مەخمۇت ئابدۇراخمانوف - شائىر، ئالىم ۋە ئۇستاز ئىدى...

0:00 / 0:00

قازاقىستان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان شۇنىڭدەك ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئەدەبىياتى بىر قەدەر ياخشى تەرەققىي قىلغان مەملىكەت. قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن كۆپلىگەن داڭلىق ئالىملار، ئەدىبلەر، ئارتىسلار ۋە جەمئىيەت ھەم دۆلەت ئەربابلىرى يېتىشىپ چىققان ئىدى. ئەنە شۇلارنىڭ بىرى ئەدەبىياتشۇناس پروفېسسور مەرھۇم مەخمۇت ئابدۇراخمانوفتۇر.

مەرھۇم مەخمۇت ئابدۇراخمانوفنىڭ نامى پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا ياخشى تونۇشلۇق. ئۇ، پۈتۈن ئۆمرىنى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشقا بېغىشلىغان بولۇپ، ئۇزۇن مەزگىل قازاقىستان ئاباي نامىدىكى دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىدا خىزمەت قىلغان ئىدى.

مەخمۇت ئابدۇراخمانوف ئاساسلىقى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ، ئۇ ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەدەبىيات تارىخىنى يېزىش، ئوتتۇرا مەكتەپ دەرسلىكلىرىنى تۈزۈش ھەمدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئەدەبىياتىنى قازاق، رۇس ۋە باشقا مىللەتلەرگە تونۇشتۇرۇشتا بەلگىلىك تۆھپە قوشقان ئىدى.

1934-يىلى دۇنياغا كەلگەن مەخمۇت ئابدۇراخمانوف، 1881-1883-يىللىرى ئارىسىدا ئىلى ۋادىسىدىن يەتتىسۇغا كۆچۈپ چىققان ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن يېتىشىپ، چىققان ئۈچىنچى ئەۋلاد ئالىملاردىن ئىدى. ئۇ ئەدەبىياتشۇناس مۇتەخەسسىسلا ئەمەس، بەلكى تونۇلغان شائىر، مەدەنىيەت ۋە جامائەت ئەربابى ئىدى. مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، يېقىندا قازاقىستان ئۇيغۇر جامائىتى مەرھۇمنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش ئالدىدا تۇرماقتا.

تەپسىلاتنى ئاڭلاڭ

مەخمۇت ئابدۇراخمانوف ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرى ئىچىدىن يېتىلىپ چىققان نامايەندىلەرنىڭ بىرى. ئۇ قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبىياتشۇناسلىق ئېلىمىنىڭ راۋاجلىنىشىغا سالماقلىق تۆھپە قوشقان شائىر، ئالىم ۋە ئۇستازدۇر. م. ئابدۇراخمانوف يەنە بىر كۆرۈنەرلىك نامايەندە مۇرات ھەمرايېفتىن كېيىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتشۇناسلىقىدا پەن دوكتورى ئىلمىي ئۇنۋانىنى ئېلىشقا مۇيەسسەر بولغان ئالىمدۇر. ئۇ شۇنداقلا ئۇيغۇر مەكتەپلىرى ئۈچۈن تىل ۋە ئەدەبىيات مۇتەخەسسىسلىرىنى تەييارلاشتا ئالاھىدە تۆھپە قوشتى.

مەخمۇت ئابدۇراخمانوف 1980-يىلى ئاباي نامىدىكى قازاق پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ فىلولوگىيە فاكۇلتېتى قارمىقىدا ئېچىلغان ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ بىر نەچچە يىللار مابەينىدە ئۈنۈملۈك ئىشلىشىگە چوڭ كۈچ چىقاردى. ھازىر ئۇنىڭ شاگىرتلىرى مەكتەپلەردە، ئىلمىي-تەتقىقات ئورۇنلىرىدا، نەشرىيات ۋە باشقىمۇ جايلاردا ئىشلىمەكتە.

م. ئابدۇراخمانوف ئونلىغان شېئىر توپلاملىرىنىڭ، ئىلمىي مونوگرافىيەلەرنىڭ، ئۇيغۇر مەكتەپلىرى ئۈچۈن ئوقۇش قوراللىرىنىڭ، يۈزلىگەن پۇبلىستىكىلىق ماقالىلەرنىڭ ئاپتورى. ئۇ ھايات بولغان بولسا، بۇ يىلى 80 يىللىق تەۋەللۇدىنى ئۆتكۈزەتتى.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ياركەنت شەھىرىدە ئورۇنلاشقان سابىق پېداگوگىكىلىق تېخنىكۇمنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى ھاكىمجان ھەمرايېف م. ئابدۇراخمانوفنى ھەقىقىي ئۇستاز سۈپىتىدە قەدىرلەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.