ئۇيغۇرلارنىڭ ئىپتىخارى مۇجاھىت قەشقەرلى تۈرك دۇنياسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ سىمۋولىغا ئايلاندى

0:00 / 0:00

6 ياشتىكى مۇجاھىت تۈركىيەدىلا ئەمەس، پۈتۈن تۈرك دۇنياسىدىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ سىمۋولىغا ئايلاندى. تۈركىيەنىڭ ئەنقەرە شەھىرىدە ياشاۋاتقان مۇجاھىت قەشقەرلى تۈركىيەدىكى چوڭ پائالىيەتلەرنىڭ كۆپىگە ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىدىغان، ئەسكىشېھىر ۋالىسى گۈنگۆر ئازىم تۇنا ئەپەندى ئېيتقاندەك «ئۆزى كىچىك، يۈرىكى بۈيۈك قەھرىمان» غا ئايلاندى.

ئۇ، 18-مارتتىن 23-مارت كۈنىگىچە 4 چوڭ پائالىيەتكە قاتناشتى. ئۇ قاتناشقان ئۈچ پائالىيەت تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن پائالىيەتلەر بولۇپ ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن 30 ئەتراپىدا تېلېۋىزىيە نەق مەيداندىن تارقاتتى، بۇلاردىن باشقا ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىقمۇ كۆپ تارقىتىلدى.

مۇجاھىت قەشقەرلى 18-مارت كۈنى تۈركىيەنىڭ بارتىن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن چاناققالە شېھىتلىرىنى ئەسلەش پائالىيىتىدە شېئىر دېكلاماتسىيە قىلدى. 19-چېسلا تۈرك دۇنياسىنىڭ كۈلتۈر پايتەختى دەپ ئېلان قىلىنغان ئەسكىشېھىردە ئۆتكۈزۈلگەن نورۇز بايرىمى پائالىيىتى توغرىسىدا مۇخبىرلارغا مەلۇمات بېرىش يىغىنىغا قاتناشتى. بۇ يىغىنغا ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى، ياۋروپا دۆلەتلىرى، سابىق يۇگوسلاۋىيە، رۇسىيە فېدېراتسىيەسى، ئىراق ۋە كافكاز دۆلەتلىرىدىكى تۈركىي مىللەتلەرگە تەۋە 30 ئەتراپىدا تېلېۋىزىيە قانىلى قاتناشتى. مەزكۇر يىغىندا ئەسكىشېھىر ۋالىيسى گۈنگۆر ئازىم تۇنا ئەپەندى مۇخبىرلارغا بايانات بەرگەندىن كېيىن مۇجاھىت قەشقەرلى بىلەن تۇخۇم سوقۇشتۇرۇپ تۇرۇپ، نورۇزنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى. ئۇ 19-مارت كۈنى كەچ 15 دۆلەتنىڭ سەنئەتچىلىرى قاتناشقان نورۇز بايرىمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىپ، نورۇز ئەھلىنىڭ ئالقىشلىشىغا سازاۋەر بولدى. ئۇ شېئىرنى دېكلاماتسىيە قىلىپ بولغاندىن كېيىن زالدىكىلەر ئۆرى تۇرۇپ چاۋاك چېلىپ ئالقىشلىدى.

21-مارت كۈنى بولسا تۈركىيە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ ئۇيۇشتۇرغان خەلقئارالىق نورۇز پائالىيىتىنىڭ بىرىنچى كۈنىدىكى پائالىيەتتە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىستىقلال مارشىنى ئوقۇغان مۇجاھىت قەشقەرلى مىڭلارچە كىشىنىڭ سۆيگۈسىگە سازاۋەر بولدى. 6 ياشلىق ئۇيغۇر پەرزەنتى مۇجاھىت قەشقەرلىنىڭ بۇ ئېچىلىش مۇراسىمىدا تۈركىيەنىڭ ئەڭ داڭلىق ناخشىچىلىرىدىن ئۇيغۇر ئىشىلاق، ئورخان ھاقئالماز ۋە قىراچ قاتارلىقلار بىلەن ئوخشاش سەھنىدە ئورۇن ئېلىشى ئۇنى تېخىمۇ داڭلىق قىلدى.

ئەسكىشەھىر ۋالىسى گۈنگۆر ئازىم تۇنا ئەپەندى ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە، مۇجاھىت قەشقەرلىنى «ئۆزى كىچىك يۈرىكى بۈيۈك شەرقىي تۈركىستانلىق قەھرىمان» دەپ تونۇتتى. ئۇ تېخى ئەمدىلا 6 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ داڭلىق شائىرلار يازغان كۆپلىگەن شېئىرنى يادقا بىلىدۇ ۋە ئىنتايىن تەسىرلىك دېكلاماتسىيە قىلىدۇ. كىچىك مۇجاھىتنىڭ بۇ قابىلىيىتى توغرىسىدا ئۇنىڭ دادىسى نېمىلەرنى دېدى.