تۈركىيىنىڭ ئەنقەرە شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پەرزەنتى 5 ياشلىق مۇجاھىت قەشقىرى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مەشھۇر بولدى. ئۇ بىر يىل بۇرۇن بىر تېلېۋىزىيە قانىلىدىكى تالانت كۆرسىتىش مۇسابىقىسىدە دەرىجىگە ئېرىشكەن ئىدى. ئۇ ئارقىدىن كۆپ قېتىم تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىغا قاتناشتى. ئۆتكەن ئاي يۈز مىڭلارچە كىشى قاتناشقان مۇراسىمدا شېئىر دېكلاماتسىيە قىلغان مۇجاھىت قەشقىرى، باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭمۇ ئالقىشلىشىغا مۇيەسسەر بولغان ئىدى.
يېقىندا تۈركىيىنىڭ داڭلىق دىنىي كۈي ئۆمىكىگە تاللىنىپ، پلاستىنكىغا كۈي ئوقۇدى. داڭلىق مۇزىكانت، كۈي ئۆمىكىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەرتۇغرۇل ئەركىشى ئەپەندى، مۇجاھىت قەشقىرىنىڭ كېلەچەكتە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا پايدىلىق بىر ئەۋلاد بولۇپ يېتىشىپ چىقىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
تۆۋەندە ئۇنىڭ بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز:
ئۇ ئالدى بىلەن ئۆزى قۇرغان دىنىي كۈي ئوقۇش ئۆمىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: بۇ ئۆمەك 2005-يىلىدا قۇرۇلدى. بۇ ئۆمەك كىچىك بالىلارغا دۇئا قىلىشنى ئۆگىتىش مەقسىتى بىلەن قۇرۇلغان. بىز ھازىرغىچە بالىلار ناخشىلىرى پلاستىنكىسى چىقاردۇق، بۇنى خەلقىمىز ياقتۇرۇپ ئاڭلىدى. پلاستىنكىنىڭ ئىسمى «تەشەككۈر ئەدەرىم ئاللاھىم» ئىدى. ھازىرغىچە 3 كۈي پلاستىنكىسى ئىشلىدۇق، ئەڭ ئاخىرقى پلاستىنكىنىڭ ئىسمى «8 ياخشى ئادەم»، بۇ بالىلار ناخشىلىرىنى ئىشلىشىمىزدىكى مەقسەت پەرزەنتلىرىمىزگە ئەخلاق، پەزىلەت، ئۆرپ-ئادەت ۋە ئىسلامىي دىنىي ئەقىدىلەرنى ئۆگىتىش ئىدى. بۇ پلاستىنكىدا تارىخىمىزدىكى ياخشى ئادەملەرنى ئاڭلاتتۇق. مەسىلەن: دوستلۇقنى مەۋلانە ئارقىلىق، دۇرۇسلۇقىنى ئاخى ئەۋران ئارقىلىق، سەۋر قىلىشنى شەيخ ئەدىبالىنىڭ ھاياتى ئارقىلىق ئاڭلىتىشقا تىرىشتۇق. سىزگىمۇ مەلۇم شەيخ ئەدىبالى، ئوسمانىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ قۇرغۇچىسى ئوسمان غازىنىڭ ئۇستازى ئىدى. بىز تارىخىمىزدىكى بۇ قەھرىمانلارنى پەرزەنتلىرىمىزگە ئاڭلىتىش ئارقىلىق تارىخىمىزنى ۋە ئېسىل ئەنئەنىمىزنى ئۆگىتەيلى دېدۇق.
مۇخبىر : ئەرتۇغرۇل ئەركىشى ئەپەندى، سىز ئەڭ ئاخىرقى پلاستىنكىنى ئىشلىگەن ۋاقتىڭىزدا مۇجاھىت قەشقىرىنىمۇ كۈي ئۆمىكىگە ئالدىڭىز، مۇجاھىتنى ئېلىشىڭىزدىكى سەۋەب نېمە؟
جاۋاب: بىز بۇ پلاستىنكىغا كۈي ئوقۇشقا كىچىك مۇجاھىتنىمۇ قوشتۇق. مۈجاھىت تېخى 5 يېرىم ياشتا. ئالدىمىزدىكى يىللاردا چىقىرىدىغان پىلاستىنكىلىرىمىزدا مۇجاھىتقا كۈي ئوقىتىمىز. تۈركىيىدىكى ۋە ياۋروپادىكى تۈركلەر بۇ كۈيلەرنى ياخشى كۆرۈپ ئاڭلايدۇ، خۇدا بۇيرۇسا مۇجاھىت قەشقىرى بۇندىن كېيىن بالىلار ئۆمىكىمىزنىڭ رەسمىي ئەزاسى بولىدۇ.
سوئال: مۇجاھىت قەشقىرى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تۈركىيىدە ھەتتا دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار ۋە تۈركلەر ئارىسىدا تونۇلدى، ئونلارچە شېئىرنى يادقا بىلىدۇ. سىز مۇجاھىتنىڭ بۇ تالانتىغا قانداق باھا بېرىسىز؟
جاۋاب: مەن مۇجاھىتنىڭ ياخشى بىر ئەدەبىياتچى بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمەن. گۈزەل شېئىر ئوقۇيدۇ. كېلەچەكتە ئۇنى ياخشى ئوقۇتسا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشتا، شۇنداقلا ئورتاق مەدەنىيىتىمىزنى دۇنياغا ئاڭلىتىشتا كۆۋرۈك بولالايدۇ. بىز مۇجاھىتنى بالىلار ئۆمىكىمىزگە ئالدۇق، بۇندىن كېيىن نەشر قىلدۇرىدىغان پۈتۈن كۈي پىلاستىنكىلىرىمىزدا مۇجاھىتقا شېئىر ئوقۇتىمىز. خۇدا بۇيرۇسا ياخشى ئوقۇپ چوڭ بولغاندا داڭلىق بىر شەخس بولۇپ يېتىشىپ دەۋايىمىز ئۈچۈن ياراملىق بىر ئىنسان بولغۇسى.
سوئال: سىز تونۇلغان بىر مۇزىكانت بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە قانداق قارايسىز؟
جاۋاب: مەن بۇرۇن تېلېۋىزىيە پروگراممىسى ئىشلىگەن ۋاقتىمدا «جېنىم تۈركىستان ساڭا نېمە بولدى» دەپ بىر ناخشا بار ئىدى. شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى خەلق ئۇقسۇن دەپ داۋاملىق بۇ ناخشىنى ئوقۇيتتىم، تاماشىبىنلاردىن بەك ياخشى ئىنكاسلار كەلگەن ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرقى ئەقىلگە سىغمايدىغان بېسىم سىياسىتىنى قوبۇل قىلىش مۇمكىن ئەمەس. زۇلۇم بار يەردە بەخت-سائادەت بولمايدۇ. بۇ زۇلۇمنى تۈگىتىش ئۈچۈن تۈرك دۇنياسىغا، مۇسۇلمان دۇنياسىغا بۇلارنى ئاڭلىتىشىمىز كېرەك. خۇدا بۇيرۇسا شەرقىي تۈركىستان خەلقىمۇ ئەركىنلىكىگە ئېرىشىدۇ.