غەرب دۇنياسىدىكى ئۇيغۇرلار (1B)

0:00 / 0:00

مۇقەددىمە: ئەركىنلىك مەنزىلى ئىزدەپ

1952-يىلى ھىندىستاننىڭ كەشمىر رايونىدىن تۈركىيەگە كۆچۈرۈپ كېلىنگەن 2500 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە قازاق كۆچمەنلەر تۈركىيەنىڭ قەيسەرى ۋىلايىتىدىكى «تۈركىستانلىقلار» مەھەللىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

بۇنىڭدىن 64 يىل ئىلگىرىكى تارىخىي مەنزىللەرنى ئەسلەپ ئۆتكەن غۇلامىدىن پاختا ئەپەندى مۇنۇلارنى تەكىتلەيدۇ: «1952-يىلى ھىندىستاندا ۋاقىتلىق تۇرۇۋاتقان 2500 نەپەر مۇھاجىر تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىنىپ، قەيسەرى ۋىلايىتىگە يەرلەشتۈرۈلگەن ئىدى. شۇ چاغدا مەن دادام بىلەن بىللە ئىستانبۇلدىن قەيسەرىگە بېرىپ يۇرتداشلار بىلەن كۆرۈشتۈم. ئۇلارغا تۈرك ھۆكۈمىتى بېغى بار ئىككى قەۋەتلىك ئۆيلەرنى ياساپ، تاكى يەرلىشىۋالغىچە باجنى كەچۈرۈم قىلغان ئىكەن. شۇنداق قىلىپ بۇ جايدا مەلۇم كۆلەمدىكى ئۇيغۇر مەھەللىلىرى شەكىللەنگەن. مەن يېقىنقى يىللاردا قەيسەرىگە بارسام، بۇ مەھەللىلەرگە ئون نەچچە قەۋەتلىك ئېگىز بىنالار سېلىنىپ، كاتتا شەھەر بولۇپ كېتىپتۇ...»

ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان پېشقەدەم ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ھامىدخان كۆكتۈرك ئەپەندى 2009-يىلىدىن بۇرۇن ئىستانبۇلدا تەخمىنەن 800 دىن 1000 غا يېقىن ئۇيغۇر ئائىلىسىنىڭ ياشايدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئومۇمىي نوپۇسىنى شۇ چاغدا 3500 دىن 5000 نەپەرگىچە دەپ تەخمىن قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ھامىدخان ئەپەندى يەنە 2009-يىلىدىن بۇيان، بولۇپمۇ 2015-يىلىدىن بۇيان شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرى ئارقىلىق تۈركىيەگە كەلگەن ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ شىددەت بىلەن كۆپەيگەنلىكىنى، بۈگۈن پۈتۈن تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئومۇمىي سانىنى تەخمىنەن 12 مىڭدىن 15 مىڭغىچە دەپ ئېيتىشقا بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

گېرمانىيە -ياۋروپادىكى تۇنجى ئۇيغۇر كۆچمەنلەر جامائىتى شەكىللەنگەن دۆلەت. 1950-يىللاردىن 1970-يىللارغىچە بولغان جەرياندا گېرمانىيەگە تۇنجى تۈركۈمدىكى ئۇيغۇرلار تۈركىيە ئارقىلىق كېلىپ يەرلەشكەن.

گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ شەكىللىنىش تارىخىي ھەققىدە بايان بەرگەن دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، ميۇنخېندىكى ئەسلىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن كېيىن تەدرىجىي كۆپىيىپ زورايغانلىقىنى قەيت قىلىدۇ.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى» نىڭ مەلۇماتلىرى ئاساسىدا بايان بەرگەن دولقۇن ئەيسا ئەپەندى نۆۋەتتە پۈتۈن گېرمانىيەدە 1000 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ ياشايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ميۇنخېندا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇللا كۆكيار ئەپەندى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ شىۋېتسىيەدە يەرلىشىش تارىخىنىڭ 1996-يىلىدىن باشلانغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇ ئۆزى ئېرىشكەن مەلۇماتلار ئاساسىدا شىۋېتسىيەدە بۈگۈن تەخمىنەن 3 مىڭغا يېقىن ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ياشايدىغانلىقىنى قەيت قىلىدۇ.

گوللاندىيە -غەرب دۇنياسىدا ئۇيغۇر جامائىتى تېز سۈرئەتتە زورىيىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. «گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى ئەيسا داۋۇت ئەپەندى نۆۋەتتە گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تەخمىنەن 1500 دىن 2 مىڭغا قەدەر ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. «گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر بىرلىكى» نىڭ رەئىسى سادىقجان سەلەي ئەپەندىمۇ پىكىر بايان قىلىپ، ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنىڭ 2001-يىلىدىن باشلاپ گوللاندىيەدە ئولتۇراقلىشىشقا باشلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

1999-يىلى ئىككى نەپەر ئۇيغۇر سىياسىي پاناھلانغۇچى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ياردىمى بىلەن سىكاندىناۋىيە يېرىم ئارىلىدىكى تاغلىق ئەل -نورۋېگىيەگە تۇنجى بولۇپ قەدەم باسقان. «نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى» نىڭ رەئىسى تۇرسۇن نىغمەت ئەپەندى ئارىدىن 17 يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە نورۋېگىيەدە تەخمىنەن 2 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ياشاۋاتقانلىقىنى تەستىقلايدۇ.