سابىق مىللىي ئارمىيە مايورى: مەن 5 يىل مىللىي ئارمىيە باش قوماندانلىرى بىلەن بىرگە ئىشلىگەن ئىدىم

0:00 / 0:00

ھازىر قىرغىزىستاننىڭ بىشكەك شەھىرىدە ياشاۋاتقان 93 ياشلىق خەمىت كەنجىبايېف ئەپەندى 1944-1949-يىللىرىدىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ قاتناشقۇچىسى ۋە مىللىي ئارمىيىنىڭ قابىل ئوفىتسېرلىرىدىن بىرى ئىدى. ئۇ، ئۆزىنىڭ مىللىي ئارمىيە باش قوماندانلىق شتابىدا ئىشلەش جەريانىدا كۆرگەنلىرىنى ئەسلەپ ئۆتتى.

مايور خەمىت كەنجىبايېف 5 يىل باش شتابتا ئىشلەش جەريانىدا مىللىي ئارمىيىنىڭ ئالىي قوماندانلىرى بىلەن بىرگە ئىشلەپ،ئۇلارنىڭ ئىش-ئىزلىرىغا شاھىت بولغان ئىدى.

1942-يىلى غۇلجادىكى رۇس ئوتتۇرا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن خەمىت كەنجىبايېف بىر مەزگىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلىش جەريانىدا 1944-يىلى ئىنقىلاب پارتلىغاندا قوزغىلاڭغا قاتناشتى. ئەمما رۇس تىلىنى ياخشى بىلگەنلىكى ئۈچۈن باش قوماندانلىق شتابىدا بۆلۈم باشلىقى بولۇپ ئىشلىدى ھەمدە بۇ جەرياندا سوۋېت ئىتتىپاقى ئەۋەتكەن ھەربىي مەسلىھەتچىلەر بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىلەردە بولدى. ئۇ، بۈگۈنكى سۆھبىتىمىزدە باش قوماندانلىق شتابىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندانلىرى ۋە مەسلىھەتچىلەرنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.