ئىبراھىم ياۋاخۇنوف: 1944-1949-يىللىرىدىكى مىللىي ئىنقىلابتا تۇڭگانلار ئۇيغۇرلار بىلەن بىر سەپتە كۈرەش قىلدى (2)
2013.05.20
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىلى تەۋەسىدە ياشىغان تۇڭگانلار ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېقىنقى ئىككى ئەسىرلىك سىياسىي تارىخى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇلار 1944-1949-يىللىرىدىكى مىللىي ئىنقىلابتا ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق خەلقلەر بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ كۈرەش قىلغان ئىدى.
قازاقىستاندا ياشايدىغان سابىق مىللىي ئارمىيە ئوفىتسېرى ئىبراھىم ياۋاخۇنوف تۇڭگانلارنىڭ ئەنە شۇ ئىش- پائالىيەتلىرى ھەققىدە كىتاب نەشر قىلدۇردى ھەمدە مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ئاشۇ ۋەقەلەرنى ئەسلەپ ئۆتتى.
سابىق مىللىي ئارمىيىنىڭ تۇڭگان مىللىتىدىن بولغان ئوفىتسېرى، ھازىر ئالماتادا ياشاۋاتقان 87 ياشلىق ئىبراھىم ياۋاخۇنوفنىڭ 2008-يىلى، ئالماتادا نەشر قىلىنغان «تۇڭگانلارنىڭ ئۆتمۈشى، بۈگۈنى ۋە ئەسلىمىلەر» ماۋزۇلۇق كىتابىدا ئۇنىڭ مىللىي ئارمىيە تۇڭگان مۇستەقىل دىۋىزىيونى تەركىبىدە جىڭ ئۇرۇشىغا قاتنىشىش جەريانى ۋە تۇڭگان جەڭچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن بىر سەپتە جىڭ ئۇرۇشىدا كۆرسەتكەن قەھرىمانلىقلىرى بايان قىلغان.
ئۇ مۇنداق يازىدۇ: «1945-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى تۇڭگان دىۋىزىيونىڭ قوماندانلىق تەركىبى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كەلگەن ئوفىتسېرلار بىلەن كۈچەيتىلدى. سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كەلگەنلەر، كاپىتان رەھىموف، چوڭ لېتىنانت سۇبانوف جۇغرا، لېتىنانت ئەرگەش مۇسائەۋ، ئېسكادرون كومادىرى كۇچمەنكو ئالېكسېي، مايور ئىۋانوف ۋە باشقىلار ئىدى.
6-سېنتەبىر كۈنى يۇڭجىخۇ ئېلىندى، بۇ جەڭدە سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كەلگەن ئۆزبېكىستانلىق لېيتېنات، ئەرگەش مۇسايېف ئۆلدى ۋە شۇ كۈنى ئۇنىڭ جەسىتى سوۋېت ئىتتىپاقى ئېلى كېتىلدى. 8-9-چېسلا كۈنلىرى پۈتۈن جىڭ ئازاد قىلىندى. بۇ جەڭدە نۇرغۇن جەڭچى-ئوفىتسېرلار ھاياتىدىن ئايرىلدى».
ئىبرايىم ياۋاخۇنوفنىڭ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ جىڭ سوقۇشى جەريانىدىكى تۇڭگان باتاليونىنىڭ قىلغا ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى ئەسلىدى.
ئىبراھىم ياۋاخۇنوفنىڭ ئېيتىشىچە ھەتتا بۇ جەڭلەرنىڭ بىرىدە ئەسلىدە گومىنداڭ قوشۇنىدا ئىشلەپ ئەسىرگە چۈشكەندىن كېيىن مىللىي ئىنقىلابقا قاتناشتۇرۇلۇپ، تۇڭگان باتاليونىنىڭ ئەسكىرىگە ئايلانغان بىر قانچە نەپەر ئىچكىرىدىن كەلگەن تۇڭگانلار ئىچكى قىسىمدا پۈتۈشۈپ، مەنسۇر لومىيېف قاتارلىقلارنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان ھەم گومىنداڭغا ئۇچۇر يەتكۈزگەن ۋەقە بولغان.