خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى يوقىتىش مەقسىتىگە يېتەلەمدۇ؟

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018.10.29
xitaylashturush-kiyim-2.jpg ئەتراپى سىم تىكەن بىلەن چېگرىلانغان يەسلىدە، قارانچۇقسىز قانغان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەرگە خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ تۈسىنى ئالغان كىيىملەر كىيدۈرۈلگەن.
Social Media

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان لاگېر سىستېمىسى ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان سىياسەتلىرى خەلقئارادا كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچراۋاتقان بىر پەيتتە، ئۇيغۇر رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن چۈەنگو بىر يىغىندا سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە مەڭگۈلۈك ئەمىنلىك بەرپا قىلىش ئۈچۈن ھازىرقى سىياسەتلەرنى 200 يىللىق كۈرەش نىشانى بويىچە قەتئىي داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئارزۇ قىلغان نىشانىغا يېتەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

28-ئۆكتەبىر كۈنى ئۇيغۇر ئېلىدە «ئاپتونوم رايون بويىچە تەشۋىقات -ئىدىيە خىزمەت يىغىنى چاقىرىلغان. يىغىندا، ئۇيغۇر رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن چۈەنگو سۆز قىلىپ، «خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، مەڭگۈلۈك ئەمىنلىكنى قولغا كەلتۈرۈش باش نىشانىغا يېتىشنى» تەكىتلەپ ئۆتكەن.

چېن چۈەگونىڭ يىغىندا قىلغان سۆزىنىڭ تېكىستى «تەڭرىتاغ تورى» دا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇ يىغىندا قىلغان سۆزىدە، 5 ماددا بويىچە: «شىنجاڭدا مەڭگۈلۈك ئەمىنلىكنى بەرپا قىلىپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى 200 يىللىق كۈرەش نىشانىنى تەۋرەنمەي قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش، سىياسىي ئىدىيە جەھەتتە ئىپادە بىلدۈرۈش ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرۇش، ئىككى يۈزلىمىچىلەر ۋە دىنى ئاشقۇنلارنى داۋاملىق قېزىپ چىقىرىش، ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى كۈرەشنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرۇش، پانتۈركىزم ۋە پان-ئىسلامىزغا قارشى كۈرەش قىلىش، ھەرقايسى مىللەت كادىر -ئاممىسىنىڭ توغرا بولغان دۆلەت ئېڭى، تارىخ ئېڭى، مىللەت ۋە مەدەنىيەت ئېڭى، دىن ئېڭىنى تۇرغۇزۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش، «شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى تونۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش» قاتارلىقلارنى تەكىتلىگەن.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، چېن چۈەنگونىڭ يۇقىرىدىكى بۇ سۆزلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە نۆۋەتتە ئىجرا قىلىۋاتقان يېپىق تەربىيە لاگېرلىرىنى ۋە «قايتا تەربىيەلەش» دەپ ئاتىلىۋاتقان، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان سىياسىتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنىڭ سىگنالى ئىكەن. ئامېرىكىدىكى سىياسىي ئانالىزچى، ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ ھەقتىكى سۆزىدە، بۇ سىگنالنىڭ بىر ياقتىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈمىدىنى سۇندۇرۇش ئۈچۈن بېرىلگەن بولسا، يەنە بىر ياقتىن ئۇيغۇر ئېلىدە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان خىتاي كادىرلارغا مەدەت بېرىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئېيتىدۇ.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كوممۇنىستىك پارتىيە كومىتېتى، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى، مەدەنىيەت نازارىتى، ئاخبارات-تور ئۇچۇر ئىدارىسى قاتارلىق تەشۋىقات-ئىدىيەۋى ئىشلارنى قىلىدىغان ئورۇنلارنىڭ باشلىقلىرىنى يىغىن ئاچقان مەزكۇر ئىدىيەۋى كۈرەش ۋە تەشۋىقاتنى كۈچەيتىش يىغىنىغا يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ۋە تەقىبلەشكە يېتەكچىلىك قىلىۋاتىدۇ دەپ قارىلىۋاتقان پارتكوم سىياسىي-قانۇن كومىتېتى مەسئۇلى جۇ خەيلۈن رىياسەتچىلىك قىلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان «كەسپىي تەربىيەلەش ئورنى» دەپ نام بېرىلگەن لاگېرلارغا بىر مىليوندىن ئوشۇق ئۇيغۇرنى يىغىپ، ئۇلارغا خىتاي تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى زورلاش، لاگېرنىڭ سىرتىدىكىلەرنىمۇ پۈتۈن كۈنلۈك خىتايچە تىلى ئوقۇتۇشىغا ئورۇنلاشتۇرۇش، مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلى مائارىپىنى چەكلەش ۋە ھەتتا مەكتەپ قورۇسى ئىچىدە ئانا تىلدا سۆزلەشكەنلەرنى جازالاش، بالىلارغا جۇڭخۇا مەدەنىيىتى نامىدا خىتاي مەدەنىيەت ئامىللىرىنى سىڭدۈرۈش، ھالاللىققا قارشى تۇرۇش قاتارلىق ھەرىكەتلىرىنى شىددەت بىلەن كۈچەيتكەن ئىدى. خەلقئارادىكى دېموكراتىك ئەللەرنىڭ ۋە ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىپ كېلىۋاتقان ھەرقايسى تەتقىقاتچىلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكەتلىرىنى قاتتىق تەنقىد قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ پۈتۈنلەي ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ئامېرىكىدىكى كورنېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئانتروپولوگىيە پروفېسسورى ماگنۇس فىسكەسيۆ ئەپەندى بۇ ھەقتە رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، ئانىسىنىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى ئەسلىمىلىرىنى مىسال قىلىپ تۇرۇپ، بىر مىللەتنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى باشقىلارغا مەجبۇرلاپ تېڭىش ئارقىلىق، خىتاينىڭ كۆزلىگەن مەقسىتىگە يېتەلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇنىڭ ئانىسى نورۋېگىيەلىك بولۇپ، 1940-يىللاردا ناتسىستلار گېرمانىيەسى نورۋېگىيەنى بېسىۋالغاندا ئۇ تېخى 10 ياش ئىكەن. ناتسىستلار 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولۇپ نورۋېگىيەنى قايتۇرۇپ بەرگىچە بولغان 5 يىل جەرياندا نورۋېگىيەدىكى مەكتەپلەردىمۇ ئۇلار نورۋېگىيە بالىلىرىغا گېرمان تىلىنى مەجبۇرىي ئوقۇتقان ئىكەن. جۈملىدىن ئۇنىڭ شۇ چاغلاردا 10-15 ياشلاردا بولغان ئانىسىمۇ مەكتەپتە گېرمانچە ئوقۇشقا مەجبۇر بولغانىكەن. ماگنۇس ئەپەندى ئەسكەرتىپ: «مانا شۇ سەۋەبلىك ئاپام ئۆمۈر بويى گېرمان تىلىدىن بىزارلىق ھېس قىلىپ كەلگەن ئىدى. چۈنكى، بۇ تىل ئۇنىڭغا مەجبۇرىي تېڭىلغان. شۇڭا مەن بۇنداق سىياسەتلەرنى ئەكس تەسىر پەيدا قىلغۇچ سىياسەتلەر، دەپ قارايمەن. مەسىلەن، ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيتساممۇ، مەن خىتاي تىلىنى ياش ۋاقتىمدا ئۆزلۈكۈمدىن ناھايىتى زور ئىشتىياق بىلەن ئۆگەنگەن. ئۆزۈمنى خىتاي تىلىنى خېلى ياخشى ئۆگەندىم، دەپ قارايمەن. بىراق، ھازىر مەن چېغىمدا خىتاي تىلىدىن بىئاراملىق ھېس قىلىشقا باشلىدىم. ھەر قېتىم مەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا خىتاي تىلىنى مەجبۇرلاۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى ئوقۇغىنىمدا شۇنداق بىئارام بولۇپ كېتىمەن. ئەسلىدە بۇ خىتاينىڭ ئۆزىگە زىيانلىق. خىتاينىڭ قىلىۋاتقانلىرى ئۇنىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىغا ناھايىتى زور زىيان بېرىۋاتىدۇ» دېدى.

دەرۋەقە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە دىن، ئىلىم-پەن، مائارىپ، تىل، مەدەنىيەت ۋە ئىقتىساد ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇيغۇرلارنى لاگېرغا تۇتقۇن قىلىش ئارقىلىق ئۆز مەقسىتىنىڭ ئۆزلىرى تەشۋىق قىلىۋاتقىنىدەك «تېررورلۇق ۋە دىنى رادىكاللىقنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنى تەربىيەلەش» ئەمەسلىكىنى ئوچۇق ئاشكارىلاپ بەرگەن ئىدى. ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگو «200 يىللىق كۈرەش نىشانى» دېگەن سۆزنى ئىشلىتىش ئارقىلىق خىتاينىڭ تاكى مەنچىڭ دەۋرىدىن باشلاپلا ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىشتىن ئىبارەت مەقسىتىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلاپ بەرگەن.

پروفېسسور ماگنۇس ئەپەندى بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىش سىياسىتىنى ئەمەلگە ئاشىدۇ، دەپ قارىمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ سۆزىدە: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى لاگېرغا سولاش ئارقىلىق ئۇلارنى قاتتىق قورقۇتۇشى ۋە بۇ ئارقىلىق بويسۇندۇرۇشى مۇمكىن. ئىلگىرى ناتسىستلارنىڭ يەھۇدىيلارغا يۈرگۈزگەن لاگېر سىياسىتىدىمۇ ئوخشاش ئەھۋال كۆرۈلگەن. ئەپسۇس، ئۇيغۇرلار بىر مەزگىل قورقۇش تۈپەيلىدىن ۋاقىتلىق بويسۇنۇشى ۋە بەزى نەرسىلەردىن ۋاز كېچىشى مۇمكىن. چۈنكى ئۇلارنىڭ بېشىدىن ئۆتكۈزگىنى ناھايىتى ئېغىر بىر تراگېدىيە. بىراق، بۇ دېگەنلىك مىللەت يوقايدۇ دېگەنلىك ئەمەس. ئۇزۇن مۇددەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا بۇ يوقىتىلغان قىممەت قاراشلار قايتىپ كېلىدۇ. مىللەت ئاستا -ئاستا ئەسلىگە كېلىدۇ ئەمما ھەرگىز يوقىمايدۇ» دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.