نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنىنى ئۆسمۈرلەر پائالىيىتى بىلەن تەبرىكلىدى

0:00 / 0:00

نورۋېگىيەدىكى ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 12-نويابىر كۈنى نورۋېگىيەنىڭ پايتەختى ئوسلو شەھىرىدىكى «ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى»دە تەربىيىلىنىۋاتقان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر ئۆزلىرىنىڭ تەييارلىغان نومۇرلىرى بىلەن ئىككى جۇمھۇرىيەت كۈنىنى تەبرىكلىدى.

پائالىيەت شۇ يەر ۋاقتى 12:00 باشلىنىپ 2 دە ئاياغلاشتى.

بۇ پائالىيەتكە ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىدە دەم ئېلىش كۈنلىرىدە ئانا تىل ۋە قۇرئان ساۋاتىنى چىقىرىش كۇرسىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا، ئانىلاردىن بولۇپ 60 قا يېقىن كىشى قاتناشتى.

ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر ئۆزلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەت بايرىمى ئۈچۈن تەييارلىغان قۇرئان سۈرىلىرىنى يادقا ئوقۇش، دۆلەت شېئىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىش قاتارلىق نومۇرلارنى كۆرسىتىپ مەيدانغا ھازىر بولغان ئاتا، ئانىلارنى ھاياجانغا سالدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى نىغمەت تۇرسۇن ئەپەندى ئۆسمۈرلەر بىلەن بىرگە جۇمھۇرىيەت كۈنىنى تەبرىكلەشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئاتا، ئانىلار ۋەكىلى ۋە ئانا تىل ئوقۇتقۇچىسى دىلنۇر ھاجىم بۈگۈنكى پائالىيەت ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىمىزنى جاۋابلاندۇردى.

ئاخىرىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان نورۋېگىيە ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى ئۆمەر ھاجىم ئۆسمۈرلەرگە ھازىردىن باشلاپ دۆلەتچىلىك ئىدىيەسىنى سىڭدۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.