15-ئۆكتەبىردە قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرىدا «ناۋا» ئانسامبىلىنىڭ ناخشىچىسى تۇلۇنئاي ئەيساروۋانىڭ 75 يىللىق تەۋەللۇتىغا ۋە ئىجادىي پائالىيىتىنىڭ 50 يىللىقىغا بېغىشلانغان سەنئەت كېچىلىكى بولۇپ ئۆتتى. ئۇنىڭدا سۆزگە چىققان ئالماتا شەھەرلىك ئالىي كېڭىشىنىڭ ئەزاسى شاۋكەت ئۆمەروف، «ئاستانا-ئوپېرا» تىياتىرى مۇدىرىنىڭ ئورۇنباسارى مۇرات ئەخمەدىيېف، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى خانىم-قىزلار كېڭىشىنىڭ رەئىسى سەنەم بېشىروۋا، قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى يېنىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كېڭىشىنىڭ باشلىقى ئەخمەتجان ھاشىرى، ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ رېژىسسورى يالقۇنجان شەمىيېف، شۇنداقلا شەھەر ھەم ناھىيىلەرنىڭ يۇرت-جامائەتچىلىك ۋەكىللىرى ۋە باشقىلار تەۋەللۇت ئىگىسىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.
ت. ئەيساروۋا رادىومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ سەنئەتكە بولغان قىزىقىشىنىڭ كىچىكىدىن باشلانغانلىقىنى ئەسلەپ، مۇنداق دېدى: «سەنئەتكە بولغان قىزىقىشىم ئۈچ ياشتىن باشلانغان ئىكەن. سەنئەتچىلەر كەلسە مەنمۇ ناخشا ئېيتاتتىم دەپ يىغلاپ تۇرۇۋالاتتىم. كەسپىي سەھنىگە چىقىشىم 1967-يىلى بىشكەك شەھىرىدە ئانسامبىل قۇرۇلۇپ، مېنى شۇ يەرگە قېيىم سابىرھاجىيېف تەكلىپ قىلدى. مەن ئۇ ۋاقتىدا كەپشەرلىگۈچى بولۇپ ئىشلەۋاتاتتىم. ئۇ يەردە كونسېرت قويۇپ، شەھەر ئارىلىدۇق. قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاننىڭ ھەممە يەرلىرىدە سەپەردە بولدۇق. قىرغىزىستاننىڭ 50 يىللىقىغا قاتنىشىپ، خەلق ئانسامبىلى دېگەن نام ئالدۇق. كېيىن ئائىلىۋى ئىشلار بىلەن چىقىپ كەتتىم».
ت. ئەيساروۋانىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ 1941-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50-يىللىرى ئۇ ئائىلىسى بىلەن قىرغىزىستانغا كۆچۈپ چىقىپ، دەسلەپتە ئوش ۋىلايىتىدە، ئاندىن فرۇنزې، يەنى ھازىرقى بىشكەك شەھىرىدە ياشىغان. تۇرمۇشنىڭ ئېغىرلىقىدىن ت. ئەيساروۋا دېھقانچىلىق، ناۋايچىلىق، ئاشپەزلىك ۋە باشقىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش ھەر خىل كەسىپلەردە ئىشلەشكە مەجبۇر بولغان. 1974-يىلى بولسا ت. ئەيساروۋا ئالماتادىكى ئۇيغۇر تىياتىرىغا تەكلىپ قىلىنىپ، «ناۋا» ئانسامبىلىغا ناخشىچى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغان. ئۇ ئۇيغۇر تىياتىرىغا قانداق قىلىپ ئىشقا ئېلىنغانلىقىنى ئەسلەپ، مۇنداق دېدى:
«مېنى سىنىدى. بىرىنچى ئۇيغۇرچە ناخشا ‹جانەي›نى ئېيتتىم. ھەر بىر مىللەتنىڭ ناخشىسىنى ئېيتتىم. ئۇسسۇل ئوينىيالامسىز دېدى. ئوينىيالايمەن دېدىم. كېيىن سىز نېمىنى خالايسىز دېدى. مەن ‹ناۋا› دا ناخشا ئېيتىشنى خالايمەن دېدىم. شۇنىڭ بىلەن ناخشىچى بولۇپ كىرىپ قالدىم».
ت. ئەيساروۋا شۇنداقلا ناخشا ئېيتىشتىن تاشقىرى، روللارنىمۇ ئوينىغانلىقىنى، بولۇپمۇ «ئانارخان» دا رەنىخان، «غېرىپ-سەنەم»دە غېرىبنىڭ ئانىسى، غېرىبنىڭ سىڭلىسى ۋە گۈلچى موماي، «ئاكام ئۆيلىنىدۇ»دە چولپان ئوبرازلىرىنى ياراتقانلىقىنى، بۈگۈنكى كۈندە مۇنداق چوڭ ئۇتۇقلارغا يەتكىنىدە خەلقىدىن، «ناۋا» كوللېكتىپىدىن مىننەتدار ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان «ناۋا» ئانسامبىلىنىڭ بەدىئىي رەھبىرى قەھرىمان ئىمىنوف بۇ كۈنى پەقەت تىياتىر ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئۇيغۇر سەنئىتى، ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن چوڭ بايرام ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «تۇلۇنئاي ھەدىنى 1974-يىلدىن باشلاپ بىلىمەن. بۈگۈنكى كۈنگىچە ئۇ ‹ناۋا› ئانسامبىلىدا ئالدىنقى سەپتىكى ناخشىچىلارنىڭ بىرى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. ئاجايىپ ناخشىچى. ئالدىنقى ۋاقىتلاردا نۇربۈۋى ۋە خالىسخان ھەدىلەر ئۇنىڭغا ئۇستاز بولغان. بۈگۈنكى كۈندە شۇلارنىڭ ئورنىنى بېسىۋاتىدۇ. تۇلۇنئاي ھەدە نۇرغۇن يەرلەردە سەپەردە بولدى. ئۇنىڭ 50 يىللىق ئىشلىگەن ئەمگىكىنىڭ يەكۈنىنى بۈگۈن تىياتىردا خەلقىمىز ياخشى قارشى ئالىدۇ، دەپ ئىشىنىمەن. تۇلۇنئاي ھەدىگە زور تەن-ساقلىق، ئائىلىسىگە بەخت-سائادەت تىلەيمەن».
ق. ئىمىنوف ت. ئەيساروۋا بىلەن بىرلىكتە داڭلىق «چېۋەر يارىم» ناخشىسىنى يازغانلىقىنى، ئۇنىڭ شۇنداقلا بىر قاتار شېئىرلارنىڭ، قىسقا سەھنە ئەسەرلىرىنىڭ، ناخشا مۇزىكىلىرىنىڭ، مونولوگ ۋە باشقىلارنىڭ ئاپتورى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
تىياتىرنىڭ يەنە بىر ئارتىسى ئۈنچەم سوپىيېۋا بولسا، ت. ئەيساروۋانىڭ بۈگۈنكى كۈندە «ناۋا» ئانسامبىلىنىڭ ئۇستازى سۈپىتىدە تىياتىر كوللېكتىپىنىڭ ئالاھىدە ھۆرمىتىگە ئىگە بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «نۇرغۇن ئېغىرچىلىقلارنى تارتقان ھالەتتىمۇ تۇلۇنئاي ھەدە شۇنىڭغا بەرداشلىق بېرىپ، بالىلىرىنى قاتارغا قوشۇپ، ئۆزىنىڭ ئىشىنى داۋاملاشتۇردى. ئۇنىڭ غۇرۇرى ئۈستۈن، كۈچلۈك، مانا شۇ كۈچتىن ئايرىمىسۇن دەيمەن. تۇلۇنئاي ھەدىنىڭ ئىزباسارلىرى بارمۇ دەپ ئويلىساق، ئۇنىڭ گۈلباھار دېگەن قىزى تىياتىردا ئۇسسۇلچى بولۇپ نۇرغۇن خىزمەت قىلدى. تۇلۇنئاي ھەدىگە ئاق يول تىلەيمەن».
ئۈ. سوپىيېۋا تەۋەللۇت ئىگىسىنىڭ پىداكارانە ئەمگىكىنىڭ پەقەت تاماشىبىنلار تەرىپىدىنلا ئەمەس، بەلكى قازاقىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىنمۇ مۇناسىپ باھالانغانلىقىنى، ئۇنىڭ ياشلار ئۈچۈن دائىم ئۈلگە بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىگىلىشىمىزچە، ت. ئەيساروۋا 1978-يىلى سەمەرقەنتتە بولۇپ ئۆتكەن دۇنياۋى مۇقاملار فېستىۋالىدا ئۆزبېكىستان دۆلەت رادىيو ۋە تېلېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ، 2007-يىلى قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى مەدەنىيەت ۋە ئاخبارات مىنىستىرلىقىنىڭ پەخرىي يارلىقلىرى بىلەن تەقدىرلەنگەن. ئۇنىڭ كېيىنكى يىللاردىكى ئەمگىكى قازاقىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن يۇقىرى باھالىنىپ، قازاقىستان مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ «مەدەنىيەت ئەربابى» بەلگىسىنىڭ، قازاقىستان پارلامېنتى ئالىي كېڭىشى، ئۇيغۇر تىياتىرى ۋە ئايرىم جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلەرنىڭ پەخرىي يارلىقلىرىنىڭ، 2012-يىلى بولسا، دۆلەت مۇكاپاتى «زەربىدار ئەمگىكى ئۈچۈن» مېدالىنىڭ ساھىبى ئاتالغان.
مەزكۇر سەنئەت كېچىلىكى داۋامىدا ت. ئەيساروۋا ۋە «ناۋا» ئانسامبىلىنىڭ ئورۇنلىشىدا ناخشا-ئۇسۇللاردىن تەركىب تاپقان كونسېرت پروگراممىسى كۆرسىتىلدى.