆز ئەسلىمىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.