ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ھەربىي ئىشلارغا ئائىت ماتېرىياللار بۆلۈمىدە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئىلگىرىكى ئافغانىستان پايتەختى كابۇلدىكى ياپونىيە ئەلچىخانىسىدىن ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىغا يوللانغان ئۇيغۇرلارغا ئائىت كۆپلىگەن مەخپىي شىفىر بىلەن يېزىلغان تېلېگراممىلار ساقلانماقتا. بۇلارنىڭ بىر قىسمى قولدا يېزىلغان بىر قىسمى بولسا ماشىنكىدا ئۇرۇلغان تېلېگراممىلاردۇر.
توكيودا ساقلىنىۋاتقان بۇ تېلېگراممىلار ئىچىدە كابۇلدىكى ياپونىيە ئەلچىخانىسىدا ئۈچ يېرىم يىل باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن دىپلومات كىتادانىڭ ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىغا يوللىغان ئۇيغۇرلارغا ئائىت تېلېگراممىلارنىڭ ئۆزىلا مىڭ پارچىدىن ئارتۇق.
بۇ تېلېگراممىلارنىڭ سىرتىغا «مەخپىي» دېگەن تامغا ئۇرۇلۇش بىلەن بىرگە مەخپىيەتلىك نومۇرلىرى سېلىنغان.
ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىروتا كوكىغا ئەڭ دەسلەپكى يوللانغان تېلېگرامما 1934-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى مەخپىي تېلېگرامما بولۇپ، مەزكۇر تېلېگراممىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي ۋەزىيىتى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار ۋە ئۇچۇرلارنىڭ ئافغانىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن ئېلىنغان ئاخباراتقا ئاساسەن يوللانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
كابۇلدىكى ياپونىيە ئەلچىسى كىتادانىڭ 1935-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىروتا كوكىغا يوللىغان ئىككىنچى تېلېگراممىسى «شىنجاڭ ھەققىدە ئۇچۇر، سوۋېت، ئەنگلىيە، ئافغانىستان ۋە جۇڭگونىڭ ھازىرقى ئەھۋالى» دېگەن نامدىكى تېلېگراممىسى بولۇپ، مەزكۇر تېلېگراممىنىڭ مەخپىي نومۇرى 6، جەمئىي 34 بەتتىن ئىبارەت.
تېلېگراممىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى كابۇلدىكى ياپونىيە باش ئەلچىسى كىتادانىڭ يېڭىدىن قۇرۇلغان «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» ھەققىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەشۋىقاتى توغرىسىدىكى ئۇچۇرى بولۇپ، مەزكۇر تېلېگراممىغا قارىغاندا، «سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى، خوتەن ئىسلام خەلىپىلىكىنى ئەنگلىيە قۇردى. بۇ ئەنگلىيەنىڭ ئىستراتېگىيىلىك پىلانى» دېگەن تەشۋىقاتنى ئېلىپ بارغان، ئەمەلىيەتتە بولسا ئەنگلىيە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە قىزىققان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە ئوتتۇرا يول تۇتقان. شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ھېچقانداق ياردەم بەرمىگەن. سەۋەبى ئەنگلىيە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشىنى قوللىسا ئۆزىنىڭ مۇستەملىكىسى كەشمىر پادىشاھلىقىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىپ، توپىلاڭ كۆتۈرۈشىدىن ئەنسىرىگەن.
تېلىگىراممىدا، «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى، خوتەن خەلىپىلىكى ئەنگلىيە، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆزلىرى تاللاپ ئېلىپ بارغان مۇستەقىللىق يولى ئارقىلىق قۇرۇلغان ھاكىمىيەتلەر». دەپ، قارىغان باش ئەلچى كىتادا ئەپەندى سىياسىي مۇلاھىزىسىنىمۇ يوللىغان.
كابۇلدىكى ياپونىيە ئەلچىسى كىتادانىڭ 1935-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى خوتەن ئەمىرى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا بىلەن كابۇلدا مەخپىي ئۇچراشقاندىن كېيىن، ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىروتا كوكىغا يوللىغان مەخپىي 17853 نومۇرلۇق تېلېگراممىسىدا، «خوتەن ئىسلام خەلىپىلىكىنىڭ ئەمىرى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ ھازىر تولىمۇ قېيىن ئەھۋالدا قالغانلىقىنى، ھەتتا خوتەندىن قېچىپ، خوتەن چېگرىسى ئەتراپىدا مۆكۈنۈپ يۈرگەنلىكى، ئۇنىڭ ياردەمگە موھتاجلىقى» بىلدۈرۈلگەن.
ئەلچى كىتادانىڭ 1936-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى يوللىغان مەخپىي 811 نومۇرلۇق تېلېگراممىسىدا مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ كابۇلدىكى ياپونىيە ئەلچىخانىسىنى مەخپىي زىيارەت قىلىپ سۆھبەتتە بولغانلىقى، بۇ سۆھبەتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ سۈرگۈندىكى رەھبەرلىرىنىڭ ياپون دىپلوماتلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان تۇنجى قېتىملىق ئۇچرىشىشى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.
تېلېگراممىدا مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ ياپونىيەگە قىلغان يېقىنچىلىق سۆزلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ياپونىيەگە بولغان كۆڭۈل-ئارزۇلىرى ئىپادىلىنىپ، مانجۇرىيە مۇستەقىللىقىدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ ياپونىيەگە كۆپرەك ئىشەنچى باغلىغانلىقى، سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ ياپونىيە ئەلچىسى كىتادىن ياپونىيەنىڭ ئۇيغۇرلارغا بۇ جەھەتتە ئىلھام بېرىشى بىلەن بىرگە قورال-ياراق جەھەتتىمۇ ياردەم قىلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
تېلېگراممىدا يەنە مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ ياپونىيە ئەلچىسىدىن بەش مىڭ دانە مىلتىق، يۈز دانە ئاپتومات ياردەم بېرىشىنى ئىلتىماس قىلغانلىقى ۋە بۇ قوراللارنى ئافغانىستان ئارقىلىق تاپشۇرۇپ ئېلىشنى سورىغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.
ئەلچى كىتادا ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىروتا كوكىغا يوللىغان مەخپىي تېلېگراممىسىدا مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى تۇرۇش ئىدىيىسىنىڭ كۈچلۈكلۈكىنى، سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئىبارەت بۇ بۇ كوممۇنىستلارغا قارشى تۇرۇشتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىدىيىسىنىڭ ياپونلار بىلەن تامامەن ئوخشاشلىقىنى بايان قىلغان.
تېلېگراممىدا: «مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا بىلەن بولغان سۆھبەت ناھايىتى كۆڭۈللۈك بولدى» دېيىلگەن.
كابۇلدىكى ياپون ئەلچىسى كىتادانىڭ 1936-يىلى 5-ئاينىڭ 4-كۈنى ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىروتا كوكىغا يوللىغان مەخپىي تېلېگراممىسىدا، شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنىڭ ھازىر ياپونىيەگە تەلپۈنۈش، يېقىنلىشىش ئۈمىدىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئەلچى كىتادا تېلېگراممىدا يەنە ئۆزىنىڭ تەھلىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «ھازىر ياپونىيە ئاسىيادا بىردىن-بىر كۈچلۈك دۆلەت بولغانلىقىدىن ۋە شۇنداقلا دۇنيادا ئېتىراپ قىلغانلىقىدىن ئاسىيا خەلقى ياپونلاردىن قانچىلىك ئۈمىد كۈتۈۋاتقانلىقىنى ياپون ھۆكۈمىتى، خەلقى ھېس قىلالمايدۇ ۋە بىلمەيدۇ»، دەپ، بايان قىلغان.
كىتادا ئۆزىنىڭ تېلېگراممىسىدا: «ئوتتۇرا ئاسىيادا تۇرۇپ ئاسىيالىقلارنىڭ ياپونىيەگە بولغان كۈچلۈك مۇھەببىتىنى ھېس قىلدىم» دەپ يازغان.
تېلېگراممىدا: «سوۋېت ئىتتىپاقى ھازىر شەرقىي تۈركىستاندا ياپونغا قارشى تۇرۇش ھەققىدە تەشۋىقات ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. ياپونىيەنىڭ پان-ئاسىيائىزم ھەرىكىتى نورمال ھەرىكەت. ياپونلارنىڭ ئىدىيىسى مۇستەملىكىچىلىك ئىدىيىسى ئەمەس» دېيىلگەن. تېلېگراممىدا «شۇنداقلا مانجۇرىيە دۆلىتى ياپونىيە تەرىپىدىن قۇرۇلۇپ تىز گۈللەنگەنلىكى ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقى ياپونلارغا بەكمۇ ئىشەنگەن. شۇڭا شەرقىي تۈركىستان خەلقى ياپونىيەدىن مەنپەئەت ۋە ئۈمىد كۈتمەكتە» دېيىلگەن.
ياپون ئەلچىسى كىتادانىڭ كابۇلدىن توكيوغا يوللىغان بارلىق تېلېگراممىلىرىدا مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ ئىسمى «خوتەن ئەمىرى» ۋە شۇنداقلا ياپونچە «ساكۇرا» دېگەن ئىسىملار قوللانغان بولۇپ، «مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا» دېگەن ئىسىم ئىشلىتىلمىگەن.
ياپون تىلىدىكى «ساكۇرا» نىڭ مەنىسى «گۈل» ۋە ياكى مەۋھۇم نەرسىلەرگە قارىتىلىپ ئېيتىلغان بولسىمۇ ئەمما مۇھەممەد ئىمىن بۇغراغا قوللانغان «ساكۇرا» بۇ مەنىلەردىن يىراق بولۇپ، «ساكۇرا» نامىنىڭ خەت شەكلى ياپونىيە چىبا ئۆلكىسىنىڭ ساكۇرا شەھىرىنىڭ خەت شەكلى بىلەن ئوخشاش خەت شەكلى قوللىنىلغان.
ئاخىردا مەزكۇر ماتېرىياللارغا ئائىت ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار مىساكى خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ كىتادا ھەققىدە توختالدى.
كىتادا كابۇلدا كابۇلغا كېلىشتىن ئىلگىرى، مىسىر، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ياپونىيە ئەلچىخانىسىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن. ئۇ، ياپونىيەنىڭ ئىسلام ئەللىرى بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشىدا زور رول ئوينىغان دىپلومات.