تۇرپان ئايدىڭكۆل يېزا، يەمشى كەنتىدىكى دېھقاننىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، مەزكۇر كەنتتىكى مىسكاندىن چىققان كېرەكسىز گاز ۋە باشقا داشقاللار سۇ ۋە مۇھىتنى بۇلغاپ، ئاھالىلارنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر كۆرسەتكەن. يېقىندا يەمشى كەنتىدىكى ياشانغان بىر ئايال دېھقان ئىنكاس بىلدۈرۈپ، بۇ مىسكاننىڭ مۇھىت بۇلغۇشى قىسمەن تۈزىتىلگەن بولسىمۇ، يەنىلا ئىشتىن توختىمىغانلىقىنى، يېقىنقى يىللاردا يېزا ئاھالىلىرىدە تۈرلۈك كېسەللىكلەرنىڭ كۆپىيىشكە باشلىغانلىقىنى ئىنكاس قىلدى.
بۇنىڭدىن 10 يىل ئىلگىرى يازدا بىر قانچە دېھقان رادىئومىز بىلەن ئالاقىلىشىپ، بۇ كەنتتە ئېچىلىشقا باشلىغان مىسكاندىن چىققان كېرەكسىز زەھەرلىك گاز ۋە باشقىلارنىڭ مۇھىتنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىغاندىن سىرت، كەنتتىكى ئۈزۈمچىلىك ۋە دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشقىمۇ زىيان ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلغان ئىدى. ئەينى چاغدا بۇ خەۋەر ئاشكارلانغاندىن كېيىن، دائىرىلەرنىڭ بۇ كانغا قارىتا تۈزەش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى.
دىققىتىڭلار مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ بۇ يەمشىلىك دېھقان ئايال بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىدە بولسۇن.
0:00 / 0:00