خەلق سەنئەتكارى مۇساجان روزى: «مەن دۇتار بىلەن تەمبۈرنى ئىسلاھ قىلغان ئىدىم»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2016.12.28
musajan-rozi-duttar.jpg خەلق سەنئەتكارى مۇساجان روزى
RFA/Qutluq

يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر قىسىم تور بەتلىرىدە ئۇيغۇر چالغۇ ئەسۋابلىرىدىن دۇتار بىلەن تەمبۈرنىڭ ئىسلاھ قىلىنىشى توغرىسىدا كۆپلىگەن مۇنازىرىلەر ئېلىپ بېرىلىپ، بىر قىسىم نوپۇزلۇق سەنئەتكارلار دۇتار ۋە تەمبۈرنىڭ خەلق سەنئەتكارى مۇساجان روزى تەرىپىدىن ئىسلاھ قىلىنغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، ھازىر ئىلىنىڭ پەنجىم يېزىسىدا دەم ئېلىۋاتقان 90 ياشلىق سەنئەتكار مۇساجان روزى بىلەن بۇ ھەقتە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئۇيغۇرلار قەدىمدىن باشلاپ ناخشا-ئۇسۇل ۋە مۇزىكىغا ماھىر خەلق. ناخشا-ئۇسۇل ۋە مۇزىكا ئۇلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتى بىلەن زىچ باغلىنىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۇلار ئۆينىڭ تۆرىگە دۇتار، تەمبۈر قاتارلىق چالغۇ ئەسۋابلارنى ئېسىپ قويۇشنى ئادەتكە ئايلاندۇرغان.

ئۇيغۇر چالغۇ ئەسۋابلىرىدىن دۇتار بىلەن تەمبۈر ئۇزۇن يىللىق تارىخقا ئىگە بولۇپ، كۆپ ئەسىرلەردىن بىرى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي ۋە ئىسلاھ قىلىنىپ بۈگۈنكى دەۋرىمىزگە يېتىپ كەلگەن.

ئۇيغۇر ئېلىدا نەشر قىلىنغان ئۇيغۇر چالغۇ ئەسۋابلىرىغا دائىر مەنبەلەردە كۆرسىتىلىشىچە، دۇتار ئۇيغۇر چالغۇلىرى ئىچىدە ئوتتۇرا ئەسىردىن تا ھازىرغىچە ئۆز شەكلىنى ئۆزگەرتمەي كېلىۋاتقان چالغۇ بولۇپ، دۇتار ئۇزۇن دەستىلىك، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن بىر يۈز يىگىرمە بەش سانتىمېتىر ئۆپچۆرىسىدە، بېشى يوغانراق، ئۈجمە ياغىچىنىڭ تالالىرىدىن چاپلىنىپ ياسىلىدىكەن. دەستىسىگە كىرچىدىن پەدە باغلىنىپ، ئىككى تال ئۈچەي ياكى يىپەكتىن ئىشلەنگەن بىرى زىل، بىرى بوم تار سېلىنىپ قول بارماقلىرى بىلەن سوقۇپ چېلىنىدىكەن. دۇتارنىڭ ئاۋازى مۇڭلۇق، چالغۇچى ئۆزى چېلىپ، ئۆزى ئېيتىشقا قۇلاي بولغانلىقتىن، كۆپىنچە تەمبۈر قاتارلىق چالغۇلار بىلەن بىللە ياكى يالغۇز ئورۇنلىنىدىكەن.

تەمبۈر ئۇزۇن دەستىلىك چالغۇ بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن بىر يۈز قىرىق سانتىمېتىر، بېشى سوزۇنچاق، يۈزلۈكى ئادەتتە ئۈجمە ياغىچىدىن ياسىلىپ، تەمبۈرگە سىم سېلىنىپ ناخۇن بىلەن چېكىپ چېلىنىدىكەن. ئۇ ئىلى، قەشقەر ۋە ئاقسۇ رايونلىرىدا كۆپرەك تارالغان بولۇپ، ئاۋازى زىل كېلىدىكەن.

ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرىنىڭ دېيىشىچە، يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان ئۇيغۇر چالغۇ ئەسۋاب تەتقىقاتچىلىرى تەمبۈر ئۈستىدە ئىسلاھ ئېلىپ بېرىپ، دەستىسى قىسقا، ئاۋازى ياڭراق بولغان يۇقىرى ئاۋازلىق تەمبۈرلەرنى ياساپ چىققان بولۇپ، ئۇنىڭ پەدىسى راۋابقا ئوخشاش يەنى ئون ئىككى تەكشى ئاھاڭ رېتى بويىچە تىزىلغان ھازىرقى زامان مۇزىكىلىرىنى ئورۇنداشقا قۇلاي ھېسابلىنىدىكەن.

دۇتار بىلەن تەمبۈرنىڭ ئىجاد قىلىنىشى ھەققىدە تۈرلۈك رىۋايەت ۋە ئەپسانىلەر مەۋجۇت بولسىمۇ، بىراق بۇ ھەقتە تېخىچە ئىشەنچلىك ماتېرىياللار بولمىغانلىقتىن، دۇتار بىلەن تەمبۈرنىڭ قاچان، كىم تەرىپىدىن، نەدە ئىجاد قىلىنغانلىقى ھەققىدە بىر نېمە دېمەك تەس. لېكىن، بۇ چالغۇ ئەسۋابلارنىڭ كىملەر تەرىپىدىن ئىسلاھ قىلىنىپ، بۈگۈنكى دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەنلىكى ھەققىدە بىر قىسىم مەلۇماتلار بار.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى تور بەت ئۇچۇرلىرىغا ئاساسلانغاندا، دۇتار بىلەن تەمبۈرنى تۇنجى قېتىم پېشقەدەم سەنئەت مائارىپچىسى، خەلق سەنئەتكارى مۇساجان روزى ئىسلاھ قىلغان بولۇپ، بىر قىسىم ئۇيغۇر چالغۇ ئەسۋاب تەتقىقاتچىلىرىنىڭ قارىشىچە، ئۇ، مۇكەممەل بولغان دۇتار، تەمبۈرنىڭ ئۆلچەملىك ھالىتىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئىسلاھ ئېلىپ بارغان.

ھازىر، ئېلىنىڭ پەنجىم يېزىسىدا دەم ئېلىشتا ياشاۋاتقان مۇساجان روزى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، تەمبۈرنىڭ دۇتارغا ئوخشايدىغان ھالىتىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، ئالىقان قويىدىغان بېلىقچا بىلەن ئاستىنقى پەدىنى تۇتۇپ تۇرىدىغان پالاقنى تەمبۈرنىڭ قارنىدىن ئايرىۋېتىش ۋە تەمبۈرنىڭ قارنىنى ئۈجمە ياغىچىدىن ياساشتىن ئىبارەت قەدىمىي ئۇسۇلنى تۇڭمۇ ياغىچىغا ئۆزگەرتكەنلىكىنى بايان قىلىۋېتىپ، ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى سەۋەبىدىن سۆزىنى داۋاملاشتۇرالمىدى.

ئۇيغۇر چالغۇ ئەسۋابلىرىدىن دۇتارغا ھەۋەس باغلىغان خېلى كۆپ چەتئەللىكلەر ئۇيغۇر ئېلىغا بېرىپ، سەنئەت مەكتەپلىرىدە دۇتار ئۆگەنگەن بولۇپ، ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تۇرمۇھەممەت ھاشىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىر قىسىم ياپونىيەلىك مۇزىكانتلار ئۇيغۇر ئېلىغا بېرىپ، ئۇستاز مۇساجان روزىدىن دۇتار ئۆگىنىپ كېلىپ، ياپونىيەدە ئۆزلىرىنىڭ دۇتار ماھارىتىنى كۆرسەتكەن.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.