قازاقىستاندا كۆپلىگەن تالانتلىق ئۇيغۇر ناخشىچىلىرى، مۇقامچىلىرى يېتىلىپ چىققان بولۇپ، ئۇلار باشقا مەملىكەتلەردىمۇ كەڭ تونۇلغان ئىدى. ئەنە شۇلارنىڭ بىرى نۇرئالىم ۋارىسوفتۇر.
ن. ۋارىسوف 1964-يىلى ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ ئۇيغۇر ناھىيىسىگە قاراشلىق ئاۋات يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئوتتۇرا مەكتەپتىن كېيىن دەسلەپ شۇ ناھىيىدىكى «ئارزۇ» ئانسامبىلىدا ئىشلىدى. ئۇ ئالماتادىكى چايكوۋسكىي نامىدىكى مۇزىكا مەكتىپىنى تاماملىغاندىن بۇيان، ئۇزۇن يىللار مابەينىدە قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرىدا ئىشلەپ كەلمەكتە. بىر قاتار مەملىكەتلىك ۋە باشقا مۇكاپاتلارنىڭ ساھىبى ن. ۋارىسوف مىڭلىغان ئۇيغۇر تاماشىبىنلىرىنى سۆيۈندۈرگەن تالانتلىق ناخشىچىسىدۇر.
ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز ئىجادى ۋە مىللىي سەنئەت ھەققىدە قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن ئۇنىڭ قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتى ھەققىدىكى سۆھبىتىنى ئاڭلاڭلار.