ئالمۇتادا ئاتاقلىق ئالىم ۋە تارىخچى مۇنىر ئېرزىنغا ھۆرمەت بىلدۈرۈلدى

0:00 / 0:00

ئالدىنقى كۈنى ئالمۇتا شەھىرىدىكى پەلسەپە ئىنستىتۇتىنىڭ مەجلىس زالىدا ئاتاقلىق تارىخچى، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى مۇنىر ئېرزىننىڭ 90 يىللىق تەۋەللۇتىغا بېغىشلانغان يۇمىلاق ئۈستەل ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى بولۇپ ئۆتتى.

مەزكۇر پائالىيەت ر. سۇلايمېنوف نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ۋە «تۇران دۇنياسى» جەمئىيەتلىك فوندى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلدى. ئۇنىڭغا قازاق، تاتار، ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، جەمئىيەتلەر ۋە ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرىنىڭ ۋەكىللىرى شۇنداقلا تاتارىستاندىن كەلگەن مېھمانلار قاتناشتى.

مۇراسىمنى ئاچقان شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى، قازاقىستان مىللىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇخبىر-ئەزاسى ئەبۇساتتار دېربىسالى م. ئېرزىننىڭ قازاقىستان شەرقشۇناسلىقى، شۇ جۈملىدىن ئۇيغۇرشۇناسلىق پېنىگە قوشقان تۆھپىسىنى يۇقىرى باھالىدى. ئۇ مۇنىر ئېرزىننىڭ يازما مەنبەلەر ئاساسىدا ئۇيغۇر مەتبەئەچىلىكىنىڭ مىڭ يىللىق تارىخىنى دەلىللىگەن تۇنجى ئالىم ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

م. ئېرزىنغا بېغىشلانغان ئىلمىي پائالىيەت ھەققىدە شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ باش ئىلمىي خادىمى، تارىخ پەنلىرىنىڭ دوكتورى ئابلەت كامالوف دوكلات بەردى. مۇراسىمدا سۆزلىگۈچىلەر ئالىمنىڭ ئەمگەكلىرىنىڭ ئىلمىي يېڭىلىقلىرى، تەتقىقاتلىرىنىڭ ئاساسىي يۆنىلىشلىرى، ئۇنىڭ كەسپىي ئالاھىدىلىكلىرى، ئىنسانىي خىسلەتلىرى، ئۇنىڭ تۈركىي خەلقلەرنىڭ تارىخى، تىلى، دىل بىرلىكى، ئۆزئارا دوستلۇقى ۋە باشقىمۇ مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆز پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تونۇلغان خىتايشۇناس ئالىم، تارىخ پەنلىرىنىڭ دوكتورى كلارا ھافىزوۋا ئۆز سۆزىدە م. ئېرزىن ئەمگەكلىرىنىڭ پەقەت قازاقىستاندىلا ئەمەس، بەلكى مەركىزىي ئاسىيا ۋە رۇسىيە تەتقىقاتچىلىرى ئارىسىدىمۇ كەڭ تونۇلغانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «ئاخىرقى ۋاقىتلاردا مەن ‹ئۇلۇغ يىپەك يولىدىكى مۇسۇلمان سودىگەرلەر› ناملىق ماۋزۇغا قىزىقىدىغان بولدۇم. ھازىر يىپەك يولى، ‹بىر بەلۋاغ، بىر يول› ماۋزۇسى شۇنچىلىك مۇھاكىمە قىلىنىۋاتىدۇكى، بەزىدە كىمنىڭ يىپەك يولى دەپ سورىسا، خىتاينىڭ دەيدۇ. بەزىدە يەنە يىپەك يولىنى كىم ئاچتى دەپ سورىسا، ھەممىسى خىتاي دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ھەقىقەتتە يىپەك يولىنى مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرى ئاچتى. مۇسۇلمان سودىگەرلەر بۇ يولنىڭ مېڭىشى ئۈچۈن خىتاي ساياھەتچىلىرىدىنمۇ كۆپ ئىش قىلدى».

ك. ھافىزوۋا مۇسۇلمان سودىگەرلەرنىڭمۇ ئىنتايىن بىلىملىك بولغانلىقىنى، بۇنى دەلىللەيدىغان كۆپلىگەن يازما مەنبەلەرنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

فىزىكا پەنلىرىنىڭ نامزاتى رائۇف گارايېف ئۆزىنىڭ تامامەن باشقا ساھە مۇتەخەسسىسى بولسىمۇ، ئەمما م. ئېرزىن ئەمگەكلىرىدىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى، ھازىر قەدىمىي ئۇيغۇر يېزىقىنى مۇكەممەل بىلىدىغان ياش مۇتەخەسسىسلەرنى يېتىشتۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ ئۇيغۇر ۋە تاتارلارنىڭ قەدىمىي خەلقلەر ئىكەنلىكىنى، پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭ بۇرۇنراق ئولتۇراقلاشقان بولسا، تاتارلارنىڭ يەنە ئۇزۇن ۋاقىت كۆچمەن خەلق بولۇپ ھايات كەچۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ر. گارايېف م. ئېرزىنغا ئۆز ئانا تىلىدىن تاشقىرى قازاق، رۇس، خىتاي ۋە ئۇيغۇر تىللىرىنى شۇنداقلا قەدىمىي يېزىقلارنى مۇكەممەل بىلگەنلىكتىن بىباھا ئەمگەكلەرنى يېزىپ قالدۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

تارىخچى ئابلەت كامالوف م. ئېرزىنغا ئۇيغۇرشۇناسلار ئارىسىدا تۇتقان ئورنىنىڭ بۆلەكچە ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىق پېنىنىڭ چوڭ بىر ساھەسى ھېسابلانغان ئۇيغۇر مەتبۇئاتى تارىخىنىڭ «دەسلەپكى قارلىغاچ» دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «‹ئۇيغۇر سوۋېت مەتبۇئاتىنىڭ تارىخى› دەپ ئاتالغان ئۇنىڭ دەسلەپكى كىتابى 1980-يىلى يورۇق كۆردى. مەزكۇر كىتاب ئاساسىدا ئالىم 1983-يىلى قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسى چۇقان ۋەلىخانوف نامىدىكى تارىخ، ئارخېئولوگىيە ۋە ئېتنوگرافىيە ئىنستىتۇتىدا نامزاتلىق دىسسېرتاتسىيەسىنى ئۇتۇقلۇق ھىمايە قىلدى. ئەمدى 1988-يىلى بولسا، بۇ كىتاب تولۇقلىنىپ، ‹ئۇيغۇر سوۋېت مەتبۇئاتىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە راۋاجلىنىشى› دېگەن نام بىلەن رۇس تىلىدا نەشر قىلىندى. مەزكۇر ئەمگەك قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسى يېنىدا ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ئۆز پائالىيىتىنى باشلىغان دەسلەپكى يىللاردا يورۇق كۆرگەن ئىدى. بۇ ئەمگەك كۆپلىگەن ئالىملارنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلدى. چۈنكى ئۇنىڭدا يەتتەسۇدا ۋە كېيىنچىرەك كېڭەش ئىتتىپاقىدا، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي ۋەتىنىدە ئۇيغۇر مەتبۇئاتىنىڭ شەكىللىنىش جەريانى كۆرسىتىلدى. مۇنىر ئاكىنىڭ يەنە بىر چوڭ ئەمگىكى، ئۇ يازما مەنبەلەرنى تەھلىل قىلىش ئاساسىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى مەتبەئەچىلىك سەنئىتىنىڭ مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. مۇشۇ كۈنگىچە ئۇيغۇرلارنىڭ 20-ئەسىردىكى تارىخىغا بېغىشلانغان ھەر قانداق بىر ئەمگەكتە مۇنىر ئېرزىننىڭ تەتقىقاتلىرىنى مەنبە سۈپىتىدە كۆرسەتمەي قالمايدۇ. بۇ ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق. ئۇنىڭ ئۇيغۇر مەتبۇئاتىنىڭ تارىخىغا قىزىقىشى تاسادىپىي ئەمەس. چۈنكى ئۇ ئۆزى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن شەرقىي تۈركىستاندا مەتبۇئات ساھەسىدە خېلى يىل ئىشلىگەندىن كېيىن ئىلىم-پەنگە كەلدى».

مەزكۇر يىغىندا سۆزگە چىققان «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى ئېرشات ئەسمەتوف م. ئېرزىننىڭ ئۇيغۇر ئاخباراتچىلىقىغا قوشقان تۆھپىسىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. پېشقەدەم ژۇرنالىست يادىكار سابىتوف بولسا م. ئېرزىن بىلەن ئۆز ۋاقتىدا «كوممۇنىزم تۇغى»، يەنى ھازىرقى «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىدە بىللە ئىشلىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «1974-يىلى بولسا كېرەك، ‹سوۋېتسكايا تۈركولوگىيە› دېگەن ژۇرنالدا مۇنىر ئاكا بىر ماقالە يازغان. شۇ ماقالىسىدە دەسلەپ ئۇيغۇرلارنىڭ قەغەز ئىشلەپ چىققانلىقىنى ئىسپاتلىغان».

ي. سابىتوف م. ئېرزىننى تاتار ۋە ئۇيغۇر خەلقى ئوتتۇرىسىدىكى كۆۋرۈك دەپ ھېسابلايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ كېيىنكى يىللىرى نەشر قىلىنغان «ئەسىرلەر سىرى»، «ياۋرو-ئاسىيا چوڭقۇرلۇقىدىن» ناملىق ئەمگەكلىرىدە تاتارلاردىن تاشقىرى، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ قەدىمىي تارىخىغا ئائىت قىزىقارلىق مەلۇماتلارنى ئۇچرىتىشقا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، م. ئېرزىن ئۆز پائالىيىتىنى 1947-يىلى، يەنى سابىق شىنجاڭ ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت تەرىپىدىن چىقىرىلغان «شىنجاڭ گېزىتىدە» باشلىغان ئىكەن. ئۇ بىرلەشمە ھۆكۈمەت تارقىتىلغاندىن كېيىن غۇلجا شەھىرىگە قايتىپ كېلىپ، «ئىنقىلابىي شەرقىي تۈركىستان» گېزىتىدە ئىشلەشكە باشلىغان. 1949-يىلى خىتاي كوممۇنىستلىرى كەلگەندىن كېيىن مەزكۇر گېزىتنىڭ نامى «ئىلى گېزىتى» دەپ ئۆزگەرتىلگەن. م. ئېرزىن 1955-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ چىقىپ، ئالمۇتادا «كوممۇنىزم تۇغى» گېزىتىدە ئىشلەپ، ئاندىن 1967-يىلى قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلۈمىگە ئالماشقان. 1986- ۋە 1996-يىللار ئارىلىقىدا م. ئېرزىن ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىدا ئىلمىي ئەمگەك قىلىپ، كېيىنچە دەم ئېلىشقا چىقتى.