نەسىردىن ئەپەندىنىڭ يۇرتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى مۇھاكىمە قىلىندى

0:00 / 0:00

4-نويابىر كۈنىدىن 7-نويابىر كۈنىگىچە تۈرك دۇنياسىنىڭ كۈلتۈر پايتەختى دەپ ئېلان قىلىنغان ۋە تۈركلەر تەرىپىدىن نەسىردىن ئەپەندىنىڭ يۇرتى دەپ قارىلىۋاتقان ئەسكىشەھىردە «تۈرك دۇنياسىنىڭ مەدەنىي بايلىقلىرى» ماۋزۇلۇق خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلغان بولۇپ، بۇ يىغىندا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا كۆپ ساندا ئىلمىي ماقالە ئوقۇپ ئۆتۈلدى.

4-نويابىر كۈنى ئەسكىشەھىر ئوسمان غازى ئۇنىۋېرسىتېتى كۈلتۈر مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئېچىلىش مۇراسىمىدا تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرى پروفېسسور نەبى ئاۋجى ئەپەندى، ئەسكىشەھىر ۋالىسى گۈنكۆر ئازىم تۇنا ۋە ئوسمان غازى ئۇنىۋېرسىتېتى مۇدىرى پروفېسسور ھاسان گۆنەن ئەپەندىلەر ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى. ئەسكىشەھىر ۋالىسى گۈنگۆر ئازىم تۇنا ئەپەندى ئېچىلىش نۇتقىدا، تونۇلغان لەتىپىچى نەسىردىن ئەپەندىنىڭ بىر لەتىپىسىدە دۇنيانىڭ مەركىزى دەپ كۆرسەتكەن ئەسكىشەھىردە «تۈرك دۇنياسىنىڭ مەدەنىي بايلىقلىرى» نامىدا بۇنداق بىر يىغىننىڭ چاقىرىلىشىنىڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
نەسىردىن ئەپەندى تۈرك دۇنياسىنىڭ كۈلتۈر پايتەختى ئېلان قىلىنغان ئەسكىشەھىردە تۇغۇلغان. نەسىردىن ئەپەندى، ئۆز لەتىپىلىرى ئارقىلىق كىشىلەرنى تەربىيىلىگەن مائارىپچى ۋە يېتەكچى. نەسىردىن ئەپەندى 13-ئەسىردە بىزنىڭ ئەسكىشەھىر ۋىلايىتىنىڭ يېڭىھىسار ناھىيىسىدە تۇغۇلغان، ئۇنىڭ لەتىپىلىرى بۇ يەردىن پۈتۈن تۈرك دۇنياسىغا يېيىلغان. نەسىردىن ئەپەندى پۈتۈن تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئورتاق مەدەنىي بايلىقى. نەسىردىن ئەپەندىنىڭ تۇغۇلغان يېرى بولغان ئەسكىشەھىردە بۇنداق بىر يىغىننىڭ چاقىرىلىشى ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ، كىشىنى خۇشاللاندۇرىدىغان بىر ئەھۋال.

7-نويابىر كۈنىگىچە 4 كۈن داۋاملاشقان بۇ يىغىنغا ئەزەربەيجان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان، ياپونىيە، موڭغۇلىيە، تۈركىيە ۋە رۇسىيە فېدېراتسىيەسىدىكى تۈركىي خەلقلەر مۇتەخەسسىسلىرىدىن 110 ئەتراپىدا مۇتەخەسسىس قاتناشتى ۋە ئىلمىي دوكلات بەردى.

يىغىندا موڭغۇلىيەلىك پروفېسسور تسەند باتتۇلگا ئەپەندى «يېڭى تېپىلغان كۆكتۈرك ۋە ئۇيغۇر ئابىدىلىرىگە ئومۇمىي نەزەر»، ئۆزبېكىستان مۇتەخەسسىسى ئامانوۋ شاكىروۋىچ «ئەلىشىر ناۋايى ئەسەرلىرىدە مەنىۋى تۇرمۇشنىڭ ئەكس ئەتتۈرۈلۈشى»، ئەزەربەيجان ئالىمى ئەپسانە مەممودوۋا خانىم بولسا «تۈركىي مىللەت خانىم قىزلىرىنىڭ تارىختىكى ئورنى ۋە بۈگۈنى» قاتارلىق تېمىلاردا دوكلات بەردى.

يىغىندا يەنە مەخسۇس «شەرقىي تۈركىستاندىن تۈركىيەگە كۆچۈش» دېگەن تېمىدا دوكلات بېرىلدى.

بۇلاردىن باشقا يەنە بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر ئۆز ئىلمىي دوكلاتلىرىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئالدى. بۇلارنىڭ سىرتىدا بەزى سەنئەت تارىخى تەتقىقاتچىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرك سەنئەت تارىخىغا قوشقان تۆھپىلىرى توغرىسىدا توختالسا، يەنە بەزى مۇتەخەسسىسلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي تۈرك مەدەنىيەت تارىخىغا قوشقان تۆھپىلىرى توغرىسىدا توختالدى.

بىز يىغىن توغرىسىدىكى كۆز قاراشلىرىنى ئىگىلەش ئۈچۈن يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان مۇتەخەسسىسلىرىگە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق. ئەسكىشەھىر ئوسمان غازى ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى در. ھەسەن ھۈسەيىن ئەپەندى، ئەسكىشەھىرنى تۈرك دۇنياسىنىڭ كۈلتۈر پايتەختى ئېلان قىلغاندىن كېيىن ئەسكىشەھىردە تۈرك دۇنياسى توغرىسىدا نۇرغۇن پائالىيەتلەرنىڭ ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، بۇلارنىڭ ھەممىسىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى چۈنكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ تۈرك دۇنياسىدىكى ئىستراتېگىيىلىك ئورنىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم جاي ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.