رۇسىيە فېدراتسىيەسىنىڭ پايتەختى موسكۋادا ئۇيغۇر رەسساملىرىنىڭ رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى. 10 - ئاينىڭ 24 - كۈنى ئېچىلىشى ئۆتكۈزۈلگەن رەسىم كۆرگەزمىسى خەلقئارالىق ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى 26 - چىسلا كۈنى ئاخىرلاشقىچە داۋاملاشتى. يىغىن جەريانىدا قىرغىزىستاندا تونۇلغان ئۇيغۇر رەسسام سابىقجان كامالوۋىچ باباجانوف ئەپەندى بىلەن قازاقىستانلىق تونۇلغان ئۇيغۇر رەسسام ماۋىدىنا گۈزەل ئابباس قىزى خانىم قاتارلىقلار رەسىم كۆرگەزمىسى ئاچتى. كۆرگەزمىگە 60 ئەتراپىدا ماي بوياق رەسىم قويۇلغان بولۇپ، قازاقىستانلىق ئۇيغۇر رەسسام ماۋىدىنا گۈزەل ئابباس قىزى خانىم ئاساسەن ئۇيغۇر ئاياللىرىنى تېما قىلغان رەسىملەرنى، قىرغىزىستاندا تونۇلغان رەسسام سابىقجان كامالوۋىچ باباجانوف بولسا ئاساسەن تارىختا ئۆتكەن ئۇيغۇر شەخىسلەرنى تېما قىلغان رەسىملەرنى كۆرگەزمىگە قويغان.
بۇ پائالىيەتنى موسكۋا ئىلىملەر ئاكادېمىيەسى بىلەن موسكۋا ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئۇيۇشمىسى بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن. ئۇيۇشما رەئىسى رەپقەت تۇرسۇنئوغلى سادىقوف رەسىم كۆرگەزمىسى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.
ماۋىدىنا گۈزەل ئابباس قىزى خانىم موسكۋادىكى بۇ كۆرگەزمىدە كۆرسىتىلىۋاتقان رەسىملەردە ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ئەكس ئەتتۈرۈلگەنلىكىنى بايان قىلدى ھەمدە ئۆزىنىڭ تەرجىمالى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.
رەسسام سابىقجان كامالوۋىچ باباجانوف موسكۋادىكى كۆرگەزمىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا ئۆتكەن قەھرىمانلىرى ۋە مەشھۇر شەخىسلىرىنى سىزغان رەسىملىرىنى كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. رەسسام سابىقجان كامالوۋىچ باباجانوف ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت ھاياتى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.
موسكۋا ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئۇيۇشمىسى رەئىسى رەپقەت تۇرسۇنئوغلى سادىقوف ئەپەندى موسكۋادا 500 ئەتراپىدا ئۇيغۇر بارلىقىنى، ئالدىمىزدىكى يىللاردا تېخىمۇ كۆپ مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
0:00 / 0:00