‏شىۋېتسىيەدىكى مەخمۇت قەشقىرى ئانا تىل مەكتىپى ئوقۇش باشلىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئېھسان
2015-09-07
Share
mexmut-qeshqiri-ana-til-mektipi.JPG مەخمۇت قەشقىرى ئانا تىل مەكتىپى ئوقۇغۇچىلىرى. 2015-يىلى 5-سېنتەبىر، ‏شىۋېتسىيە.
RFA/Éhsan

شىۋېتسىيەدىكى مەخمۇت قەشقىرى ئانا تىل مەكتىپى 5-سېنتەبىر كۈنى رەسمىي ئوقۇش باشلىدى. مەخمۇت قەشقىرى ئانا تىل مەكتىپى بۇ يىل يېڭى ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، ئىككى سىنىپ تەسىس قىلىنغان.

ئىگىلىشىمىزچە، بۇ مەكتەپ 5ياشتىن 11ياشقىچە بولغان ئۆسمۈرلەرنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، 5 ياشتىن 7 ياشقىچە بولغان ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن ساۋات چىقىرىش سىنىپى،7ياشتىن 11ياشقىچە ساۋاتى بار بولغان ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن يەنە بىر سىنىپ تەسىس قىلىنغان.

مەكتەپ مەسئۇللىرىدىن ئىگىلىشىمىزچە، مەخمۇت قەشقىرى مەكتىپى ئوقۇتقۇچىلار ۋە مەكتەپ ئوقۇتۇش پىلانىغا تۈزىتىش كىرگۈزگەن بولۇپ، ۋەتەندە ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇتقۇچىلار دەرس بېرىدىكەن. ئىككى سىنىپ ئۈچۈن ئىككى نەپەر ئانا تىل ئوقۇتقۇچىسى ۋە بىر نەپەر ياردەمچى ئوقۇتقۇچى، دىنىي دەرس بېرىش ئۈچۈنمۇ ئىككى نەپەر دىنىي دەرس ئوقۇتقۇچىسى ۋە بىر ياردەمچى ئوقۇتقۇچى سەپلەنگەن.

دەرس پىلانىدا بولسا، دەسلەپكى ئانا تىل ساۋاتىنى چىقىرىش ئۈچۈن ئېلىپبەنى ئاساس قىلغان ھالدا، كۆپ سۆزلەش، ئاڭلاش، يېزىشنى ئاساس قىلىپ، ئۇلارغا ھېكايە، چۆچەك ئوقۇپ بېرىش، ئۇيغۇرچە كارتون كۆرسىتىش قاتارلىق ئۇسۇللاردا دەرس ئۆتۈلىدىكەن.

ساۋاتى بار ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن ئۇيغۇرچە تېكىستلەرنى راۋان ئوقۇش، جۈملە تۈزۈش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر تىل ئەدەبىياتى، شەرقىي تۈركىستان تارىخى، ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرى، شەرقىي تۈركىستان جۇغراپىيەسى قاتارلىق دەرسلەر ئۆتىلىدىكەن.

‏مەكتەپ يەنە، ئوقۇش مەزگىلىدە بالىلارنىڭ شىۋېتسىيەنىڭ مەدەنىيەتلىرىدىنمۇ خەۋەردار قىلىش ئۈچۈن مۇزىيخانا، كۇتۇپخانا، مەسچىت قاتارلىق ئورۇنلارغا ئېلىپ بېرىپ ئۆسمۈرلەرنىڭ ئەتراپلىق تەربىيىلىنىشىگە ئەھمىيەت بېرىدىكەن.

دىنىي دەرسلىكمۇ ئوخشاشلا ئىككى سىنىپقا ئايرىلغان بولۇپ، ئۆسمۈرلەرنىڭ دىنىي ساۋاتىنى چىقىرىش، قۇرئاننى تەجۋىدلىك ئوقۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئەتراپلىق تەربىيىلەيدىكەن.

بىز دىنىي دەرس مەسئۇل ئوقۇتقۇچىسى بولغان تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ئۆمەر مەخسۇمنى زىيارەت قىلدۇق.

‏مەلۇم بولۇشىچە يەنە، مەخمۇت قەشقىرى ئانا تىل مەكتىپى، بۇ قېتىمقى يېڭى مەۋسۇمدا ھەر شەنبە كۈنى ئەتىگەن سائەت 10:00دىن 14:00كېچە دەرس ئېلىپ بارىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت