مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇتلان
2013.05.29
weten-qayghusi-muhemmet-imin-bughra.jpg مۇھەممەت ئىمىن بۇغرانىڭ 1983-1984-يىللىرى ئەنقەرەدە قىزى فاتىمە بۇغرا تەرىپىدىن نەشرگە تەييارلانغان «ۋەتەن قايغۇسى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى.
RFA/Qutlan

سوئال: ھۆرمەتلىك ئالىمجان، سىزگىمۇ مەلۇم، مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا ئۆزىنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك كۈرەش تارىخىدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھۆرلۈكى ئۈچۈن ھاياتىنى بېغىشلاشتەك قەيسەر روھنى قالدۇرۇش بىلەن بىرگە يەنە مول مەزمۇنلۇق شېئىرىي مىراسلارنىمۇ قالدۇرۇپ كەتتى. ئۇنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرى ئىچىدە 1947-يىلى يېزىلغان ۋە ئۈرۈمچىدىكى ئالتاي نەشرىياتىنىڭ كۇلۇبىدا سەھنىلەشتۈرۈلگرەن «قۇتلۇق تۈركان» ئوپېراسىمۇ مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. بۇ ھەقتە رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزغا مەلۇمات بەرگەن بولسىڭىز.

جاۋاب: مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا ئەدەبىي ئىجادىيەت جەھەتتە شېئىر يېزىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە سەھنە ئەسەرلىرى ئىجادىيىتى بىلەنمۇ شۇغۇللانغان. ئۇ «قۇتلۇق تۈركان» ناملىق بىر ئوپېرا يازغان بولۇپ، ئۇ 7 پەردە 17 كۆرۈنۈشتىن تەشكىل تاپقان بىر تارىخىي تىياتىردۇر. بۇ ئوپېرادا ئورخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ شاھزادىسى قۇتلۇق تېكىن بىلەن كۇچا خانلىقىنىڭ مەلىكىسى تۈركان تېرىم ئوتتۇرىسىدىكى سۆيگۈ-مۇھەببەت ھەمدە ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى نىزالار دراماتىك توقۇنۇشلار ئىچىدە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا بۇ سەھنە ئەسىرىدىمۇ ئۆزىنىڭ ۋەتەن ۋە مىللەتكە بولغان چوڭقۇر سۆيگۈسىنى ئىپادە قىلغان. مەسىلەن، مەزكۇر ئوپېرادا ئەسەر قەھرىمانلىرىنىڭ تىلى بىلەن بېرىلگەن تۆۋەندىكى شېئىرلار بۇ نۇقتىنى دەلىللەيدۇ:

تۈرك ئېلىنىڭ ئەرلىرىمىز،
تۈركىستاندۇر يەرلىرىمىز.
ئاقسۇن قان-تەرلىرىمىز،
مەڭگۈ بولسۇن تۈرك ئېلى،
يۈزمىڭ ياشا ئەي خاقان.

ئۇلۇس بىزنىڭ جانىمىز،
يۇرت سۆيمەك ئىمانىمىز.
ئۇلۇغ تۈركلۈك يولىدا،
فىدا بولسۇن قانىمىز،
مەڭگۈ بولسۇن تۈرك ئېلى،
يۈزمىڭ ياشا ئەي خاقان.

سوئال: مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا 1949-يىلىنىڭ قىش پەسلىدە ۋەتەندىن ئىككىنچى قېتىم، يەنى ئاخىرقى قېتىم مۇھاجىرەتكە چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى. شۇندىن باشلاپ ئۇنىڭ كېيىنكى ھاياتى تۈركىيەدە ۋەتەن دەۋاسى بىلەن ئۆتتى. بۇ مەزگىللەردىكى پائالىيەتلىرى، بولۇپمۇ سىياسىي ۋە ئەدەبىي پائالىيەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتسىڭىز.

جاۋاب: مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا 1951-يىلى تۈركىيەگە كەلگەن. ئۇ تۈركىيەگە كەلگەندىن كېيىن ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن بىلەن بىرلىكتە ۋەتەن دەۋاسى يولىدىكى سىياسىي ۋە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىدە ئاكتىپ رول ئالغان. 1951-يىلىدىن 1954-يىلىغىچە ئىستانبۇلدا «تۈركىستان» ناملىق ژۇرنال چىقارغان. 1956-يىلى ئەنقەرەدە «تۈركىستان ئاۋازى» ناملىق ئايلىق ژۇرنال چىقارغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، 1952-يىلى «تۈركىستاننىڭ تۈنۈگۈنى ۋە بۈگۈنى» ناملىق كىتابىنى يېزىپ چىققان. ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن بىلەن بىللە ئاسىيا، ئافرىقادىكى نۇرغۇنلىغان يىغىنلارغا قاتنىشىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى دۇنياغا ئاڭلاتقان. 1965-يىلى ئەنقەرەدە يۈرەك كېسىلى بىلەن ۋاپات بولغان.

سوئال: مۇھەممەت ئىمىن بۇغرانىڭ مۇجادىلە ھاياتى ۋەتەن يولىدىكى كۆپ قاتلاملىق كۈرەش قايناملىرىدا ئۆتتى. سىزچە ئۇنىڭ ھاياتىي پائالىيەتلىرىنى قانداق باسقۇچلارغا بۆلۈش مۇمكىن؟

جاۋاب: مۇھەممەت ئىمىن بۇغرانىڭ ھاياتى ۋە مۇجادىلە پائالىيەتلىرىنى مۇنداق بىرقانچە باسقۇچلارغا بۆلۈش مۇمكىن. ئۇ دەسلەپ ۋەتەننىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن قوراللىق كۈرەش ئېلىپ بارغان. قوراللىق ئىنقىلاب غەلىبىگە ئېرىشەلمىگەندە گومىنداڭ پارلامېنتىدا سىياسىي كۈرەشنى داۋاملاشتۇرغان. ئۇنىڭ خىتاي مەركىزىدىكى سىياسىي كۈرەشلىرى نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەندە، ئۇ قەلەم كۈرىشى بىلەن شۇغۇللانغان. ۋەتەن ئىچىدە كۈرەش قىلىش ئىمكانىيىتى قالمىغاندا بولسا، چەتئەللەردە دىپلوماتىك كۈرەش ئېلىپ بارغان. لېكىن ۋەتەن ۋە مىللەت يولىدا ھېچبىر زامان كۈرەش ئىرادىسىدىن قايتمىغان. مۇھەممەت ئىمىن بۇغرانىڭ ئەنە ئاشۇ كۆپ قاتلاملىق كۈرەش تارىخىدا ئەدەبىي ئىجادىيەتمۇ مۇھىم بىر ۋاسىتە بولغان.

سوئال: ھازىرغىچە ۋەتەن ئىچىدە نەشر قىلىنغان ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىغا دائىر كىتابلارنىڭ ھېچبىرىدە مۇھەممەت ئىمىن بۇغرانىڭ شېئىرلىرىغا ئورۇن بېرىلمىگەن. ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھاجىرەت ئەدەبىياتى ھەققىدە تېخىچە ئىلمىي ۋە سىستېمىلىق بولغان تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلمىدى. مۇشۇنداق بىر ئەھۋالدا سىز بىر ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن مۇھەممەت ئىمىن بۇغرانىڭ ئەدەبىي مىراسلىرى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ۋەتەن تېمىسىدىكى يالقۇنلۇق شېئىرلىرى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا قانداق بىر ئورۇنغا مۇيەسسەر بولۇشى كېرەك دەپ ئويلايسىز؟

جاۋاب: ھازىر ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىغا دائىر كۆپلىگەن ئەسەرلەرگە قارايدىغان بولساق، مۇھەممەت ئىمىن بۇغرانىڭ ئەدەبىي كىشىلىكى تىلغا ئېلىنمايدۇ. ئەمما ئۇنىڭ ئارۇز ۋەزىن ۋە شېئىرىيەتنىڭ ھەرقايسى ۋەزىنلىرىدە يېزىلغان مەزمۇن ۋە بەدىئىيلىك جەھەتتىن ناھايىتى كۈچلۈك شېئىرلىرى بار. بۇ شېئىرلارنىڭ كۆپ قىسمىدا ۋەتەنگە بولغان چەكسىز مۇھەببەت ھەمدە ۋەتەننىڭ تەقدىرىگە بولغان ھەسرەت ئىپادىلەنگەن. بۇ خىلدىكى ئەدەبىياتنى تۈركىيەدە ئادەتتە غۇربەت ئەدەبىياتى دەپ ئاتايدۇ، بىز ئۇيغۇرچىدا مۇساپىرەت ياكى مۇھاجىرەت ئەدەبىياتى دېسەك مۇۋاپىق بولىدۇ. مېنىڭچە، مۇھەممەت ئىمىن بۇغرانىڭ شېئىرلىرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ ھەمدە ۋەتەن ۋە مىللەت تېمىسىدىكى ئەڭ نادىر شېئىرىيەتنى تەشكىل قىلىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.