0:00 / 0:00
قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەرەققىياتىدا، جۈملىدىن ئۇنىڭ پروزا، پوئېزىيە ۋە دراماتورگىيە ساھەلىرىدە قەلەم تەۋرەتكەن ئاتاغلىق يازغۇچى مەسۈمجان زۇلپىقاروف ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈش تارىخى، بولۇپمۇ مىللىي ئازادلىق كۈرىشى ھەققىدە سالماقلىق ئەسەرلەر يېزىپ قالدۇردى. ئەدىپ ئەمگەكلىرى باشقىلار قاتارىدا ئۇنىڭ ئوغلى رەسسام كۈرەش زۇلپىقاروف ئىجادىيىتىگىمۇ يېقىندىن تەسىر قىلغان.
تۆۋەندە كۈرەش زۇلپىقاروف بىلەن بولغان سۆھبەتنىڭ داۋامىنى ئاڭلاڭلار.