شائىر، ئالىم نەزەرغوجا ئابدۇسەمەتوف يەتتىسۇنىڭ يېتىلگەن جەمئىيەت ئەربابى ئىدى

0:00 / 0:00

ئۆتكەن ئەسىرنىڭ باشلىرىدا يەتتىسۇنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي ھاياتىدا مۇھىم رول ئوينىغان شەخسلەرنىڭ بىرى نەزەرغوجا ئابدۇسەمەتوفتۇر. بۇ يىلى ئۇنىڭ تۇغۇلغىنىغا 130 يىل تولدى. تارىخچى، شائىر ۋە جەمئىيەت ئەربابى ن. ئابدۇسەمەتوف 1887-يىلى ھازىرقى ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ ئۇيغۇر ناھىيىسىگە قاراشلىق غالجات يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ دادىسى ئابدۇسەمەت 19-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا ئىلى ۋىلايىتىدە ئەۋج ئالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئازادلىق قوزغىلىڭىنىڭ ئاكتىپ ئىشتىراكچىلىرىدىن بىرى بولغان ئىدى. مۇستەقىل ئىلى سۇلتانلىقى رۇسىيە ئىمپېرىيىسى تەرىپىدىن يوقىتىلغاندىن كېيىن، 1890-يىللارنىڭ باشلىرىدا يۈز بەرگەن كۆچتە ئۇ ئائىلىسى بىلەن يەتتىسۇغا كۆچۈپ چىقىشقا مەجبۇر بولغان.

ن. ئابدۇسەمەتوف دادىسى ئابدۇسەمەتنىڭ ۋە شۇ دەۋردىكى بىر قاتار تەرەققىيپەرۋەر شەخسلەرنىڭ تەسىرى ئاستىدا خەلقىنى ئويغىتىش، ئۇنىڭ پاجىئەلىك تارىخىنى تىكلەش، مەدەنىيىتىنى راۋاجلاندۇرۇش يولىدا كۆپ ئىشلىدى. پېشقەدەم ژۇرنالىست يادىكار سابىتوفنىڭ ئېيتىشىچە، ن. ئابدۇسېمەتوفنىڭ جەمئىيەت ئەربابى بولۇپ يېتىلىشىدە، بولۇپمۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يەنە بىر مۇنەۋۋەر پەرزەنتى ئابدۇللا روزىباقىيېف مۇھىم رول ئوينىغان. ئۇ، بۇ ئىككى شەخسنىڭ بىر-بىرى بىلەن ناھايىتى يېقىن ئۆتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بۇ ھەقتە ماڭا ئا. روزىباقىيېفنىڭ يېقىن قېرىندىشى ئابدۇمىجىت روزىباقىيېف سۆزلەپ بەرگەن ئىدى. مەن 1998-يىلى ئاتۇ پاجىئەسىنىڭ 80 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئابدۇمىجىت ئاكىغا يولۇققان. ئۇ ماڭا ‹مەن يېقىندا پرېزىدېنت ئارخىپىدا ئا. روزىباقىيېفنى سوراق قىلغان ھۆججەتلەرنى كۆردۈم. بۇ سوراقتا ئاكام ن. ئابدۇسەمەتوفنى ياقلاپ سۆزلىگەن› دىدى.»

ي. سابىتوفنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30-يىللىرى سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئەۋج ئالغان ستالىن سىياسىي تەقىبلىرى ئاقىۋىتىدە ئا. روزىباقىيېف ئوخشاش مىڭلىغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى تۇتقۇن قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئېتىپ تاشلانسا، بەزىلىرى ئۇزۇن مۇددەتلىك تۈرمىلەرگە قامالغان ئىدى. ئۇ سوۋېت ئورگانلىرى خادىملىرى تەرىپىدىن سوراققا ئېلىنىش ۋاقتىدا ئا. روزىباقىيېفنىڭ ن. ئابدۇسەمەتوف بىلەن بىر قاتاردا ئۆز دادىسى، يەنى ئاتاقلىق مەرىپەتچى تېيىپھاجى سابىتوفنىمۇ ياقلاپ سۆزلىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يەنە: «مېنىڭ داداممۇ كوممۇنىست، لېكىن پارتىيىدىن چىقىرىلىپ ئۇنىڭغىمۇ تار مىللەتچى دېگەن ئەيىب قويۇلغاندىن كېيىن، ئۇمۇ چېگرادىن ئۆتۈپ كەتتى دەپتۇ. لېكىن، ئابدۇمىجىت ئاكا ئۇلارنى ۋەتەندىكى غەپلەت ئۇيقۇسىدا ياتقان ئۇيغۇرلىرىمىزنى ئويغىتىش ئۈچۈن بۇلارنى قاچۇرۇۋەتكەن» دېدى.

ئابدۇمىجىت روزىباقىيېف مۇنداق دەپ ئەسلەيدۇ: «مەن 1927-يىلى نەزەرغوجا ئابدۇسەمەتوفنى ئابدۇللا روزىباقىيېف بىلەن سۆھبەتلىشىپ تۇرغان ۋاقتىدا بىرىنچى قېتىم كۆرگەن ئىدىم. ن. ئابدۇسەمەتوف ئا.روزىباقىيېف بىلەن ناھايىتى ئىللىق خوشلىشىپ كەتكەندىن كېيىن، مەن ئا. روزىباقىيېفتىن ‹بۇ كىشى كىم بولىدۇ؟› دەپ سورىغىنىمدا، ئۇ ماڭا: ‹نەزەرغوجا ئابدۇسەمەتوف دېگەن كىشى بولىدۇ. تەخەللۇسى ‹ئۇيغۇر بالىسى›. خەلقىمىزنىڭ ئىچىدىن چىققان پېشقەدەم ئەدىب، دېموكرات. ‹ئۇيغۇر بالىسى› تاتارلارنىڭ ئورېنبۇرگتا چىقىدىغان ‹شورا› ژۇرنىلىدا ۋە باشقا ژۇرناللار سەھىپىلىرىدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخىنى، مەدەنىيىتىنى رۇسىيەدىكى تۈركىي خەلقلەرگە تونۇشتۇرغان مۇتەپەككۈرلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ› دېدى.»

ي. سابىتوف يەتتىسۇدا نەشر قىلىنغان «كۆمەك»، «ئۇچقۇن»، «كەمبەغەللەر ئاۋازى»، «ياش ئۇيغۇر»، «بىرىنچى چامدام» غا ئوخشاش گېزىتلەردە ن. ئابدۇسەمەتوفنىڭ «ئۇيغۇر بالىسى» تەخەللۇسى بىلەن كۆپلىگەن ماقالىلىرىنىڭ، شېئىر ۋە ھېكايىلىرىنىڭ پات-پات ئېلان قىلىنىپ تۇرغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، يەتتىسۇ كوممۇنىستلىرىنىڭ ئۆلكىلىك بيۇروسى ن. ئابدۇسەمەتوفنىڭ ھەر خىل ساھەلەردىكى پائالىيىتىنى يۇقىرى باھالاپ، ئۇنى ئۆلكىلىك بيۇرو يېنىدىكى ئىلمىي ھەيئەتنىڭ ئەزالىقىغا قوبۇل قىلغان. 1923-يىلى ئا. روزىباقىيېف ن. ئابدۇسەمەتوفنى ئىلمىي ھەيئەت رەئىسلىكىگە، يەنى ئۆز ئورنىغا تەۋسىيە قىلغان ئىدى.

يەتتىسۇدا ياشىغان ۋاقتىدا ن. ئابدۇسەمەتوف 1921-يىلى «تارانچى تۈركلىرىنىڭ تارىخى» ناملىق كىتابىنى يازدى. مەزكۇر ئەمگەك ئۇيغۇر كوممۇنىستلىرىنىڭ ۋىلايەتلىك بيۇروسى تەرىپىدىن يەتتىسۇ دۆلەت نەشرىياتىدا مىڭ نۇسخا بىلەن نەشر قىلىندى. 1930-يىللىرى ن. ئابدۇسەمەتوف قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، بۇ كىتاب كۆيدۈرۈۋېتىلگەن ئىدى. ي. سابىتوفنىڭ ئېيتىشىچە، كىتابنىڭ فوتوكۆچۈرمىسى ھازىر ئالماتا شەھىرىدە ئىستىقامەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرشۇناس ئالىم، تارىخچى مۇنىر يېرزىننىڭ ئارخىپىدا ساقلىنىپ قالغان. كىتاب سەككىز قىسىمدىن تەركىب تاپقان بولۇپ «سۆز بېشى»، «ئىلى ۋىلايىتى»، «ئىلىدا جۇڭغار دۆلىتىنىڭ تەشكىل ئېتىلىشى»، «ئىلىدا مانجۇ تايپىلىرى ھەم تارانچىلار»، «تارانچى-تۇڭگان ئىختىلاپى ۋە غۇلجا (ئىلى) سۇلتانلىقى»، «تارانچىلار ئورۇسلارنىڭ قولىدا»، «خاتىمە» ۋە «مىللىي تارىخقا ئائىت تۈرلۈك مەسىلىلەر» دەپ ئاتالغان.

ن. ئابدۇسەمەتوفنىڭ كۈيئوغلى، ئۇزۇن يىللار مابەينىدە ئالماتا شەھىرىدە ياشىغان مەخسۇت ئىبراھىموفنىڭ ئېيتىشىچە، ن. ئابدۇسەمەتوف يەتتىسۇ ئۇيغۇرلىرىغا كەڭ تونۇلغان ئەرباب بولۇپ، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30-يىللىرى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئا. روزىباقىيېف تۇتۇلۇپ كەتكەن ۋاقىتلاردا ئۇ ياركەنتتىن كەتكەن ئىكەن. ئۇ ياققا بېرىپ، جاغىستاي دېگەن يەردە سودا قىلدى. بىر قېتىم يېزىق توغرىلىق ماقالە يېزىپتۇ. ئۇ ناھايىتى ئوقۇمۇشلۇق ئادەم بولغان. ئۇنىڭ ھەممە ماقالىلىرى ‹شورا› دا چىققان. مېنىڭ بىر كۆرگىنىم، ئۇ ۋاقىتلاردا تاتارلار ناھايىتى بىلىملىك ئادەملەر بولغان ئىدى.»

م. ئىبراھىموف ن. ئابدۇسەمەتوفنىڭ جاغىستايدىكى ئۆمرى ناھايىتى كەمبەغەلچىلىكتە ئۆتسىمۇ، قەددىنى پۈكمىگەنلىكىنى، ھاياتىنىڭ ئاخىرقى دەقىقىلىرىگىچە مىللىتىگە سادىق بولۇپ ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ي. سابىتوفنىڭ دېيىشىچە، 1948-يىلى كۈز ئايلىرىدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاكتىپ ئىشتىراكچىلىرىدىن بىرى ئەخمەتجان قاسىمى ن. ئابدۇسەمەتوف بىلەن جاغىستايدا كۆرۈشكەن ھەم ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدا «بىرلىك» مەكتىپىنى زىيارەت قىلغان. شۇ چاغدا ئە. قاسىمى ن. ئابدۇسەمەتوفقا ئۇيغۇر تارىخىنى يېزىش ئىلتىماسىنى قىلغان بولسىمۇ، بۇنىڭ كېيىنكى تەقدىرى نامەلۇم بولۇپ قالغان. نەزەرغوجا ئابدۇسەمەتوف 1952-يىلى جاغىستايدا ۋاپات بولدى.