چەرچەن ناھىيەلىك دائىرىلەر ئۆزى چىقارغان ھۆكۈمەت ھۆججىتى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىشتىن باش تارتتى

0:00 / 0:00

چەرچەن ناھىيەلىك دائىرىلەر «مىللىيلار بىلەن خەنزۇلارنىڭ تويلىشىشىنى رىغبەتلەندۈرۈش چارىسى» ناملىق ھۆججەت چىقارغاندىن كېيىن، جەمئىيەتتە كۈچلۈك غۇلغۇلا پەيدا بولغان.

يېقىندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا يەنە چەرچەن ناھىيەسىنىڭ ھەرقايسى يېزا-كەنتلىرىدە توي-تۆكۈنلەرنى دىندىن خالىيلاشتۇرۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

ئۇنداقتا، چەرچەن ناھىيەلىك دائىرىلەر نېمە ئۈچۈن ئۆز تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ تويلىشىشىنى رىغبەتلەندۈرىدىغان قىزىل باشلىق ھۆكۈمەت ھۆججىتى چىقاردى؟ يېقىندىن بۇيان مەزكۇر ھۆججەتنىڭ قانچىلىك ئۈنۈمى كۆرۈلدى؟

بىز بۇ ھەقتە نەق مەيداندىن ئۇچۇر ئىگىلەش ئۈچۈن چەرچەن ناھىيەلىك مىللەتلەر ۋە دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىگە تېلېفون قىلدۇق. تېلېفونىمىزنى مەزكۇر ئىدارىنىڭ باشلىقى تۇرسۇن ئەمەت ئالدى.

ئۇ بىزنىڭ «ناھىيەلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت بۇ ھۆججەتنى چىقىرىشتىن بۇرۇن سىلەرنىڭ ئىدارىدىن ياكى ناھىيەلىك ئىسلام دىنى جەمئىيىتىدىن ۋە ياكى دىنىي ساھەدىكى زاتلاردىن پىكىر ئالدىمۇ؟» دېگەن سوئالىمىزغا زورۇقۇش ئىچىدە مۇنداق جاۋاب بەردى: «ناھىيەلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت بۇ ھۆججەتنى چىقىرىشتىن بۇرۇن ھەر ساھەدىكى زاتلاردىن، بولۇپمۇ دىنىي ساھەدىكى ئىمام ۋە ئاخۇنۇملاردىن پىكىر ئالدى. بۇ ھۆججەت ناھىيەدىكى ھەر ساھە ئاممىسىنىڭ پىكرىنى ئالغاندىن كېيىن چىقىرىلغان ھۆججەت. ھېچكىمگە ئۇقتۇرماي ھۆججەت چىقىرىپ ئۇنى ئىجرا قىلىڭلار دېگەن گەپ يوق.»

بىز ئۇنىڭدىن يەنە، دائىرىلەرنىڭ بۇ ھۆججەتنى چىقىرىشتىكى مەقسىتى ۋە باشقا سەزگۈر تېمىلار ئۈستىدە سوئال سورىغىنىمىزدا، ئۇ جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى. «ئۇيغۇرلارنىڭ خەنزۇلار بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۆز ئىچىدىن تويلىشىشى نېمە ئۈچۈن رىغبەتلەندۈرۈلمەيدۇ؟» دېگەن سوئالىمىزنىمۇ جاۋابسىز قالدۇردى.

ئاخىرىدا ئۇ بىزدىن بۇ سوئاللارنى تېلېفوندا سورىماي، نەق مەيدانغا كېلىپ يۈزتۇرانە سۆزلىشىشىمىزنى ئېيتىپ تېلېفوننى قويۇۋەتتى.

مەلۇمكى، يېقىنقى زامان تارىخىدىن بۇيان ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ غەيرىي دىندىكىلەر بىلەن نىكاھلىنىشى، بولۇپمۇ خىتايلار بىلەن تويلىشىشى ئىنتايىن سەزگۈر مەسىلە سۈپىتىدە قارىلىپ كەلگەن.

مەيلى گومىنداڭ دەۋرىدە بولسۇن ياكى كومپارتىيە ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان دەسلەپكى يىللاردا بولسۇن، خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك مىللەتلەر بىلەن تويلىشىشى چەكلەنگەن. ھالبۇكى، چەرچەن ناھىيەلىك دائىرىلەر يېقىندا ئوچۇق-ئاشكارا چىقارغان مىللەتلەر ئارا تويلىشىشنى رىغبەتلەندۈرۈش ھەققىدىكى ھۆكۈمەت ھۆججىتى رايوندىكى بۇ سەزگۈر دىنىي ۋە مىللىي «پەرھىز» نى بۇزۇپ تاشلىغان.

ئىگىلىشىمىزچە، چەتئەللەردىكى مۇستەقىل تاراتقۇلار كۆپ قېتىم چەرچەن ناھىيەلىك ھۆكۈمەت ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا تېلېفون قىلىپ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن يەرلىك دائىرىلەر جاۋاب بېرىشنى رەت قىلغان.

بىز بۇ ئىشقا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئورۇن - چەرچەن ناھىيەلىك مىللەتلەر ۋە دىن ئىشلىرى ئىدارىسىگە تېلېفون قىلىپ ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىنى تەلەپ قىلغان بولساقمۇ، لېكىن ئىدارە باشلىقى تۇرسۇن ئەمەت سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشتىن باش تارتتى.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.