8-ئاپرېل كۈنى قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەك شەھىرىنىڭ 1-ئالامېدىن رايونىدىكى مەرىپەت ئۆيىدە قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئارمىيىسىنىڭ 71 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى بولۇپ ئۆتتى. شەھەر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلاردىن كەلگەن ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى قاتناشقان مەزكۇر مۇراسىمگە «ئىتتىپاق» رەئىسى ئارتىق ھاجىيېف رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ يىغىننى ئوچۇق دەپ ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئەركىنلىك ئۈچۈن قۇربان بولغانلارغا ئاتاپ خەتمە قۇرئان ئوقۇلۇپ، جەمئىيەت رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى بەختىيار قاسىم مىللىي ئارمىيىنىڭ قۇرۇلۇش تارىخى ۋە ئۇنىڭ بېسىپ ئۆتكەن جەڭگىۋار يولى ھەققىدە دوكلات قىلدى.
مۇراسىمدا سۆزگە چىققان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئارمىيىسىنىڭ سابىق جەڭچىلىرى مەسئۇد ھاجى مۇسايېف ۋە ئابلىمىت ھاجى باكرىيېفلار ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 40-يىللىرى ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بېرىلغان مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى ھەم ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ئارمىيە سېپىدىكى خىزمەتلىرى ھەققىدە ئەسلىمىلىرىنى بايان قىلدى.
1946-يىلى 16 يېشىدا پىدائىي بولۇپ ئۇرۇشقا ئاتلانغان مەسئۇد ھاجى مۇسايېف رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، شۇ چاغلاردا بېشىدىن ئۆتكەنلىرى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «تېكەس 1-ئاتلىق پولكىغا يوللانما بەردى. موڭغۇلكۈرەدە كومېندانت ئېسكادرونىدا خىزمەت قىلدۇق. شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىمىز يېڭى قۇرۇلغان مەزگىللەردە ئىقتىسادىي تەرەپتىن يېتىشمەسلىك ئەھۋاللىرى بولۇپ تۇراتتى. شۇنداق بولسىمۇ مىللىي ئارمىيە ئەسكەرلىرىنىڭ روھى ناھايىتى ئۈستۈن ئىدى. چۈنكى ئاي يۇلتۇزلۇق بايرىقىمىز قولىمىزدا تۇرسا، دۆلىتىمىز قۇرۇلۇۋاتسا، ئەلۋەتتە، خۇشال بولاتتۇق. شۇ ۋاقىتتا ئىسھاقبېكنىڭ 1-ئاتلىق پولكى تەشكىللەنگەن ۋاقتى ئىكەن. ئاقسۇغا چۈشۈپ، قەشقەرنى ئالىمىز دەپ تەييارلىنىۋاتقان ۋاقىت ئىدى. شۇ ۋاقىتتا بىتىم مەسىلىسى چىقىپ، ھەممە نەرسە توختاپ قالدى.»
مىللىي ئارمىيىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىدا شۇنداقلا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قىرغىزىستان بويىچە ۋەكىلى روزىمۇھەممەت ئابدۇلباقىيېف سۆزگە چىقىپ رابىيە قادىر باشلىق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىشلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئۇ مۇشۇ يىلى فىرانسىيە پايتەختى پارىژدا دۇنيا ئۇيغۇرلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىدىغانلىقىنى، 30-مارت كۈنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئەلمۇنېر فوندىنىڭ «ئۆمۈرلۈك نەتىجە» مۇكاپاتىنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى، شۇنداقلا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىجرائىيە كومىتېت رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى»نىڭ ئەركىنلىك مېدالى بىلەن مۇكاپاتلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مىللىي ئارمىيە جەڭچىسى ئابلىمىت ھاجى باكرىيېف 1945-يىلى 8-ئاپرېل كۈنى غۇلجىدا مىللىي ئارمىيىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ رەسمىي ئېلان قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «شۇ ۋاقتىدا غۇلجىدا ئازاد نىشانلىق 2-پولك قۇرۇلدى. بۇ پولك كەڭساي، جىڭ، شىخۇ فرونتلىرىنى بېسىپ ئۆتۈپ، ماناس دەرياسىنىڭ بويىغا بارغاندا، 1946-يىلى مارت ئايلىرىدا ئازادلىق ئارمىيىگە پىدائىي بولۇپ كىرگەنىدىم. ماناستا بىز ئوكوپلاردا ئالتە ئاي خىزمىتىمىزنى ئۆتكۈزدۇق. نۇرغۇن جاپا تارتتۇق. ئەمما جاپا تارتساقمۇ مىللىي ئارمىيە قۇردۇق، شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر دۆلىتى قۇرىدىكەنمىز، خىتاينى قوغلاپ چىقىدىكەنمىز دېگەن خۇشاللىق بىلەن، بىز بۇ ئىنقىلابنى قىلغان. قىلغان ئىشلىرىمىز ۋەيران بولدى. ئۈمىدىمىز ئۈزۈلدى. بۇ يەرلەرگە چىقىپ، بۇ يەرلەردىمۇ كۆرگەننى كۆردۇق. خۇداغا مىڭ قات شۈكرى، دېگەن بىلەن رابىيە قادىر ئايال جېنى بولسىمۇ، ۋەتەن داۋاسىنى قىلىپ، دۇنياغا جار سېلىپ چىققاندىن كېيىن، يەنە قەددىمىز كۆتۈرۈلدى.»
مۇراسىم ئاخىرىدا قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئارتىق ھاجىيېف شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئارمىيىسىنىڭ سابىق جەڭچى، ئوفىتسېرلىرىغا سوغىلىرىنى تاپشۇردى.