غەرب دۇنياسىدىكى ئۇيغۇرلار (3B)
2016.04.05

ئىككىنچى قىسىم: تارىم بويلىرىدىن ئەرجىيەس تاغلىرىغا سالام!
1960-يىللاردا ئافغانىستان ئارقىلىق تۈركىيەگە كۆچمەن بولۇپ بارغان ئۇيغۇر مۇھاجىرلار تۈرك ۋەتىنىگە قەدەم باسقان تۇنجى كۈنىدىن ئېتىبارەن تۈرك-ئۇيغۇر مىللىي روھىنى نامايەن قىلىدىغان تەگئات-مۇقىم فامىلە ناملىرىنى قوبۇل قىلىدۇ.
تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئىككىنچى ئەۋلات ئۇيغۇرلاردىن رابىيە ئىلكتۈرك خانىم ئاشۇ يىللاردا تۈركىيەگە كۆچمەن بولۇپ كەلگەن ھەر بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىنىڭ تۈرك نامى بىلەن باغلىنىدىغان فامىلە ناملىرىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ:
_ دادام ماڭا تۈركىيەگە يېڭى كەلگەن ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنىڭ تۈركىيەنىڭ فامىلە ئىشلىتىش قانۇنى بويىچە ئۆزلىرىگە مۇقىم فامىلە ناملىرىنى تاللاپ ئىشلەتكەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەن. بەزى فامىلىلەرنى ئەينى چاغدا ھۆكۈمەت خادىملىرى تەقدىم قىلغان ئىكەن، بەزىلىرىنى ئۇيغۇر ھەمشىرىلەر ئۆزلىرى تاللىغان ئىكەن. قەيسەرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ فامىلىلىرى كۆپىنچە تۈرك ياكى ئۇيغۇر نامى بىلەن باغلانغان بولۇپ، تۈركدوغان، تۈركقان ياكى تۈركئىسلام دېگەندەك فامىلىلەر كۆپ. دادامنىڭ فامىلىسى تۈركمەن ئىدى. مەن توي قىلغاندىن كېيىن يولدىشىمنىڭ فامىلىسىنى قوبۇل قىلدىم. مېنىڭ فامىلەم ھازىر ئىلكتۈرك.
بالىلىق دەۋرىدە تۈركىيەگە كېلىپ يەرلەشكەن، ھازىر قەيسەرىدىكى «شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى» دە باش كاتىپلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان ئابدۇلھەكىم سەلچۇق ئەپەندى قەيسەرىنىڭ تۈركىستان مەھەللىسىدىكى 700 دىن ئارتۇق نوپۇسقا ئىگە 100 ئائىلىدىن كۆپرەك ئۇيغۇرنىڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا فامىلە ناملىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. ئۇ دادىسى تاللىۋالغان سەلچۇق دېگەن فامىلىنى ھازىر 4-ئەۋلات نەۋرىلەرنىڭ داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.
ئابدۇلھەكىم سەلچۇق ئەپەندى يەنە، قەيسەرىدىكى ئۇيغۇرلار ئەۋلاتمۇ-ئەۋلات داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان، تۈرك ۋە ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان فامىلە ناملىرىدىن مۇنۇلارنى ساناپ ئۆتىدۇ:
__ ھازىر قەيسەرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ فامىلىلىرى ئىچىدە سەلچۇق، ئىلكتۈرك، تۈمتۈرك، گۆكتۈرك، تۈركئوغلۇ، تۈركمەن، ئوغۇزخان، جانتۈرك، ئۆزتۈرك، ئۆزخان، ئەرگىنەقۇن، ئايدىن، تۇران، تۇرانلى، بايقارا، بايقال، تۇغۇچۇ قاتارلىقلار كۆپ ئۇچرايدۇ. بۇ فامىلىلەرنىڭ بىر قىسمىنى ھۆكۈمەت ئەينى چاغدا تەقدىم قىلغان. يەنە بىر قىسمىنى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى تاللىۋالغان.
ئارىلىقتىكى 20 يىللىق ئۈزۈكچىلىكتىن كېيىن، يەنى خىتاي ئىسلاھات يولىغا ماڭغان 1980-يىللارنىڭ باشلىرىدا ئۇيغۇر دىيارىدىن يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇرلار تۈركىيەگە كېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ، قەيسەرىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن جەم بولىدۇ.
ئابدۇلھەمىد قاھرامان، ھاياتىنىڭ 30 نەچچە يىلىنى قەيسەرىدە ئۆتكۈزگەن ئۇيغۇر مۇھاجىرلاردىن. ئۇ قەيسەرىدىكى ئۆيىدە رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن بىرلىكتە 1980-يىللارنىڭ باشلىرىدا نۇرغۇن مۈشكىلاتلار بىلەن پاسپورتقا ئېرىشىپ پاكىستان-ئىران يولى بىلەن 33 كۈندە تۈركىيەگە يېتىپ كەلگەنلىكىنى بايان قىلدى.
نەۋقىران يىگىتلىك مەزگىلىدە ۋەتىنىدىن ئايرىلغان ئابدۇلھەمىد قاھرامان ئەپەندى ھازىر 5 پەرزەنتنىڭ ئاتىسى. ئۇ ئۆزىنىڭ چوڭ ئوغلىنىڭ ھازىر خوڭكوڭدا ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقانلىقىنى، ئىككىنچى ئوغلىنىڭ تاشقىي سودا بويىچە ئوقۇۋاتقانلىقىنى، كەنجى ئوغلىنىڭ ئەرجىيەس ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئاۋىئاتسىيە ئىنژېنېرلىقى بويىچە ئوقۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. چاچلىرىغا ئاق ئارىلىغان بولسىمۇ، ئەمما جاسارىتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان بۇ كىشى ئۆزىنىڭ داڭلىق يازغۇچى ئەختەم ئۆمەرنىڭ 1990-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئۈرۈمچىدە ئېلان قىلغان «يىراق قىرلاردىن ئانا يۇرتقا سالام» ناملىق زىيارەت خاتىرىسىدە كەچمىشلىرى تەسۋىرلەنگەن ئابدۇلھەمىدخان ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
1980-يىللارنىڭ باشلىرىدا ئۇيغۇر دىيارىدىن قەيسەرىگە كۆچۈپ چىققان ئۇيغۇرلاردىن ئابدۇلكەرىم ئايدىن ئەپەندىمۇ ئۆز ئائىلسىنىڭ ھايات كەچمىشلىرىدىن مۇنۇلارنى ئەسلىمە قىلىدۇ.
__ مېنىڭ ئىسمىم ئابدۇلكەرىم ئايدىن، مەن قەشقەرنىڭ يېڭىسار ناھىيەسىدىن. مېنىڭ بوۋام 1960-يىللاردا ئافغانىستان ئارقىلىق تۈركىيەگە ھىجرەت قىلغان ئىكەن. 1960-يىللارنىڭ ئاخىرىدا بوۋام بىزگە تەكلىپ ئەۋەتكەن بولسىمۇ، لېكىن بىزنىڭ ئائىلىمىز 10 يىلدىن كېيىن يەنى 1979-يىلى ئاران پاسپورتقا ئېرىشتى. بىز ئىككى ئائىلە بالا-چاقىلار بىلەن بىرلىكتە 1980-يىلى بېيجىڭغا بېرىپ، پاكىستان ئارقىلىق تۈركىيەگە كەلدۇق.
ئۇ خىتايدىكى قىزىل رېجىمنىڭ كونترولىدا ياشىغان بىر ئەۋلات ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئانا يۇرتىنىڭ تارىخىي نامىنىمۇ ئۇنتۇغانلىقىنى، تۈركىيەگە كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن ئاندىن بۇ خىل يوقىتىشنى چوڭقۇر ھېس قىلغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.
__ بىز قەيسەرىگە يېڭى كەلگەن كۈنلىرىمىزدە «جۇڭگودىن كەلدۇق، شىنجاڭدىن كەلدۇق» دېسەك، بۇ يەردىكىلەرنىڭ ھەممىسى ھەيران بولۇپ، «ياق، بىزنىڭ ۋەتىنىمىزنىڭ تارىخىي نامى تۈركىستان، بىز تۈركىستانلىق» دېيىشتى. بۇنى ئاڭلاپ بىز ھەيران بولدۇق. ھەتتا ئانا يۇرتىمىزنىڭ ئۆز تىلىمىزدىكى نامىنىمۇ بىلمىگەنلىكىمىزنى ئۇقۇپ ئەپسۇسلاندۇق. ئۇزاق يىللىق قىزىل رېجىمدا نېمىلەرنى يوقاتقانلىقىمىزنى چوڭقۇر دەرىجىدە ھېس قىلدۇق.
ئابدۇلكەرىم ئايدىن ئەپەندى 1980-يىللارنىڭ باشلىرىدا ئاتا-ئانىسى بىلەن قەيسەرىگە كېلىپ يەرلەشكەندە ئۆزلىرىنىڭ خۇددى يېڭىسار ياكى يەكەندىن قەشقەرگە كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشقاندەك بىر يېقىملىق تۇيغۇدا بولغانلىقىنى ئەسلەيدۇ.
مۇھەببەت ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئارىلىقنى يوقىتىدۇ. قېرىنداشلىق ھېسسىيات يىراقتىكى تۇغقانلارنى يېقىنلاشتۇرىدۇ. رابىيە ئىلكتۈرك خانىم قەيسەرىگە يەرلەشكەن ئۇيغۇرلارنىڭ 3-ئەۋلاتقا بارغاندا ئارىلىقتىكى مەدەنىيەت پەرقلىرىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ يەرلىك تۈركلەر بىلەن تويلىشىشقا باشلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
قەيسەرىدىكى يېشى ئەڭ بۈيۈگەن ئاقساقاللاردىن سېيىت رىزۋان تۈمتۈرك تۈركىيەگە كۆچمەن بولۇپ كەلگەن يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىت جەريانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەم تۈرك ۋەتىنىگە ھەم تۈرك خەلقىگە ئەڭ گۈزەل تەسىرات قالدۇرغانلىقىنى پەخىرلىنىش ئىلكىدە تىلغا ئالىدۇ:
__ يېرىم ئەسىردىن بۇيان قەيسەرىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن مەيلى دۆلەتكە ياكى خەلققە زەرەر كېلىدىغان ھېچقانداق ئىش چىقمىدى. تۈرك خەلقى بىزنى ئۆز كۆرۈپ باغرىغا باستى. ئۇيغۇرلارمۇ تۈركىيەنى ئۆز ۋەتىنىنى سۆيگەندەك سۆيدى. بىز ۋەتەنسىزلىكنىڭ دەردىنى كۆپ تارتتۇق. شۇنى دەيمەنكى، ۋەتىنىنى ئۇنتۇغان ئىنساندىن ئاللاھمۇ بىزار. بىز پەقەت تۈركىيەگە يەرلەشكەندىن كېيىنلا ئاندىن ۋەتەننىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى، ئۇنى سۆيۈشنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇق. تۈركىيە بولغانلىقى ئۈچۈنلا بىز ھەم ئۆز ۋەتىنىمىزنى ھەم ئىككىنچى ۋەتىنىمىزنى سۆيۈپ ياشىيالىدۇق!...
(داۋامى بار)