خىتاي دائىرىلىرى نېمە ئۈچۈن گېنېرال مەھمۇت مۇھىتىنىڭ ھاياتىغا دائىر بەزى ئۇچۇرلارنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ؟

0:00 / 0:00

1933-يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» نىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى، گېنېرال مەھمۇت مۇھىتىنىڭ ۋاپات بولغان ۋاقتى،سەۋەبى ۋە ئورنى ھەققىدە ھازىرغىچە خىتاي ۋە چەتئەل مەتبۇئاتلىرىدا ئوخشىمىغان قاراشلار مەۋجۇت.

ئۇيغۇر رايونىدا نەشر قىلىنغان ھەر قايسى دەۋرلەردىكى تارىخىي ماتېرىياللاردا مەھمۇت مۇھىتىنى 1944-يىلى بېيجىڭدا ۋاپات بولغان دەپ خاتىرىلىگەن. ئۇيغۇر رايونىدىكى خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «ئىدىقۇت ئوغلانلىرى» ناملىق كىتابنىڭ 388-بېتىدە مەھمۇت مۇھىتى ھەققىدە توختىلىپ:«بەزى ماتېرىياللاردا يېزىلىشىچە، مەھمۇت سىجاڭ 1944-يىلى كېسەل بىلەن بېيجىڭدا ئۆلگەن» دەپ بايان قىلىدۇ.

ئۇندىن باشقا يەنە 1980-يىللاردىن كېيىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «شىنجاڭ تارىخىي ماتېرىياللىرى»ناملىق مەجمۇئەدە ئۇزۇن يىللاردىن بېرى مەھمۇت مۇھىتىغا ھەمراھ بولغان ۋە ئۇنىڭ تېۋىپلىقىنى قىلغان باي ئەزىز ئېلان قىلغان«مەھمۇت سىجاڭ بىلەن بىللە بولغان 12 يىل» ناملىق تارىخىي ئەسلىمىنىڭ بەشىنچى بۆلىكىدە يەنى «مەھمۇت سىجاڭنىڭ ۋاپاتى» دېگەن قىسمىدا مۇنداق دېيىلگەن:«مەھمۇت سىجاڭ ياپونىيەدىن قايتىپ كېلىپ بېيجىڭدا، ئىلگىرى قۇمۇل ۋاڭ تۇرىدىغان قەسىردە تۇردى. قالغانلىرىمىز كۆكخوتتا ئىدۇق. بىر قېتىم مەھمۇت سىجاڭ، توختى ھاجى، يۈسۈپ باي قاتارلىقلار بىرلىكتە كۆكخوتقا كېلىپ بىز بىلەن كۆرۈشۈپ " ئۇيۇشما قۇرۇش" توغرىسىدا مەسلىھەتلەشتى. شۇ كۈنلەردە مەھمۇت سىجاڭنىڭ مىجەزى كەم ئىدى. كېيىن بېيجىڭغا قايتىپ كەتتى. ئارىدىن بىرەر ئاي ئۆتكەندە، مەھمۇت سىجاڭنىڭ كېسەل بولۇپ ۋاپات بولغانلىقى توغرىلىق تېلېگرامما ئالدۇق. بۇ 1944-يىلىدىكى ئىش. بىزلەر بېيجىڭغا باردۇق. مەن مەھمۇت سىجاڭنىڭ ساندۇقىدىن بىر نۇسخا قۇرئان تەرجىمىسىنى تاپتىم. بۇ نۇسخىنى ساقلاپ يۈرۈپ ئۈرۈمچىگە كەلگەندە، مەھمۇت سىجاڭنىڭ قىزى ھەجەرخانغا بەردىم. كېيىن ئاڭلىسام، بۇ قۇرئان تەرجىمىسى نېمەت خەلپەتنىڭ قولىغا چۈشكەنىكەن.»

مەھمۇت مۇھىتى ھەققىدە يېزىلغان يۇقىرىقى ئەسلىمىنىڭ مۇئەللىپى تېۋىپ باي ئەزىز 20-ئەسىردە ئۇيغۇر تارىخىدا ئۆتكەن مەشھۇر تېۋىپلاردىن بىرى بولۇپ،زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان، باي ئەزىزنىڭ ھاياتى ھەققىدە تولۇق مەلۇماتقا ئىگە كىشىلەردىن بىرى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى مەسلىھەتچىلەر ئىشخانىسى تارىخ-مەدەنىيەت تەتقىقات يۇرتىنىڭ مەسلىھەتچىسى، باي ئەزىزىنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى شاگىرىتى ۋە ئۇنىڭ كۈيوغلى ئارىف مەمەتنىياز قېيىناتىسى باي ئەزىز ھەققىدە توختالدى.

تېۋىپ باي ئەزىزىنىڭ نام شەرىپى يەنە ياپونىيەدە ساقلىنىۋاتقان 1939-يىلى 5-ئايدا مەھمۇت مۇھىتى بىلەن ياپونىيەگە كەلگەن 15 كىشىنىڭ توكيودىكى ئىش ئىزلىرىغا ئائىت تارىخىي ھۆججەتلەردىمۇ كۆزگە چېلىقىدىغان بولۇپ، بۇ،ھەقتە قەلەم تەۋرەتكەن ياپونىيەلىك ئۇيغۇرشۇناس جۈن سۇگاۋارا 2005-يىلى ياپونىيەدە ئېلان قىلغان «ئۇيغۇرلار ۋە ياپونىيە ئىمپېرىيەسى»ناملىق ئىلمىي تەتقىقات ماقالىسىدە: «يەنە بىر كىشى مەھمۇت مۇھىتىدىن قالسا 2-نومۇرلۇق شەخس دەپ قارىلىدىغان باي ئەزىز دېگەن كىشىدۇر» دېيىلگەن.

ئارىف مەمەتنىياز يەنە، باي ئەزىزنىڭ نامى بىلەن ئېلان قىلىنغان «شىنجاڭ تارىخىي ماتېرىياللىرى» مەجمۇئەسىدىكى«مەھمۇت سىجاڭ بىلەن بىللە بولغان 12 يىل» ناملىق تارىخىي ئەسلىمىنىڭ ئېلان قىلىنىش جەريانىنى ئەسلەپ ئۆتتى.

ئىنگلىز تىلىدىكى بەزى كىتابلاردا بولسا، مەھمۇت مۇھىتىنىڭ ياپونىيەدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن 1945-يىلى يۈرەك كېسىلى بىلەن شىئەندە ۋاپات بولغانلىقىنى قەيت قىلىدۇ.

خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا مەھمۇت مۇھىتىنىڭ ھاياتىغا دائىر ئېلان قىلغان بارلىق تارىخىي كىتابلاردا ئۇنىڭ 1944-يىلى بېيجىڭدا ۋاپات بولغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

بىراق،تەيۋەندە ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىغا «شىنجاڭ تارىخى» ناملىق كىتابتا بولسا «مەھمۇت مۇھىتى 1945-يىلى شىئەندە يۈرەك كېسىلى بىلەن ۋاپات بولغان» دېيىلىدۇ.

ئۇنداقتا، مەھمۇت مۇھىتى زادى قاچان، نەدە، نېمە سەۋەبتىن ۋاپات بولغان؟
بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەرگەن شۇنداقلا زىيارىتىمىزنى قىزغىنلىق بولغان قوبۇل قىلغان ھازىر ئۈرۈمچىدە ياشاۋاتقان گېنېرال مەھمۇت مۇھىتىنىڭ ئاكىسى مەخسۇت مۇھىتىنىڭ ئوغلى، پېشقەدەم پىداگوك مەخسۇت مۇھىتى، مەھمۇت مۇھىتىنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە توختالدى.

ئاخىرىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيەلىك ئۇيغۇر تارىخىي مەسىلىلىرى مۇستەقىل تەتقىقاتچىسى رۇنا خانىم خىتاينىڭ مەھمۇت مۇھىتىنىڭ تارىخىغا ئائىت بەزى ئۇچۇرلارنى ئۆزگەرتىۋېتىشى ھەققىدە ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ھازىرغىچە ياپونىيەدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت تەتقىقات بىلەن خىتايدىكى بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتلاردا كۆپ پەرقلەر بار، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تەغدىرىگە ئائىت تەتقىقات تىمىلىرىدا بۇنى روشەن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. بەلكىم شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى، گېنېرال مەھمۇت مۇھىتىنىڭ ھاياتىغا دائىر بەزى ئۇچۇرلارنى ئۆزگەرتىۋېتىشىدىمۇ خىتاينىڭ بەلگىلىك سىياسىي غەرىزى بولۇشى مۇمكىن دەپ قارايمەن.»

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.