مەلۇمكى، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 40-يىللىرى ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىلغان مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى نەتىجىسىدە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ جەڭگىۋار مىللىي ئارمىيە قىسىملىرى گومىنداڭ باسقۇنچىلىرىغا قارشى شىددەتلىك جەڭلەرنى يۈرگۈزگەن ئىدى. شۇنىڭدىن بۇيان 70 يىلدىن ئوشۇق ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، شۇ ۋەقەلەرنىڭ بەزى شاھىتلىرى ھازىر قازاقىستاندىمۇ ياشىماقتا. ئۇلار مىللىي ئارمىيىنىڭ بېسىپ ئۆتكەن شانلىق سەھىپىلىرى، جەڭچىلەرنىڭ قەھرىمانلىقى ۋە ۋەتەنگە بولغان ساداقىتى ھەققىدە كۆرگەنلىرىنى ھازىرمۇ ئۆز خاتىرىلىرىدە ساقلاپ كەلمەكتە.
ئۆز ۋاقتىدا «ئىنقىلابىي شەرقىي تۈركىستان» گېزىتىنىڭ خادىمى بولۇپ ئىشلىگەن تاتار خەلقىنىڭ ۋەكىلى، تارىخچى مۇنىر يېرزىننىڭ ئېيتىشىچە، 1944-يىلى غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ چوڭ مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ نەتىجىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «ئۇنىڭغا مىللەتپەرۋەر، ۋەتەنپەرۋەر كىشىلەر قاتناشقان. ۋاقىت ئۆتسىمۇ بۇ ھەر ۋاقىتتا خەلقنىڭ خاتىرىسىدە بولۇشقا تېگىشلىك. چۈنكى ئۆزىنىڭ زېمىنىدا ياشىغان ئۇيغۇر خەلقى بۇ ۋەقەلەرنى ھېچقاچان ئۇنتۇمايدۇ. ئۆتمۈشى يوق خەلقنىڭ كېلەچىكى يوق. بۇ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ شانلىق، شۇنىڭدەك پاجىئەلىك تارىخى بولدى. ئۇ دەۋردە خەلقنىڭ ئالغان ساۋاقلىرى چوڭ بولدى. ئەلۋەتتە، بۇلار ئۇنتۇلمايدۇ.»
ئەنە شۇ ۋەقەلەر شاھىتلىرىنىڭ بىرى، سابىق مىللىي ئارمىيە جەڭچىسى، 88 ياشلىق نۇرمۇھەممەت ئاكا سادىقوف ئازادلىق ئۇرۇشىغا پىدائىي بولۇپ ئاتلىنىپ، مىللىي ئارمىيىنىڭ ئاتلىق دىۋىزىيون كوماندىرى مىرزىگۈل ناسىروفنىڭ قول ئاستىدا خىزمەت قىلدى. ن. سادىقوف 1928-يىلى ئاۋغۇست ئېيىدا غۇلجا شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ دادىسى مالىك موزدۇزچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ دەسلەپتە غۇلجا قارادۆڭ مەكتىپىدە، ئاندىن مۇزىكا مەكتىپىدە ئوقۇغان.
ھازىر ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ تۇرگېن يېزىسىدا ئىستىقامەت قىلىۋاتقان ن. سادىقوف رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلىرىنى بايان قىلدى.