نورۇز بايرىمى تەبىئەتنىڭ ئۇلۇغ بايرىمى! زېمىن قىشلىق ئۇيقۇسىدىن ئويغىنىپ، ھاياتلىق زىمىستان ئۈستىدىن غالىپ كەلگىنىنى تەنتەنە قىلىۋاتقان بۇ بايرام كۈنىدە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ يېڭى بىر يىلىنى گۈزەل ھەم ئورتاق تىلەكلەر بىلەن باشلايدۇ.
پەسىللەر شاھى باھارنىڭ بىرىنچى كۈنىدە ئالدى بىلەن بارلىق ئاڭلىغۇچىلىرىمىزنى نورۇز بايرىمى بىلەن قىزغىن تەبرىكلەيمىز. باھارنى سۆيگەن بارچە قەلبلەر قۇتلۇق نورۇز بايرىمىنىڭ خاسىيىتى بىلەن دىللىرى سۆيۈنگەي! بارلىق تەبىئەت كۆكلەم جىلۋىسىدە گۈزەللىككە تولغىنىدەك، ئۇيغۇرلار ھاياتىنىڭ مەيلى دۇنيانىڭ قەيىرىدە بولمىسۇن، شادىمان كۈلۈشىگە تىلەكداشمىز.
بۇ قۇتلۇق بايرام كۈنلىرىدە ئەل غېمى ئۈچۈن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 25-نۆۋەتلىك ئىنسان ھەقلىرى ئومۇمىي يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، يىغىن ئارىلىقىدا مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى نورۇز ئىلھامى بىلەن ئەركىنلىك، بەخت نىشانلىرىغا قاراپ قولنى قولغا تۇتۇشۇپ، ئۆملۈك تۇغىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ غەيرەت ۋە ئىشەنچ بىلەن ئەتىگە بېقىشقا چاقىردى ۋە ئۇيغۇر خەلقىگە جۈملىدىن پۈتۈن نورۇز ئەھلىگە بەخت-تەلەي ۋە ئاسايىشلىق تىلىدى.