ئۇيغۇر پەرزەنتى كىچىك مۇجاھىت قەشقەرلى تۈركىيەنىڭ ئادىيامان شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «گاپ ئوسكار» مۇكاپات تارقىتىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ كىشىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشلىشىغا ئېرىشتى.
بۇ پائالىيەت تۈرك دۇنياسىدىكى سەرخىل كىشىلەرنى بىر يەرگە توپلايدىغان، تۈركىيە شەرقىي جەنۇبىي رايونلۇق ژۇرنالىستلار ئۇيۇشمىسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، مەزكۇر ئوسكار مۇكاپاتى ھەر ساھەدە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كىشىلەرگە بېرىلىدىكەن. بۇ يىلقى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك دۆلەت ئەربابى مۇكاپاتىغا سىپرۇس تۈرك جۇمھۇرىيىتى دۆلەت رەئىسى دەرۋىش ئەروغلى ئەپەندى تاللانغان بولۇپ، كوسوۋا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى ماھىر ياغچىلار ئەپەندى بولسا تۈرك دۇنياسىدا خىزمەت كۆرسەتكەن مىنىستىر بولۇپ تاللانغان.
تۈركىيەدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىدىن 5 پارلامېنت ئەزاسى، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىدىن 3 پارلامېنت ئەزاسى، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىدىن 2 پارلامېنت ئەزاسى بۇ مۇكاپاتقا تاللانغان. بۇلاردىن باشقا يەنە 2014-يىلى خىزمەت كۆرسەتكەن ۋالىي، شەھەر باشلىقى، كارخانىچى، شائىر، يازغۇچى ۋە سەنئەتچى قاتارلىقلار تاللانغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئادىيامان شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا مۇكاپات تارقىتىلدى.
6 ياشتىكى ئۇيغۇر پەرزەنتى مۇجاھىت قەشقەرلى بۇ مۇراسىمدا شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىپ يىغىن ئەھلىنىڭ ئالقىشلىشىغا سازاۋەر بولدى. مۇجاھىت قەشقەرلى مۇراسىمدا «ئۇ يەردە بىر ۋەتەن بار ئۇزاقلاردا» دېگەن شېئىرنى دېكلاماتسىيە قىلغاندا زالدا گۈلدۈراس ئالقىش ساداسى ياڭرىدى. ئۇ، بۇ شېئىردا كىشىلەرنى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا ئىگە چىقىشقا چاقىرىلغان، ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقماي ئۆيىدە كەيپ سۈرۈۋاتقانلار تەنقىد قىلىنغان
شېئىر، «ئۇزاقتا بىر ۋەتەن بار، ئۇ يەردە كېچىسى قىيىن-قىستاق، كۈندۈزى زۇلۇم بار، ئاسماندا يۇلتۇزلار يىغلايدۇ، يەردە بىز يىغلاپ ياشلىرىمىز قۇرۇپ كەتتى، خىتاينى قاغاۋېرىپ سۆزلىرىمىز تۈگەپ كەتتى. مەخمۇت قەشقىرى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپلارنى يەرگە قارىتىپ قويدۇق» دېگەن مىسرالاردىن تەركىب تاپقان.
شېئىر «بىز ئۇيغۇرلار مۇشۇنداق زۇلۇم چېكىۋاتساق، چوڭلىرىمىز بۇ يەردە بىز بىلەن كارى يوق كۆڭۈل ئېچىپ ئولتۇرىدۇ»دېگەن مەزمۇنلار بىلەن ئاخىرلىشىپ، ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلمىگەن كىشىلەر تەنقىد قىلىنىدۇ.
مۇجاھىت قەشقەرلى سەھنىدىن چۈشكەندىن كېيىن تۈركىيەنىڭ داڭلىق شائىرى جەمال سافى ئەپەندى ئۇنى يېنىغا چاقىرىپ سوئاللارنى سوراپ، ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ناخشا تېكىستى يازىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
مۇراسىم ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى پائالىيەت جەريانىدىمۇ مۇجاھىت قەشقەرلى يىغىن ئەھلىنىڭ ئالاھىدە دىققىتى قوزغىدى.
بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان تۈركىيە شەرقىي جەنۇب رايونلۇق ژۇرنالىستلار بىرلىكى رەئىسى زەينەل ئابىدىن ئەپەندى مۇجاھىت قەشقەرلىنىڭ كىيىم-كېچىكى چىرايى ۋە دېكلاماتسىيە قىلغان شېئىرلىرى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننى ئەسلەتكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
«مۇجاھىت يىغىن ئەھلىگە، كىيىم-كېچىكى، گەپلىرى ۋە چىرايى بىلەن قەشقەرنى، شەرقىي تۈركىستاننى ئەسلەتتى. دېكلاماتسىيە قىلغان شېئىرى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقى تارتىۋاتقان زۇلۇمنى بىزگە ئاڭلاتتى. ناھايىتى ياخشى بولدى. مەن شۇنى دېمەكچىمەنكى، تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى بىز بىلەن ئالاقىلەشسە بىز رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىش، شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا دوكلات بېرىش يىغىن ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق بۇ دەۋانى تۈرك جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىشىغا ياردەم قىلىمىز. ئۇيغۇرلار بىز تۈركلەرنىڭ قان قېرىندىشى ئۇلارنىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەندە ئۇلارنىڭ يېنىدا بولۇش بىزنىڭ ھەم مىللىي ھەمدە دىنىي بۇرچىمىز.»
