دائىرىلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى كۈنى ھارپىسىدا «قانۇنسىز نەشر بۇيۇمى» نى يىغىۋېلىپ كۆيدۈرگەنلىكى ئىنكاس قوزغىدى

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2016.04.27
qanunsiz-neshr-kitab.jpg «قانۇنسىز نەشر بۇيۇم» لىرىنى يوقىتىش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش. 2016-يىلى 21-ئاپرېل، ئۈرۈمچى
xj.xinhuanet.com

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن «خەلق تورى»، «تەڭرى تاغ تورى» قاتارلىقلارنىڭ خەۋىرىدىن دائىرىلەرنىڭ 143 مىڭ قانۇنسىز نەشر بۇيۇمىنى 21-ئاپرېل كۈنى ئۈرۈمچىدىكى شىنخۇا كىتابخانىسى ئالدىدا كۆيدۈرۈلگەنلىكى مەلۇم بولدى. گەرچە دائىرىلەر بۇ ھەقتە تارقاتقان خەۋىرىدە ئۈرۈمچىدە كۆيدۈرۈلگەن «قانۇنسىز نەشر بۇيۇملىرى» نىڭ زادى قانداق مەزمۇندىكى ۋە قايسى تىللاردىكى نەشر بۇيۇملىرى ئىكەنلىكى ھەققىدە كونكرېت توختالمىغان بولسىمۇ، بىز بۇ قېتىم ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن دائىرىلەرنىڭ «قانۇنسىز نەشر بۇيۇملار» نامىدا يىغىۋالغان 200مىڭدىن ئارتۇق نەشر بۇيۇملىرى ۋە ئۈرۈمچىدە كۆيدۈرۈلگەنلىرىنىڭ قەيەردە ئىشلەنگەن، قانداق مەزمۇنلاردىكى كىتاب ۋە نەشر بۇيۇملىرى ئىكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن ئالاقىلىشىشكە تىرىشقان بولساقمۇ، جاۋاب ئېلىش مۇمكىن بولمىدى. ئەمما مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر زىيالىيلار بولسا دائىرىلەرنىڭ بۇ قېتىم كۆيدۈرگەن نەشر بۇيۇملىرىنىڭ قاتارىدا بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا ئۇيغۇر تىلىدىكى ۋە ئۇيغۇر تارىخىغا ۋە ئىسلام دىنىغا ئائىت كىتابلارنىڭ بولۇشى مۇمكىنلىكىنى قىياس قىلماقتا.

بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان ئامېرىكىدىكى تارىخ پەنلىرى دوكتورى قاھار بارات ئەپەندى، «كىتابلارنى كۆيدۈرۈش تىپىك ھالدىكى مۇستەبىت دۆلەتنىڭ قىلىقى، بۇ مەدەنىيىتىمىزگە قىلىنغان چوڭ بۇزغۇنچىلىق»دەپ تەنقىد قىلدى. قاھار باراتنىڭ قارىشىچە، گەرچە خىتاي يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇر رايونىدا نەشرىياتچىلىق ساھەسىنى تەرەققىي قىلدۇردۇق دەپ كۆرسىتىۋاتقان بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسەن ئۆزىنىڭ سىياسىي تەشۋىقاتى ئۈچۈن رەڭگارەڭ كىتابلارنى چىقىرىشقا، خىتايلارنىڭ كىتابلىرىنى تەرجىمە قىلىپ بېسىشقا كۆپ مەبلەغ ئاجرىتىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇرلار ئەنئەنىۋى تارىخىي، مەدەنىي، دىنىي مىراسلىرىنى چىقىرىشقا بەكمۇ ئاجىز. قاھار بارات يەنە مۇنداق دېدى «ئەگەر نەشرىياتچىلىقىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرغان بولسا، قېنى بىزنىڭ تارىخىي كىتابلىرىمىز؟ قېنى بىزنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى ژۇرناللىرىمىز، ئەسەرلىرىمىز ؟ ھازىر چىقىۋاتقىنى پەقەت خىتاينىڭ تەشۋىقاتى ۋە خىتاي يازارلىرىنىڭ كىتابلىرى.»

ئەلكۈن تورىنىڭ ساھىبى، لوندوندىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت سەنئىتىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئەزىز ئەيسا ئەپەندى يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇرلارغا دائىر كلاسسىك ئەسەرلەر، ئاسارە-ئەتىقە، قوليازمىلار ۋە نەشر بۇيۇملارنى يىغىپ ساقلاش ۋە تونۇشتۇرۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بولۇپ، ئەزىز ئەپەندىمۇ «خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدە كەڭ كۆلەملىك كىتاب كۆيدۈرۈش ھەرىكىتى، ئۆزىنى مەدەنىيەتلىك بىر دۆلەت دەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان، ئۆزىنى ئىلمىي، مەدەنىيەتلىك جەمئىيەت قۇرىمىز دەۋاتقان خىتاي دۆلىتىدەك بىر دۆلەت ئۈچۈن مەدەنىيەتكە، ئىلىمگە خاس بولمىغان، قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان بىر ئىش. ئىنسان مەدەنىيىتى ۋە خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇنلىرىدىنمۇ قوبۇل قىلغىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس.» دەپ تەنقىد قىلدى.

ئەزىز ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ بىر قانچە كۈن ئىلگىرى لوندون ۋوتېرلۇ كۆۋرۈك ئاستى كىتابپۇرۇشلار بازىرىدىن ئۆمەر ھەييامنىڭ 1890 يىللىرى ئىنگلىز تىلىدا نەشر قىلىنغان ئىككى پارچە كىتابىنى تېپىۋالغان ۋە ناھايىتى ھاياجانلىنىپ سېتىۋالغان شۇنداقلا كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ كىتابلاردىكى ھەييامنىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرىنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىش ئالدىدا ئىكەن. ئۇ چەتئەللەردىمۇ ئۇيغۇرلارغا دائىر كلاسسىك ئەسەرلەرنى تېپىپ بەھر ئالالايدىغان شارائىتتا، ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنىڭ بولسا ئۆز تىلىدا نەشر قىلىنغان يۈز يىل ئاۋۋالقى كىتاب ۋە ئەسەرلەردىن بەھر ئالالمايۋاتقانلىقىنى سېلىشتۇرۇپ ئېچىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ قارىشىچە، گەرچە خەۋەردە ئۈرۈمچىدە كۆيدۈرۈلگەن «قانۇنسىز نەشر بۇيۇملىرى» نىڭ زادى قانداق مەزمۇندىكى ۋە قايسى تىللاردىكى نەشر بۇيۇملىرى ئىكەنلىكىنى يوشۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، ئۈرۈمچىدە كۆيدۈرۈلگەن ئاتالمىش «قانۇنسىز نەشر بۇيۇملىرى» نىڭ خېلى كۆپ قىسمىنىڭ ئۇيغۇر تىل-يېزىقىدا چىققان سەزگۈر تېمىدىكى كىتاب-ماتېرىياللار بولۇشى مۇمكىنلىكىنى قىياس قىلىش تەس ئەمەس، چۈنكى ئۇيغۇرلار نەشرىياتچىلىقىلا ئەمەس، تىلى، مەدەنىيەت مىراسلىرى ئاخبارات، سەنئەت ھەممىسىگە ئىگە بولالمىدى، ئۇنىڭغا ئىگە بۆلىۋالغان خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇلارنى ئۆزىنىڭ خاھىشى بويىچە نەشر قىلىپ، ئۆزىنىڭ سىياسىتىگە خىزمەت قىلدۇرماقتا. كىتابلار كۆپلەپ بېسىلىۋاتقان بولسىمۇ سانى بار، ساپاسى يوق.»

قاھار بارات ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ھازىرقى ئىنتېرنېت دەۋرى نەشرىياتچىلىقنى بىر ئىنقىلاب دەۋرىگە ئېلىپ كىردى، ئېلېكترونلۇق كىتاب، تور كۇتۇپخانىلىرى، بىزنىڭ چۈشەنچىمىزدىكى كىتاب ئۇقۇمىنى شەكىللەندۈرگەن قەغەز باسمىسىدىن ئىبارەت ئەنئەنىۋى نەشرىياتچىلىقنىڭ ئورنىنى ئېلىشى مۇمكىن، ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدا بولسا بۇ ساھەدە ئەمدىلا كۆزگە كۆرۈنۈشكە باشلىغان نادىر ئۇيغۇر تور بەتلىرىمۇ تاقىۋېتىلدى، دېمەك خىتاي ھۆكۈمىتى ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقىغىلا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ قالماستىن، ئۇنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات يولىنىمۇ ئۈزۈپ تاشلاشقا تىرىشماقتا.

ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئوخشىمىغان رەستىلىرىدە نۇرغۇن كىتابپۇرۇشلار ۋە كىتاب بازارلىرى بولىدىغان، بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا، نۆۋەتتە قەدىمىي قوليازمىلاردىن تارتىپ ئەڭ يېڭى پەن تېخنىكىغا دائىر رەڭدار كىتاب ماتېرىياللار تېپىلىدىغان بۇ خىل كىتابپۇرۇشلارنى ئۇچراتماق ئىنتايىن تەس ئىكەن. چۈنكى يىللاردىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا داۋام قىلىپ كەلگەن مەدەنىيەت بازارلىرىنى رەتكە سېلىش، سېرىق نەشر بۇيۇملارغا زەربە بېرىش ۋە قانۇنسىز نەشر بۇيۇملىرىنى يىغىش ھەرىكەتلىرىدە بۇ خىلدىكى كىتاب بازارلىرى ئاساسلىق نىشان بولغان.

ئەزىز ئەيسا ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئىنسانلار رەقەم دەۋرىدە ياشاۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر ياشلىرىمۇ بۇ ساھەدە يېتىشىۋاتىدۇ، بولۇپمۇ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار مەدەنىيەت ئىلمىي ساھەسىدە باغلىنىش ۋە ۋارىسلىق قىلىش كۈچىيىۋاتىدۇ، شۇڭا بۇ جەھەتتە ئۇيغۇرلارغا دائىر مەدەنىيەت، تارىخ مىراسلىرىنى رەقەملەشتۈرۈپ كېيىنكىلەرگە قالدۇرۇش يولىدا نۇرغۇن خىزمەتلەر ئىشلىنىۋاتىدۇ. گەرچە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۇ خىل يېڭىلىقنى قوبۇل قىلىپ ھەزىم قىلىشىغا بەلگىلىك ۋاقىت ۋە جەريان كېتىشى مۇمكىن بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ پەن-تېخنىكا ئۇچۇرلىرىغا بولغان سەزگۈرلۈكى ئېشىپ بارماقتا، بولۇپمۇ چەتئەللەردە تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇرلارنىڭ پەن-تېخنىكىنىڭ كۈچى بىلەن بارلىققا كەلگەن يېڭىلىقنىڭ قۇلايلىقىدىن پايدىلىنىپ خىزمەت، تۇرمۇش، ئۆگىنىش ئىشلىرىدا تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈم يارىتىش يولىدىكى تىرىشچانلىقلار نەتىجىسىدە ئېلېكترونلۇق كىتابلار كۆپەيمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل ئۇيغۇرلارغا دائىر كىتابلارنى كۆيدۈرۈش بىلەن ئۆزىنىڭ مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.