19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ، ئۇيغۇر قاتارلىق بىر قىسىم خەلقلەرنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىن قوشنا ئەللەرگە ۋە ئۇنىڭدىن يىراقتىكى ئەللەرگە تۈركۈملەپ كۆچۈش ۋەقەلىرى يۈز بېرىپ، بۇ كۆچۈش تاكى ھازىرغىچە داۋاملىشىۋاتقانلىقى مەلۇم.
تارىخىي مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 19-ئەسىرنىڭ 70- ۋە 80- يىللىرى ئارىسىدا، 1949-يىلى ۋە 1954-1962-يىللىرى ئارىسىدا كەڭ كۆلەمدە كۆچۈشلەر يۈز بەرگەن ئىدى.
سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن، يەنى 1990-يىللاردىن ئېتىبارەن ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە داۋاملىق كۆچۈش ھەرىكەتلىرى يۈز بېرىۋاتقان بولۇپ، بۇ كۆچۈشلەردە بىر قىسىم ئۇيغۇرلار قوشنا ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە كەلگەن بولسا، كۆپىنچىسى ياۋروپا، تۈركىيە قاتارلىق ئەللەرگە كۆچۈپ بېرىپ ماكانلاشتى.
تارىخىي مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 19-ئەسىردە ۋە 20-ئەسىردە سابىق چار رۇسىيە تەۋەسى ۋە كېيىنكى سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ كەلگەن ئۇيغۇرلارمۇ تۈرلۈك مەسىلىلەرگە ھەتتا ئازاب -ئوقۇبەتلەرگە دۇچ كەلدى.
قازاقىستان ئۇيغۇر تارىخچىلىرىدىن مالىك سادىروف، ئابلەت كامالوف، رابىك ئىسمايىلوف ۋە باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرىگە قارىغاندا، تارىخىي ۋەتىنىدىن 1881-1883-يىللىرى ئارىسىدا رۇسىيەنىڭ يەتتىسۇ تەۋەسىگە كۆچۈپ ئورۇنلاشقان ئۇيغۇرلار 1918- يىللىرى ۋە 1920-1930-يىللاردا بۇ يەردىكى سوۋېت كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن يۈرگۈزۈلگەن كوپېراتسىيىلەشتۈرۈش ۋە باشقا سىياسىي تەقىبلەشلەردىن كۆپ زەرداب چەكتى. ھەتتا، 1918-يىلىدىكى ئاتۇ پاجىئەسى سوۋېت قىزىل ئارمىيەسى تەرىپىدىن سادىر قىلىنغان بولۇپ، يەتتىسۇ تەۋەسىدىكى كۆپ ساندا ئۇيغۇرلار قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغان ئىدى.
قازاقىستاندىكى پېشقەدەم ئۇيغۇر ئالىملىرىدىن بىرى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزاتى رابىك ئىسمايىلوف 19-ئەسىردە قوشنا يەتتىسۇ تەۋەسىگە كۆچۈپ ماكانلاشقان ئۇيغۇرلار تەقدىرىدە كۆپ پاجىئەلەرنىڭ بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇنداقتا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ۋەتىنىنى، يۇرتىنى تاشلاپ كېتىشىدىكى ئاساسلىق ئامىللار نېمە دېگەن مەسىلە ئوتتۇرىغا چىقىشى تەبىئىي، بۇ مەسىلىدە مۇتەخەسسىسلەر ئىزچىل ئىزدىنىپ كەلمەكتە.
تەتقىقاتچى رابىك ئىسمايىلوف، ئۇيغۇرلارنىڭ 19-ئېسىنىڭ 70-80-يىللىرىدا كەڭ كۆلەمدە رۇسىيە تەۋەسىدىكى يەتتىسۇغا كۆچۈشىدىكى سەۋەب -ئامىللار ئۈستىدە توختىلىپ، بۇنىڭ ئاساسلىقى سىياسىي ئامىل ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
1955-1960-يىللىرى ئارىسىدا ئۇيغۇرلار ئۆز ۋەتىنىنى تاشلاپ يەنە بىر قېتىم كەڭ كۆلەمدە سوۋېت ئىتتىپاقىغا، جۈملىدىن قوشنا قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيەتلىرىگە كۆچۈپ كېلىپ ماكانلاشقان بولۇپ، بىر قىسىم تارىخىي مەنبەلەردە 1962-يىلىدىكى كوللېكتىپ قېچىش ۋەقەسىدە 60 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقىلارنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا تەۋەسىگە كېلىپ ماكانلاشقانلىقى كۆرسىتىلگەن. يەنە كۆپ ساندا ئاھالە سوۋېت ئىتتىپاقى پۇقراسى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرى سۈپىتىدە ۋەتىنىنى تەرك ئەتكەن.
1950-1960-يىللىرىدىكى كۆچۈشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەب ئامىللار ھەققىدە ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇر دىيارىدىن قازاقىستانغا كۆچۈپ ماكانلاشقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن بىرى، ئاتاقلىق شائىر ئابلىز ھېزىموف ئەپەندى ئۆز چۈشەنچىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇ، شۇ قېتىملىق كۆچۈشتە ئۆزى ئۇچرىغان مەسىلىلەر ۋە ئەھۋاللار ھەققىدە ئەسلىمىلىرىنى ھەم قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
قازاقىستاندىكى تارىخچى ۋە سىياسىيون، «تارىخ نۇقتىنەزەرىدىكى ئۇيغۇرلار»، «ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي، سىياسىي تارىخى» قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ ئاپتورى قەھرىمان غوجامبەردى 1990-يىللاردىن كېيىنمۇ كۆچۈشلەر داۋاملىشىۋاتقانلىقى ۋە بۇ كۆچۈشكە سەۋەب بولغان مەسىلىلەر ھەققىدە توختىلىپ، بۇنىڭ ئاساسلىقى سىياسىي تەقىبلەش ۋە ئىقتىسادىي تۇرمۇش بېسىملىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
قەھرىمان غوجامبەردى 1990-يىللاردا يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستانلارغا كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ بۇ يەردە تۇرۇش ئىمكانىيىتى بولمىغانلىقى ئۈچۈن باشقا ئەللەرگە كەتكەنلىكىنى، ھەتتا ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمىنىڭمۇ يەنە ئۆز نۆۋىتىدە چەتئەللەرگە چىقىپ كەتكەنلىكى ھەم ھازىرمۇ كېتىۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ ياۋروپا ۋە باشقا ئەللەرگە ماكانلاشقانلىقىنىمۇ تىلغا ئېلىپ، بۇنىڭ ئاساسلىقى قازاقىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىنىڭ تاشقى سىياسىتى ۋە ئۆزىنىڭ ئىچىدىكى سىياسىي ھەم ئىقتىسادىي سەۋەبلەر ھەم باشقا بىر قاتار ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.