ئالماتادا ئاتاقلىق يازغۇچى مەسۈمجان زۇلپىقاروف ئەسەرلىرى ئون توم بولۇپ نەشر قىلىندى

0:00 / 0:00

ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 40-يىللىرى ئۇيغۇر دىيارىدا ئەۋج ئالغان مىللىي ئازادلىق قوزغىلاڭنىڭ ئاكتىپ ئىشتراكچىلىرىدىن بىرى، « شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئارمىيىسى» نىڭ كاپىتانى، ئاتاقلىق يازغۇچى، شائىر ۋە دراماتورگ مەسۈمجان زۇلپىقاروفنىڭ 90 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئالماتادا ئۇنىڭ ئەسەرلىرى « مىر» نەشرىيات ئۆيى تەرىپىدىن ئون توم بولۇپ نەشر قىلىندى.

م. زۇلپىقاروف ئەسەرلىرىنى قايتا نەشر قىلىش ئىشلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان ئۇنىڭ ئوغلى، تونۇلغان رەسسام كۈرەش زۇلپىقاروفنىڭ ئېيتىشىچە، يازغۇچىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆتمۈش تارىخى، ئۇنىڭ ئازادلىق ۋە ئەركىنلىك ئۈچۈن يۇرگۈزگەن كۈرىشى، تىنچ ھاياتى دەۋرىدىكى تىرىكچىلىكى، ئىجتىمائىي ۋە مەنىۋىي بايلىقى ھەققىدە يېزىلغان ھېكايىلىرى، پوۋېستلىرى، رومانلىرى، شېئىر ۋە داستانلىرى، شۇنداقلا سەھنە ئەسەرلىرى بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئۆز ماھىيىتىنى يوقاتمىدى.

كۈرەش زۇلپىقاروف دادىسى م. زۇلپىقاروف ئەسەرلىرىنىڭ ئون توملۇقىنى مۇشۇ ئىككى-ئۈچ يىل ئىچىدە نەشر قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: « مۇشۇ ئون توم ئىچىدە بىرىنچى ئۈچ كىتاب «يانار تاغ» رومانى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىلى تەۋەسىدە يۈز بەرگەن قوزغىلاڭلىرى ئاساسىدا يېزىلغان. كېيىنكى 4-ۋە 5-توملارغا كىرگۈزۈلگەن « سەراپ» رومانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىكى ۋەقەلىرى كىرگۈزۈلگەن.» ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ توملارنىڭ ئالتىنچىسىدا لۇتپۇللا مۇتەللىپ ھەققىدە رومان ۋە شۇنداقلا ئەخمەتجان قاسىمى ھەم غېنى باتۇر ھەققىدە ھېكايىلەر ئورۇن ئالغان. يازغۇچى ئەسەرلىرىنىڭ 7-تومىغا ئۇنىڭ پوۋېستلىرى، 8-تومىغا ئەدىبنىڭ ياش ۋاقىتلىرىدا ۋە كېيىنكى يىللىرى يازغان 40قا يېقىن ھېكايىلىرى كىرگۈزۈلگەن بولسا، 9-تومدا م. زۇلپىقاروفنىڭ يۈزگە يېقىن شېئىرلىرى ۋە « كوممۇنار»، « رىزۋانگۈل" قاتارلىق داستانلىرى ئورۇن ئالغان. 10-تومغا ئەدىبنىڭ سەھنە ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن. ك. زۇلپىقاروف دادىسى م. زۇلپىقاروفنىڭ مەتبۇئات سەھىپىلىرىدە ئېلان قىلىنغان ئەدەبىياتشۇناسلىق، خەلق ئېغىز ئىجادىيىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي ھاياتى ھەققىدە يازغان كۆپلىگەن ماقالىلىرىنىڭ، ئوچېركلىرىنىڭ، تەقرىزلىرىنىڭ كېيىنكى ئىككى تومغا پىلانغانلىقىنى، ئامما ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلار تۈپەيلى بۇ ئىككى تومنىڭ نەشر قىلىنمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ شۇنداقلا دادىسىنىڭ ئىلتىماسىغا بېنائەن نەشر قىلىنغان بۇ ئون تومنىڭ قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر تىلىدا بىلىم بېرىۋاتقان مەكتەپلەرگە، گېزىت ۋە ژۇرناللارغا، نەشرىياتلارغا، ئىلىم دەرگاھلىرىغا، جەمىيەتلىك بىرلەشمىلەرگە تارقىتىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، م. زۇلپىقاروف ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 40-يىللىرى ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بەرگەن مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتلەرگە ھەمدە « مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى»نى قۇرۇشقا ئاكتىپ قاتناشقان شەخسلەر بىلەن يېقىن ئارىلاشقان. بۇ ھەقتە پېشقەدەم ژۇرنالىست يادىكار سابىتوف مۇنداق دېدى: «مەسۈمجان ئاكىنى مەن كىچىكىمدىن باشلاپ ياخشى بىلىمەن. بىز غۇلجىدا دۆڭمەلىدە قوشنا ئولتارغان. مەسۈمجان ئاكا ئىلى تەۋەسىدە پارتلىغان « شەرقىي تۈركىستان مىللىيئازادلىق ھەرىكىتى» نىڭ پائال ئىشتراكچىلىرىدىن بىرى. ئۇ مىللىي ئارمىيەنىڭ كاپىتانى دەرىجىسىگىچە كۆتىرىلىپ، « شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» نىڭ ئوردېن-مېداللىرى بىلەن مۇكاپاتلانغان جەسۇر جەڭچى، بىزنىڭ ئاتاقلىق يازغۇچىمىز. مەن 1970-يىلى "يېڭى ھايات" گېزىتىنىڭ ئېچىلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇنىڭدا ئىشلەۋاتقان چاغلىرىمدا بىزگە ئەسەرلىرىنى ئېلىپ كەلگەندە ئۇزاق پاراڭلىشاتتۇق. مەسۈمجان ئاكىنىڭ ئاخىرقى ھاياتى ئالماتا شەھىرىنىڭ ئۇيغۇرلار زىچ ئورۇنلاشقان دوستلۇق مەھەللىسىدە ئۆتتى. مەن ئۇنىڭ بىلەن كۆپ مۇڭدىشاتتىم.»

م. زۇلپىقاروف ئۆزىنىڭ مەشھۇر «يانار تاغ» رومانىدىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلىدا 1930-يىللاردا شەكىللەنگەن ئىجتىمائىي، سىياسىي ۋەزىيەت ھەققىدىكى «سەراپ» ئوخشاش يەنە بىر چوڭ رومانىنى يېزىشقا كىرىشكەن ئىدى. بۇ جەرياندا ئۇ شۇ ۋاقىتتا ياشىغان تارىخىي شەخسلەر ھەققىدە كۆپلىگەن مەلۇماتلارنى توپلىغان. ئەنە شۇلار ئىچىدە ي. سابىتوفنىڭ دادىسى ئاتاقلىق مەرىپەتپەرۋەر ئەرباب تېيىپھاجى سابىتوفمۇ بولدى. بۇ ھەقتە ئەسلىگەن ي. سابىتوف يەنە مۇنداق دېدى: « ئۇ دادام توغرىلىق سورىغاندا مەن كۆپ نەرسىلەرنى ئېيتىپ بەردىم. "سەراپ" رومانى ئىلى ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ پائالىيىتى، ئىلىدىكى كۆپلىگەن ۋەقەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. مەسۈمجان ئاكا بىزنىڭ مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىمىزگە دائىر كۆپلىگەن مەلۇماتلارنى رۇس مەنبەلىرىدىن ئالغان ئىكەن. مەن ۋىكتور پېتروفنىڭ بىزنىڭ ئىنقىلاب توغرىلىق خېلە گەپلەر بار "ئاسىيانىڭ ئىسىيانكار يۈرىكى" دېگەن كىتابىدىن مۇھىم يەرلەرنى تەرجىمە قىلىپ بەرگەن ئىدىم.»

ي. سابىتوف م. زۇلپىقاروفنى شۇنداقلا ۋادىم ئوبۇخوفنىڭ « ئالتە ئىمپېرىيەنىڭ توقۇنۇشى» كىتابى، سىياسىي ئەرباب ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ پائالىيىتى ھەققىدىمۇ بەزى ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ م. زۇلپىقاروف ئوخشاش ئەدىبلەرنىڭ كەم ئۇچرايدىغانلىقىنى، ئىنسانىي پەزىلەتلىرى جەھەتتىن ئۇنىڭ باشقىلاردىن كەسكىن پەرقلىنىدىغانلىقىنى، بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭ ئىسمىنى ئەبەدىيلەشتۈرۈشتە بولۇپمۇ كۈرەش زۇلپىقاروفنىڭ زور ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

م. زۇلپىقاروف 1946-1947-يىللىرى بايانداي ھەربىي مەكتىپىنىڭ ئاتلىق قىسمىدا ئوقۇدى. 1948-يىلى 8-ئاپرېلدا غۇلجىدا مىللىي ئارمىيەنىڭ قۇرۇلغىنىغا ئۈچ يىل تولۇش مۇناسىۋىتى بىلەن ھەربىي پارات بولدى. غۇلجا شەھەرلىك زاپاس پولكى، كومېندانتى، ئارتىللېرىيە قىسمى ۋە ھەربىي مەكتەپ كۇرسانتلىرى ئۆتكەن مەزكۈر پاراتقا چوڭ لېيتېنانت م. زۇلپىقاروفمۇ قاتناشقان ئىدى. 1949-يىلنىڭ ئىيۇل ئېيىغىچە ئۇ ھەربىي مەكتەپتە ئىنسترۇكتور ۋە شتاب باشلىقى خىزمىتىدە بولدى. ئاندىن شۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە كاپىتان ئۇنۋانىدا "مۇزارت" داۋانى شاتى چېگرا گارنىزونىنىڭ باشلىقى خىزمىتىنى ئاتقۇرىدۇ. ئۇ ئۇيغۇر ئېلىدا خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتى ئورنىغاندىن كېيىن، 1950-يىلنىڭ ماي ئېيىغىچە غۇلجىدا مىللىي ئارمىيە باش شتابىدا ھەربىي تەييارلىق بۆلۈمىنىڭ ئىنسترۇكتورى بولۇپ ئىشلىدى. ئاندىن ئۇ ئۈرۈمچىگە چاقىرىلىپ، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى يېتەكچىلىكىدىكى ھەربىي رايوندا ھەربىي تەييارلىق باشقارما مۇئاۋىنى، ھەربىي، سىياسىي ئالىي كۇرسىنى تاماملىغاندىن كېيىن، بولسا، ئەترەت باشلىقى لاۋازىملىرىدا بولدى. م. زۇلپىقاروف ھەربىي خىزمەتتە كۆرسەتكەن جاسارىتى ئۈچۈن «پىدائىي»، « ساداقەت» ۋە باشقىمۇ ئوردېن-مېداللار بىلەن تەغدىرلەنگەن.