يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدىكى تور بەتلىرىدە نۇزۇگۇمنىڭ قەبرىسى ھەققىدە يېڭى بايقاشلارنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكى ھەمدە بۇ ھەقتىكى بەس-مۇنازىرىلەرنىڭ قانات يايغانلىقى مەلۇم.
«باغداش» ۋە «مىسرانىم» تورلىرىغا بېسىلغان بۇ ھەقتىكى يازمىلاردا غۇلجادىكى زىيالىيلارنىڭ 5-ئايدا ئارائۆستەڭ يېزىسىنىڭ بۇلاقبېشى كەنتىگە بېرىپ بۇ يەردە نۇزۇگۇمنىڭ قەبرىسى دەپ قارالغان كونا گۈمبەزنى تەكشۈرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر گۈمبەز بۇلاقبېشى كەنتىدىكى قومۇشلۇق بىلەن ئورالغان دۆڭلۈككە جايلاشقان بولۇپ، كېسەك ۋە ياغاچ بىلەن ياسالغان. گۈمبەز ئىچىدىكى مەقبەرە ئايال كىشىنىڭ قەبرىسىگە خاس ئۇسلۇبتا قاتۇرۇلغان بولۇپ، ئۈستىگە قىزىل رەخت يېپىلغان. بۇلاقبېشى كەنتىدىكى پېشقەدەملەرمۇ بۇ قەبرىنىڭ بۇرۇندىن تارتىپ «نۇزۇگۇمنىڭ قەبرىسى» دەپ ئاتىلىپ كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئورتا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار، بولۇپمۇ قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىدە ياشىغۇچى ئۇيغۇرلارمۇ سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىن باشلاپلا نۇزۇگۇم ۋە ئۇنىڭ قەبرىسى ھەققىدە ئىزدىنىپ كەلگەن. ئۇلار خەلق ئىچىدىكى رىۋايەتلەرگە ئاساسەن قازاقىستاننىڭ كەتمەن رايونىغا قاراشلىق ئەۋلىيا چوققا ئەتراپىدا نۇزۇگۇمنىڭ قەبرىسى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. 1991-يىلى ئۆزبېكىستاندا «نۇزۇگۇم» ناملىق كىنو ئىشلەنگەن.
نۇزۇگۇم ھەققىدىكى خەلق قوشاقلىرى ئاساسىدا ئۇيغۇر كلاسسىك يازغۇچىلىرىدىن موللا بىلال نازىم تۇنجى قېتىم داستان يازغان. شۇنىڭدىن كېيىن نەزەرغوجا ئابدۇسەمەت (ئۇيغۇر بالىسى)، تۇرغان توختەموف ۋە مەمتىمىن ھوشۇر قاتارلىق يازغۇچىلار نۇزۇگۇم ھەققىدە رومان-پوۋېستلارنى يورۇقلۇققا چىقارغان.
ئۇنداقتا، نۇزۇگۇم زادى كىم؟ ئۇ قاچان، قەيەردە ياشىغان؟ قانداق قىسمەتلەرنى بېشىدىن كەچۈرگەن؟ ئۇنىڭ ھاياتى ئۇيغۇر تارىخىنىڭ قايسى دەۋرىگە بېرىپ تۇتىشىدۇ؟
تۈركىيە ئېگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتور ئالىمجان ئىنايەت بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن «نۇزۇگۇم» داستانى ھەققىدە توختىلىپ، ئالدى بىلەن نۇزۇگۇم توغرىسىدىكى قوشاقلارنىڭ پەيدا بولغانلىقى ۋە شۇ ئاساستا «نۇزۇگۇم» داستانىنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكى تەكىتلىدى.
دوكتور ئالىمجان ئىنايەت يەنە، نۇزۇگۇمنىڭ ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى مانجۇ-خىتاي ئىستېلاچىلىرىغا قارشى مىللىي روھتىكى قەھرىمان قىز-ئاياللارنىڭ ئوبرازى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. نۇزۇگۇمنىڭ ئۆز شەرمىي-ھاياسى ۋە مىللىي غۇرۇرى ئۈچۈن قۇربان بەرگۈچىلا ئەمەس، بەلكى يەنە ئۆزىنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى قوشاققا قاتقۇچى خەلق سەنئەتكارى ئىكەنلىكىنىمۇ ئىلگىرى سۈردى.
ئالىمجان ئىنايەت يەنە «نۇزۇگۇم» داستانىنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇيغۇر تارىخىنىڭ 19-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىكى قان-ياشلىق سەھىپىلىرىنى ئەسلەپ ئۆتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئۇ، نۇزۇگۇمنىڭ قەھرىمانلارچە ئۆلۈمى ۋە ئۇنىڭ ئوبرازىنىڭ بۈگۈنكى ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىدا مىللىي روھنى تىكلەشتىكى مۇھىم ئۈلگە ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى.