بۇ نەشرلەردىن كېيىن، مەزكۇر ئەسەردىكى خىتاي خەلقىگە، دۇنياغا سىر بولغان ماۋ زېدۇڭ توغرىسىدىكى نۇرغۇنلىغان سىرلار يېشىلگەن. شۇ سەۋەبتىن ئەسەر ئامېرىكىدا يۇقىرى باھاغا ئېرىشكەن. ئەسەرنىڭ ئاپتورلىرىدىن بىرى بولغان جۇڭ چاڭ خانىم بولسا، خىتاينىڭ سىچۈەن ئۆلكىسىدە تۇغۇلغان. سىچۈەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىنگلىز تىلى ئوقۇتقۇچىسى بولغان. ئۇ 1991-يىلى نەشر قىلغان «ياۋا ئاققۇلار» ناملىق ئەسىرى بىلەن تونۇلغان.

مەزكۇر ئەسەردە ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىگە ئائىت ئاز بىر قىسىم تارىخىي ماتېرىياللار يورۇتۇپ بېرىلگەن. مەزكۇر ئەسەر جەمئىي سەككىز يۈز بىر بەت، ئالتە بۆلۈمدىن تەركىب تاپقان. كىتابتا بېرىلگەن مەلۇماتلارنىڭ چىنلىقى شۇنداقلا ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئازدۇر-كۆپتۇر ئۇچۇرلارنىڭ بارلىقى توغرىسىدا ھازىر تەيۋەندە ياشاۋاتقان خىتاي يازغۇچىسى، ئوبزورچىسى لىن باۋخۇا ئەپەندى قىسقىچە توختىلىپ ئۆتتى:
-كىتاب نەشر قىلىنغىلى خېلى يىللار بولدى. مەن كىتابنى نەشر قىلىنغان ۋاقتىدىلا ئوقۇپ چىققان ئىدىم. كىتابتىكى مەلۇماتلا ھەقىقىي يېزىلغان،مۇكەممەل كىتابتۇر. كىتابتا شىنجاڭ ھەققىدە كۆپ بولمىسىمۇ، ئاز بىر قىسىم مەلۇماتلار بېرىلگەن.
مەزكۇر ئەسەردە «شىنجاڭ»نىڭ قانداق قىلىپ خىتاي تۇپرىقىغا قوشۇۋېتىلگەنلىكى، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن خىتاينىڭ گومىنداڭ، ماۋ زېدوڭ دەۋرىدىن ئىبارەت ئىككى دەۋردىكى «شىنجاڭ»نىڭ تەقدىرى توغرىسىدا كىتابنىڭ 31-بېتىدىن 348-بېتىگىچە بولغان ئارىلىقتىكى بەتلەردە ئېنىق ئۇچۇرلار ئەسكەرتىلگەن. 1945-يىلى2-ئاينىڭ 14-كۈنىدىكى «يالتا كېلىشىمى» نىڭ مەزمۇنى كىتابنىڭ 275-بېتىدىن 292-بېتىگىچە بولغان بەتلەردە قىسقىچە بېرىلگەن.
كىتابتا، 1950-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى موسكۋادا «خىتاي، سوۋېت دوستلۇق،ھەمكارلىق شەرتنامىسى» ئىمزالانغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ستالىن بىلەن ماۋ زېدۇڭ ئارىسىدىكى كۈرەشلەرنى مۇنداق تەسۋىرلىگەن:
-موسكۋادىن 27 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ستالىننىڭ ئىككىنچى نومۇرلۇق داچىسىدا تۇرۇۋاتقان ماۋ زېدۇڭ، ستالىننىڭ ئۆزىگە تۇتقان ناچار مۇئامىلىسىدىن زېرىكىشلىك ئىچىدە ئاخىرى «غەرب كارتىسى»نى ئويناش ئارقىلىق ستالىنغا بېسىم قىلىشقا باشلىدى. ماۋ زېدۇڭ لوندوندىكى رەھبەرلەر بىلەن سۆزلەشتى. 1950-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى لوندون ماۋ زېدۇڭنىڭ موسكۋادا رېجىم ئاستىدا ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى. برىتانىيە مەتبۇئاتلىرى ماۋ زېدۇڭنى «ستالىننىڭ يەر ئاستى ئۆيىدە سولاقلىق» دەپ خەۋەر ئېلان قىلدى. ماۋ زېدۇڭنىڭ كېيىن دېيىشىچە، بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ماۋ زېدۇڭ،غەربنىڭ ياردىمى بىلەن ستالىننىڭ پوزىتسىيىسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلغانمىش.
ئۇندىن باشقا كىتابتا، ئەينى چاغدىكى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى دېئان ئاچېسوننىڭ 1950-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش كۇلۇبىدا ئېلان قىلغان «ماۋ زېدۇڭ ئۇزۇن ۋاقىت موسكۋادا تۇرۇپ، رۇسىيە ھەققىدە دەرد تۆكتى. رۇسىيە خىتاينىڭ شىمالىدىكى ئۆلكىسىنى ئۆزىگە قوشۇۋالماقچى، تاشقى موڭغۇلغا قول سالغان ئۇسۇل بىلەن يېقىندا تەلتۆكۈس مانجۇرىيە شۇنداقلا مەخپىي يوللار بىلەن ئىچكى موڭغۇلىيە ۋە شىنجاڭغا قول تىقماقچى» دېگەن نۇتقىنىمۇ قىستۇرۇپ ئۆتكەن.
ئامېرىكىنىڭ بۇ نۇتۇقتىن كېيىن ستالىن ماۋ زېدۇڭغا بولغان پوزىتسىيىسىنى دەرھال ئۆزگەرتىپ ئۆزىنىڭ ئوڭ قول ۋەزىرى بولغان مولوتوفنى چاقىرتىپ ماۋ زېدۇڭ بىلەن توختام تۈزۈشكە دەۋەت قىلىدۇ.
كىتابتا ستالىن بىلەن ماۋ زېدوڭ ئارىسىدا تۈزۈلگەن شەرتنامە تۆۋەندىكىدەك بايان قىلىنغان:
-ئىككى تەرەپ ئاخىرى 1950-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى يېڭى شەرتنامىگە قول قويدى. شەرتنامىنىڭ تېكىستى رەسمىي ئېلان قىلىندى. ئەمما شەرتنامىدىكى مۇھىم ئامىللار يەنى شەرتنامىنىڭ مېغىزى شۇنداقلا قوشۇمچە ماتېرىياللار مەخپىي تۇتۇلدى. سوۋېت خىتايغا ئۈچ يۈز مىليون دوللار قەرز بەردى. ماۋ زېدۇڭ مانجۇرىيە بىلەن شىنجاڭدا سوۋېتلەرنىڭ كان ئېچىش قاتارلىق تەلەپلىرىگە قوشۇلدى. بۇنىڭ بىلەن ماۋ زېدۇڭ بۇ ئىككى ئۆلكىنى ئۆزىنىڭ مۇستەملىكىسى دەپ تونۇپ يەتتى. ئامېرىكىلىقلار بولسا رۇسلار شىنجاڭنىڭ يېرىمىنى بۇلىۋالدى دەپ تۆنىدى.
ئاپتورلار مەزكۇر كىتابىدا 1950-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى موسكۋادا ئىمزالانغان «خىتاي-سوۋېت دوستلۇق، ھەمكارلىق شەرتنامىسى» دە ستالىن ئوخشاشلا «شىنجاڭ» نى خىتايغا قوشۇپ بەرگەنلىكىنى بايان قىلغان بولسا، ئامېرىكىلىق ئىستراتېگىيە تەتقىقاتچىسى جون گارۋېر ئۆزىنىڭ 1988-يىلى يازغان «خىتاي، سوۋېت مۇناسىۋەتلىرى» ناملىق ئەسىرىدە 1945-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى موسكۋادا «يالتا يىغىنى» رامكىسى ئىچىدە خىتاي، سوۋېت سۆھبىتى ئۆتكۈزۈلگەنلىكى، شۇ قېتىملىق سۆھبەتتە «خىتاي، سوۋېت ئىتتىپاقداشلىق شەرتنامىسى» ئىمزالىنىپ، شەرتنامىگە خىتاي تەرەپتىن ۋاڭ شىجىي، سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپتىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مولوتوف قول قويغانلىقى ۋە ئاتالمىش «شىنجاڭ»نىڭ خىتايغا مۇستەملىكە قىلىپ بېرىلگەنلىكى كۆرسىتىلگەن.