ئۇيغۇر ياشلىرى مۇرات ناسىرنىڭ قەبرىسىنى يوقلىدى

0:00 / 0:00

يېقىندا قازاقىستاننىڭ كونا پايتەختى ئالمۇتا شەھىرىدىكى بىر توپ ئۇيغۇر ياش مەدەنىيەت پائالىيەتچىلىرى ۋە ئاكتىپلىرى مەشھۇر ئۇيغۇر ناخشىچىسى ۋە كومپوزىتورى مۇرات ناسىروفنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە ئۇنىڭ سەنئەت ھاياتى، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ سەنئەت ئىشلىرىغا قوشقان تۆھپىسىنى ئەسلىدى. مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقى سەھنىلىرىدە تونۇلغان مۇرات ناسىروف بۇنىڭدىن 7 يىل ئىلگىرى موسكۋادا قازا قىلغان ئىدى.

بۇ ھەقتە قازاقىستاندا چىقىدىغان «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر پائالىيەت قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ مىللىي مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ قارمىقىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرى بىرلىكىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇنىڭغا قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيەت مەركىزى ۋە باشقا سەنئەت گۇرۇپپىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، ئاتاقلىق ناخشىچىلار، كومپوزىتورلار ۋە باشقىلار قاتناشقان.

مۇرات ناسىروف 2007-يىلى موسكۋادا ھازىرغىچە تېخى ئېنىق بولمىغان سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۆز ئۆيىنىڭ بالكونىدىن چۈشۈپ كېتىپ قازا قىلغان بولۇپ، ئەگەر ھايات بولسا بۇ يىل 45 ياشقا كىرگەن بولاتتى.

1991-يىلى، پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە ياش تالانتلىقلارنىڭ ناخشا ئېيتىش مۇسابىقىسىدە بىرىنچى ئورۇننى ئىگىلەش بىلەن سەنئەت سېپىگە كىرگەن مۇرات ناسىروف موسكۋادىكى مۇزىكا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن ھەمدە 1995-2000-يىللىرى ئارىسىدا پۈتۈن مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىغا كەڭ تونۇلغان چولپانلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان ئىدى. 5 ناخشا ئالبومى نەشر قىلغان كومپوزىتورى ۋە ناخشىچى مۇرات ناسىر ئۆزىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئۇيغۇرچە ناخشا ئالبومىنى«قالدىم يالغۇز» دەپ ئاتاپ، ئۇنى ئۇيغۇر مۇزىكا مۇخلىسلىرىغا ئاتىغان ئىدى. تەھلىلچىلەر مەزكۇر ناخشىنىڭ مۇراتنىڭ ئۆز ئاتىسى ۋە ئۇيغۇر خەلقىگە بېغىشلىغانلىقىنى پەرەز قىلىشماقتا.

ئۇ، تۇنجى بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىدا «گۈلايىم» ناخشىسىنى ئېيتىپ موسكۋا سەھنىلىرىدە ئورۇندىغاندىن كېيىن، مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىدىكى رۇسلار ۋە باشقا خەلقلەر ئۇيغۇر ناخشىلىرى بىلەن تونۇشۇشقا باشلىغان.

مۇرات ناسىروف 1969-يىلى ئالمۇتا شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى 1950-يىللاردا، ئۇيغۇر ئېلىدىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىگە كۆچۈپ چىقىپ ئولتۇراقلاشقان ئىدى.

ئۇنىڭ دادىسى مەرھۇم ئىسمائىل ناسىروف ئەسلى قەشقەردىن بولۇپ، 1945-1949-يىللىرى ئارىسىدا مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىغا قاتناشقان مىللىي ئارمىيە جەڭچىسى ئىدى. ئۇ، 1950-يىللاردا بىر مەزگىل گېنېرال مۇھەممەد ئىمىن ئىمىنوف قوماندانلىقىدىكى 5-كورپۇس 13-دېۋىزىيە قوماندانلىق شتابىغا تەۋە سەنئەت گۇرۇپپىسىدا ئىشلىگەندىن كېيىن، ھەربىي سەپتىن بوشىغان ۋە ئۇزۇن ئۆتمەي سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ كەتكەن ئىدى.

ئىسمائىل ناسىروف ئۆزى ناخشىچى بولۇپ، مۇرات ئۆسمۈرلۈك دەۋرلىرىدىن تارتىپ، دادىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئىدى. مۇرات ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىن تارتىپ ناخشا -مۇزىكا ھەۋەسكارى بولۇپ، 1980-يىللارنىڭ ئاخىرىدا سوۋېت ئارمىيىسى سېپىدە تۈركمەنىستاندا خىزمەت قىلىش جەريانىدا ئۆزىنىڭ تالانتىنى كۆرسەتكەن ۋە ھەربىي سەپتىن بوشىغاندىن كېيىن، موسكۋاغا بېرىپ، گنېسىن نامىدىكى مۇزىكا مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىرگەن.

مۇرات بۇ مەكتەپتە كومپوزىتورلۇق ۋە ناخشا كەسپىنى ئۆگەنگەن ۋە ئۆزىنىڭ سەۋىيىسىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، 1990-يىللاردا، ئۆزىنىڭ سەنئەت گۇرۇپپىسىنى قۇرۇپ، كونسېرتلارنى ئۇيۇشتۇرغان ۋە بەزى كىنو فىلىملىرىگە ناخشا ئېيتىپ بەرگەن. ئەمما، 1990-يىللارنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ داڭقى چىققان ئىدى.

2007-يىلى، 1-ئاينىڭ 19-كۈنى مۇرات ناسىروف تۇيۇقسىز قازا قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ مەزكۇر تۇيۇقسىز ئۆلۈمى بىر سىر سۈپىتىدە رۇسىيە ۋە باشقا دۆلەت ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە بىر مەيدان غۇلغۇلا ۋە تۈرلۈك قىياسلارغا سەۋەب بولغان ئىدى. ساقچى تەرەپ ئۇنى ئۆزنى ئۆلتۈرۈۋالدى دېگەن بولسىمۇ، بىراق گۇمانلىق قىياسالار ئىزچىل داۋاملاشقان ئىدى.

ئالمۇتادىكى ئۇيغۇر ياشلىرى مۇرات ناسىروفنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرماقتا. يېقىندا ئالمۇتىدا مەخسۇس مۇرات ناسىروفقا بېغىشلانغان «لەيلى -مەجنۇن> نامدا ناخشا-مۇزىكا كېچىلىكى بولۇپ ئۆتتى. ئالمۇتىدىكى بىر سەنئەت ئەربابنىڭ ئېيتىشىچە ئالمۇتا ئۇيغۇر ياشلىرى ۋە جامائىتى مۇرات ناسىروفنىڭ نامىنى بىرەر كوچا ۋە ياكى ئورۇنغا قويۇشنى ئۈمىد قىلغان، بىراق بۇ ئۈمىدنىڭ ئەمەلگە ئاشقان-ياكى ئاشمىغانلىقى نامەلۇم.