ئالماتادا ئاتاقلىق ناخشىچى مۇرات ناسىروف خاتىرىسىگە بېغىشلانغان مۇسابىقە ئۆتتى

0:00 / 0:00

13-دېكابىردا قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى دۆلەت ئاكادېمىيەلىك ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرىدا ئاتاقلىق ناخشىچى ۋە كومپوزىتور مۇرات ناسىروفنىڭ خاتىرىسىگە بېغىشلانغان ياش ئىجراچىلار مۇسابىقىسى بولۇپ ئۆتتى. «دوپپالايف. كوم» ياشلار تورى ۋە ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشىدا، «جانان» ئاياللار فوندى ۋە «ئىپار» سودا شىركىتىنىڭ ھامىيلىقىدا، «پەرۋاز» ئۇيغۇر ئىجراچىلىرى بىرلەشمىسى ھەم «تەڭرىتاغ» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىدە ئۆتكەن مەزكۇر مۇسابىقىگە ئاساسەن قازاقىستانلىق ناخشىچىلار ئىشتىراك قىلدى. ئىگىلىشىمىزچە، مەزكۇر مۇسابىقە پەقەت قازاقىستاندىلا ئەمەس، بەلكى مەملىكەت سىرتىدىمۇ كەڭ تونۇلغان ئىجراچى-كومپوزىتور پولات ھېزىموفنىڭ لايىھىسى بويىچە تەشكىللەنگەن بولۇپ، بۇ مۇسابىقە بۇ يىلى ئالتىنچى قېتىم ئۆتمەكتە.

مۇسابىقە ئۇيۇشتۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى ئادىلەم مەسىمجاننىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭغا يىگىرمىگە يېقىن ماھىر قاتناشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بارلىقى دېگۈدەك ناخشا ئېيتىش جەھەتتىن ئۆز ھۈنەرلىرىنى كۆرسەتكەن. مۇسابىقىگە مېھمان سۈپىتىدە تەكلىپ قىلىنغان «دىلدار» توپى، «تارىم» ئانسامبىلى، شۇنداقلا دىلناز ئەخمەدىيېۋا، ئالىمجان زۇلپىقاروف ۋە باشقىلار ئۆز ناخشىلىرى بىلەن سەنئەت كېچىلىكىنى تېخىمۇ جانلاندۇردى. ئا. مەسىمجان مۇسابىقە ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۇ مۇسابىقىدە ياش چەكلىمىسى بولمىدى. قاتناشقۇچىلارنىڭ تولىسى مۇشۇ ئالماتا ۋىلايىتىدىن بولدى، ئاندىن تاشكەنتتىن كەلگەنلەرمۇ بولدى. بۇ مۇسابىقىدە، مەسىلەن، مولۇتجان توختاخۇنوف، ئابلىكىم تۇرسۇنوفلار ناخشا ئېيتىش تەرەپتىن كۈچلۈك بولدى. بۇلار يېڭى ناخشىچىلاردۇر. شەخسەن ماڭا ياققان ناخشىچى ئابلىكىم تۇرسۇنوف بولدى».

ئا. مەسىمجان مۇسابىقە قازىلىرىنىڭ قارارى بويىچە، ئورۇنلارنىڭ تۆۋەندىكىچە بۆلۈنگەنلىكىنى كۆرسىتىپ، مۇنداق دېدى: «ئۈچىنچى ئورۇننى تاشكەنتتىن كەلگەن ئۆمەرجان قاسىموف، ئىككىنچى ئورۇننى ياركەنتلىك مولۇتجان توختاخۇنوف، بىرىنچى ئورۇننى بولسا باھار يېزىسىلىق ئادىلجان خىمېتوف ئالدى. ئىككى باش مۇكاپات تەسىس قىلىندى. بىرىگە مالىۋايلىق رەخمەتجانوف مېھرات مۇيەسسەر بولدى ۋە دىلناز ئەخمەدىيېۋانىڭ مىڭ دوللار مۇكاپات سوممىسى چېلەكلىك ئابلىكىم تۇرسۇنوفقا بۇيرۇلدى. بارلىق قاتناشقۇچىلارغا ئۇيغۇر تىياتىرى نامىدىن پەخرىي يارلىقلار (گۇۋاھنامىلەر) بېرىلدى. جانان فوندى نامىدىن تاشكەنتتىن كەلگەن تاخمىنە ئالىيېۋاغا پۇللۇق مۇكاپات بېرىلدى».

مۇسابىقە قازىلىرىدىن بىرى ئاتاقلىق ناخشىچى نۇرالىم ۋارىسوف مۇرات ناسىروفنىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى جۇمھۇرىيەتلىرى دائىرىسىدە تونۇلغان ناخشىچى ۋە كومپوزىتور بولغانلىقىنى، ئۇنىڭ خاتىرىسىگە بېغىشلانغان كۆپلىگەن پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈشتە ئۇنىڭ يېقىن سەپدىشى ۋە دوستى پولات ھېزىموفنىڭ ئالاھىدە كۈچ چىقىرىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «مۇسابىقىدە يىگىرمە نومۇر كۆرسىتىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئىككى-ئۈچ ناخشا م. ناسىروف ئىجادىدىن بولدى. مۇسابىقىگە قاتناشقانلارنىڭ ھەممىسى ناھايىتى تالانتلىق ياش بالىلار. قازاقىستاننىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن ئەربابى دىلناز ئەخمەدىيېۋا ئۆزىنىڭ ئىككى ناخشىسىنى تەقدىم قىلىپ، كېلەركى مۇسابىقىلەردە پەقەت م. ناسىروفنىڭ ناخشىلىرى ئورۇنلانسا دېگەن تەكلىپنى قويدى.مۇسابىقە ناھايىتى ياخشى ئۆتتى. بىز ھەر بىر ناخشىدا م. ناسىروفنى ئەسلەپ ئۆتتۇق. بىز ئۇنى ھېچ قاچان ئۇنتۇمايمىز».

بىز م. ناسىروف خاتىرىسىگە بېغىشلانغان مۇسابىقىنىڭ غالىبى، ئالماتا شەھىرىدىكى چايكوۋسكىي نامىدىكى مۇزىكا مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى مېھرات رەخمەتجانوفنى زىيارەت قىلغىنىمىزدا ئۇ ئالدى بىلەن پۈتكۈل قازاقىستانلىقلارنى مۇستەقىللىق كۈنى بىلەن قىزغىن تەبرىكلەپ، مۇنداق دېدى: «مەن ئۆزۈم سەنئەت ئادىمى بولغاچقا، مېنىڭ ئۈچۈن مۇھىم ۋەقەلەرنىڭ بىرى ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ ئاكادېمىيەلىك ئۇنۋانغا ئىگە بولۇشى بولدى. مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا تۈرتكە بولغان پولات ھېزىموف، نۇرالىم ۋارىسوف، سابىرجان ماناشېف. ئەلۋەتتە، بۇ مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، ئاتاققا ئىگە بولۇش ئەمەس، ئاساسىي مەقسىتىم خەلق ناخشىلىرىنى ئىجرا قىلىپ، ئۆزۈمنىڭ قابىلىيىتىمنى سىناپ كۆرەي دېگەن ئۈمىدتە بولدۇم. مەن باش مۇكاپاتنى ئىگىلەپ، قابىلىيىتىمنى باھالىدىم، خەلق ناخشىلىرىغا بولغان ھېرسمەنلەرنىڭ نۇرغۇنلۇقىنى كۆردۈم».

م. رەخمەتجانوف شۇنداقلا ئۆزىنىڭ سەنئەتكار بولۇشىغا بولۇپمۇ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ قاتتىق تەسىر قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.