غەرب دۇنياسىدىكى ئۇيغۇرلار (3A)

0:00 / 0:00

بىرىنچى قىسىم: تارىم بويلىرىدىن ئەرجىيەس تاغلىرىغا سالام!

ئافغانىستاندىكى بىر مەھەللىك مۇھاجىرەت ھاياتىدىن كېيىن، تۈركىيەگە كۆچۈشنى قارار قىلغان ئۇيغۇر كۆچمەنلەر كابۇلغا توپلىنىدۇ. گەرچە بىر قىسىم ئۇيغۇر مۇھاجىرلاردا سەئۇدى ئەرەبىستانغا، كاناداغا، ئامېرىكا ياكى ياۋروپا ئەللىرىگە كۆچمەن بولۇپ بېرىش خىياللىرى تۇغۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ئاخىرقى ھېسابتا تۈركىيە ئۇلارنىڭ ئاخىرقى نىشانى بولۇپ قالىدۇ.

مۇھەممەتخان ئەرگىنەقۇن - ھاياتىنىڭ ياشلىق ۋە قىرانلىق دەۋرىنى قەيسەرىدە ئۆتكۈزگەن، ھازىر دەم ئېلىشتا ياشاۋاتقان بىرىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇرلاردىن. ئۇ بۇنىڭدىن 55 يىل بۇرۇن ئافغانىستاندىن تۈركىيەگە كۆچۈشنى قارار قىلغان ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنىڭ ھىجرەت قارارى ھەققىدە مۇنۇلارنى ئەسلىمە قىلىدۇ:

‏- بىز ئەينى ۋاقىتتا سەئۇدى ئەرەبىستانغا كەتمەكچىمۇ بولدۇق، ئەمما بۇ ئىلتىماسىمىز ئەمەلگە ئاشمىدى. كاناداغا كۆچمەن بولۇپ كېتىشنىمۇ ئويلاشتۇق، ھالبۇكى، چوڭلار بۇنىڭ بىر ئاقىلانە تاللاش ئەمەسلىكىنى تىلغا ئېلىشتى. ئاخىرى تۈركىيەگە كۆچۈش ئىلتىماسىمىز تەستىقلاندى. شۇ چاغدا ھەقىقەتەنمۇ توغرا قارار بېرىپتىمىز! مانا شۇنىڭدىن بۇيان ھەم دىنداش، ھەم قانداش قېرىنداشلىرىمىز ئارىسىدا كۈندە بەش ۋاق ئەزان ئاۋازىنى ئاڭلاپ خاتىرجەم ياشاپ كەلدۇق. ئۆلسەك جىنازا نامىزىمىزنى ئوقۇيدىغان 10 مىڭلارچە ئىنسان بار. مانا مۇشۇنداق بىر ۋەتەندە ياشاۋاتىمىز!...

قەيسەرىدە ياشاۋاتقان پېشقەدەم ئۇيغۇر ئاقساقاللىرىدىن سېيىت رىزۋان تۈمتۈرك ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ ئەينى ۋاقىتتا ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنىڭ تۈركىيەگە كۆچۈپ كېلىشىنىڭ توغرا تاللاش بولغانلىقىنى ھېلىھەم مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ:

‏- بىز راھەت ياشايمىز، بالىلىرىمىزنى ئەۋزەل مائارىپ مۇھىتىدا تەربىيەلەيمىز دېگەن بولساق، ئەلۋەتتە ياۋروپا ئەللىرىگە كەتسەك بولاتتى. ھالبۇكى، بىز بۇنىڭدىن ۋاز كەچتۇق، تۈركىيەنى تاللىدۇق. ئەگەردە غەرب ئەللىرىگە كۆچمەن بولۇپ بارساق ئۇزۇن ئۆتمەي قۇمدەك چېچىلىپ، ئىككىنچى نەسىلگە بارغاندا ئېرىپ يوقايدىغانلىقىمىزنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈردۇق. شۇ سەۋەبتىن ۋەتەن مۇھەببىتىنى ھەر ۋاقىت ئېسىمىزگە سېلىپ تۇرىدىغان، ۋەتىنىم بار دېيەلەيدىغان تۈركىيەمىزنى تاللىدۇق!...

شۇنداق قىلىپ، ئۆز ۋەتىنىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولغان بىر توپ ئۇيغۇر مۇھاجىرلار 1965-يىلىدا ئافغانىستان تۇپراقلىرىدىن ئايرىلىپ تۈرك ۋەتىنىگە قەدەم باسىدۇ. شۇ يىلىنىڭ ياز پەسلىدە 103 ئائىلە ئۇيغۇر مۇساپىر ئەنقەرەدىكى ئەسەنبۇغا ئايرودرومىدا 21 پاي ھۆرمەت توپى ئېتىلىپ قارشى ئېلىنىدۇ ھەمدە ئەرجىيەس تاغلىرى ئېتىكىدىكى قەدىمىي شەھەر قەيسەرىگە يەرلەشتۈرۈلىدۇ.

بالىلىق ۋە ياشلىق دەۋرىدە تارىم بويىدىن پامىر ئېگىزلىكى ئارقىلىق تاكى تۈركىيەگە قەدەر سوزۇلغان بۇ ئۇزاق ھىجرەت سەپىرىگە شاھىت بولغان، بۈگۈن چاچلىرى ئاقارغان ئەمرۇللا ئەفەندىگىل ئۆزلىرىنىڭ قەيسەرىدىكى ھاياتى ھەققىدە مۇنۇلارنى تىلغا ئالىدۇ.

‏- دادام ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنىڭ جەمئىيەت ئاقساقالى ئىدى. بىز ئەنقەرەگە يېتىپ بارغىنىمىزدا تۈركىيە ھۆكۈمىتى 21 پاي ھۆرمەت توپى ئېتىپ بىزنى قارشى ئالدى. دادامنىڭ بوينىغا گۈلچەمبىرەكلەر ئاستى. دادامغا پەيغەمبەر ئەپەندىمىزنى ھەر ۋاقىت ياد ئېتىپ تۇرۇشى ئۈچۈن «ئەفەندىگىل» دېگەن فامىلىنى تەقدىم قىلدى. بىزنى قەيسەرىدىكى يېڭىدىن سېلىنغان ھويلا-ئاراملىق ئۆيلەرگە ئورۇنلاشتۇردى. تۈركىيە ھۆكۈمىتى 10 يىلغىچە بىزدىن پۈتۈن باج-سېلىقلارنى كەچۈرۈم قىلدى. قېرىنداشلارنىڭ ھەممىسى قولىدىن نېمە ئىش كەلسە شۇ ساھەدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، يېڭى ئەلدىكى ھاياتىنى قۇرۇپ چىقتى.

سېيىت رىزۋان تۈمتۈرك ئۆزىنىڭ ھىجرەت ھاياتىدىن ئەسلىمە بېرىپ، ئەڭ قىيىن زامانلاردا ئۇيغۇر مۇھاجىرلارغا ئىگە چىققان، ئۆزلىرىگە ئىككىنچى ۋەتەن مۇھەببىتىنى ھېس قىلدۇرغان تۈرك ۋەتىنىدىن شۇنداقلا تۈرك خەلقىدىن مەڭگۈ مىننەتدار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇنداقتا، تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىگە يەرلەشكەن ئۇيغۇر مۇھاجىرلار ئۆزلىرىنىڭ ئىككىنچى ۋەتىنىدە ھايات روزغارىنى قانداق قۇرۇپ چىقتى؟ ئۇلار ئۆزلىرىگە ئىللىق قۇچاق ئاچقان بۇ يېڭى تۇپراقتا كېلەچىكى ئۈچۈن قانداق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتتى؟

ئەينى چاغدا قەيسەرىگە يەرلەشكەن ئۇيغۇر مۇھاجىرلاردىن ئەمرۇللا ئەفەندىگىل بىلەن ئابدۇللا تۈركئوغلۇ بۇ ھەقتە ئەسلىمە بېرىپ، كۆپ قىسىم ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تۈرك ۋەتىنى ئۈچۈن ئاكتىپلىق بىلەن ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتىگەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ.

ئەمرۇللا ئەپەندى ئەينى چاغدا ئەسكەرىي سەپتىن چېكىنگەندىن كېيىن قەيسەرىگە قايتىپ كېلىپ شەھەرلىك ھۆكۈمەتتە يول ئۆلچەش ئىنژېنىرى بولۇپ خىزمەت قىلغانلىقىنى، 25 يىلدىن كېيىن دەم ئېلىشقا چىققانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. تۈركىيەنىڭ سىۋاس دېگەن جايىدا ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتىگەن ئابدۇللا تۈركئوغلۇمۇ ئارمىيەدىن چېكىنگەندىن كېيىن قەيسەرى ئايرودرومىدا ئايروپىلان رېمونتچىلىقى بويىچە تېخنىك خادىم بولۇپ ئىشلىگەنلىكىنى ۋە 1991-يىلىدا دەم ئېلىشقا چىققانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.

دەرۋەقە، مۇھاجىرەتتىكى ھايات ھەمىشە ئوڭۇشلۇق بولۇۋەرمەيدۇ. بالىلىق دەۋرىدە ۋەتەندىن ئايرىلغاندىن كېيىنكى بارلىق مۈشكۈلاتلار بىلەن ئاچچىق كەچمىشلەرنىڭ ھەممىسىگە شاھىت بولغان مۇھەممەتخان ئەرگىنەقۇن ئەپەندى تۈركىيەگە كەلگەندىن كېيىنكى ھايات مۇساپىسىنىڭ رىيازەتلىك سەھىپىلىرىنىمۇ يوشۇرۇپ ئولتۇرمىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ياش مەزگىللىرىدە 20-30 دەك شىركەتتە ئىشلەپ كۆرگەنلىكىنى، ئەينى چاغدا ئۆزىگە يول كۆرسىتىدىغان ئادەم بولمىغاچقا مۇقىم بىر كەسىپ تۇتالمىغانلىقىنى، تىرىكچىلىك غېمى بىلەن چاچلىرى ئاقارغانلىقىنى بايان قىلدى.

رابىيە ئىلكتۈرك - قەيسەرىدىكى ئىككىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇرلاردىن. ئۇ ھازىر باش شتابى قەيسەرىدىكى «شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى» دە ئاياللار بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى. رابىيە ئىلكتۈرك خانىم قەيسەرىدىكى ئۆيىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنۇلارنى بىلدۈردى:

‏- مېنىڭ ئاتا-ئانام 1960-يىلى ۋەتەندىن ئافغانىستانغا، 1965-يىلى ئافغانىستاندىن تۈركىيەگە كۆچمەن بولۇپ كەلگەنلەردىن. مەن ئۇلارنىڭ تۇنجى پەرزەنتى سۈپىتىدە 1966-يىلى قەيسەرىدە تۇغۇلدۇم. بۇ يەردە ئوقۇپ يېتىلدىم. ئۇيغۇر يىگىتلىرىدىن بىرىگە ياتلىق بولدۇم. مېنىڭ ھازىر 3 پەرزەنتىم بار. ئەينى چاغدا ئاتا-ئانام تۈركىيەگە يېڭى بولغاچقا، بىزنى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇتالماپتىكەن. بىز ئالتە قىز، بىر ئوغۇل ئىدۇق. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكىچە ئوقۇيالىدۇق. مانا بۈگۈن پەرزەنتلىرىمىزنىڭ تېخىمۇ ئىختىساسلىق ئادەم بولۇشى، ۋەتەن دەۋاسىنى سۈرۈشى ئۈچۈن ئۇلارنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئوقۇتۇۋاتىمىز.

رابىيە ئىلكتۈرك خانىم ئۆزى تۇغۇلغان ۋە چوڭ بولغان تۈركىيەدە مەيلى كۆچمەن بولۇپ كەلگەن بىرىنچى ئەۋلاد ئاتا-بوۋىلىرى بولسۇن ياكى ئۆزى ۋە پەرزەنتلىرى بولسۇن، ھېچ بىر زامان يەكلەشكە ياكى چەتكە قېقىشقا ئۇچرىمىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.

چاچ-ساقاللىرى قاردەك ئاقارغان پېشقەدەم بوۋاي سېيىت رىزۋان تۈمتۈرك ئۆز ئۆمرىنىڭ تەڭدىن كۆپىنى ئىككىنچى ۋەتىنى تۈركىيەدە ئۆتكۈزگەنلىكىنى، پەرزەنتلىرىنىڭ بۇ ئەزىم تۇپراقتا يېتىلىپ ھەم يىراقتىكى ئانا ۋەتىنى ھەم ئۆسۈپ چوڭ بولغان ئىككىنچى ۋەتىنى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى پەخىرلىنىش ئىلىكىدە تىلغا ئالىدۇ.

(داۋامى بار)