سۇمبات غېنىياروۋا: مېنى نازۇگۇمنىڭ روھى قوللىدى

0:00 / 0:00

مەلۇمكى، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەھرىمان قىزلىرى مايىمخان ۋە نازۇگۇم ھەققىدە بەدىئىي فىلىملار ئىشلىنىپ، كەڭ تاماشىبىن ئاممىسىغا كۆرسىتىلگەن ئىدى.

مەزكۇر فىلىملارنى ئىشلەشكە بولۇپمۇ قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستاننىڭ ئاتاقلىق ئارتىسلىرى تەكلىپ قىلىندى. قازاقىستان خەلق يازغۇچىسى زىيا سەمەدىنىڭ «مايىمخان» رومانى ئاساسىدا 1981-يىلى «قازاق فىلىم» كىنو شىركىتىدە «ئەژدىھا يىلى» ناملىق فىلىم، ئون يىلدىن كېيىن، يەنى 1991-يىلى «ئۆزبېك فىلىم» كىنو شىركىتىدە ئۆزبېكىستاننىڭ تونۇلغان رېژىسسورى ئابرور قاسىموفنىڭ «نازۇگۇم» فىلىمى ئىشلەنگەن ئىدى. مەزكۇر فىلىمنىڭ ئىلمىي مەسلىھەتچىسى ئاتاقلىق ئۇيغۇر شائىرى خېلىل ھەمرايېف ئىدى. فىلىم ئىشلەشكە باشقىلار قاتارىدا شۇ ۋاقىتتىكى تالدىقورغان ۋىلايىتى پانفىلوف ناھىيىسىگە قاراشلىق كالىنىن ئىگىلىكىنىڭ رەئىسى ئازاد مەشۈروف كۆپ كۈچ چىقاردى.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان «نازۇگۇم» فىلىمىنىڭ باش رولىنى ئورۇنلىغۇچى ئارتىس سۇمبات غېنىياروۋا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «1991-يىلى تىياتىردا ئىشلەپ يۈرگەن ۋاقتىمدىن باشلاپ مەن قازاق تېلېۋىزىيىسىنىڭ ‹ئالىتاغ› پروگراممىسىدا قازاقچە ۋە ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرىدە ئىشقا ئورۇنلاشتىم. شۇ يىللىرى ‹نازۇگۇم› فىلىمىنى ئىشلەش پىلانىغا كىرگۈزۈلدۈم. ئۆزبېكىستاننىڭ ياخشى بىر رېژىسسورى ئابرور قاسىموف نازۇگۇم رولىغا مېنى تەكلىپ قىلدى. فىلىم بىر سائەت يىگىرمە مىنۇت كۆلەمىدە ئىشلىنىپ چىقتى. بۇ فىلىمدا مېنىڭدىن باشقا ئۇيغۇرلاردىن رەھىلەم مەشۈروۋا ۋە خېلىل ھەمرايېف رول ئالدى.»

س. غېنىياروۋا شۇنداقلا فىلىمنى تەييارلاشتا كۆپلىگەن قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتىپ، يەنە مۇنداق دېدى: «بىر ئاي بۇيى ئاتلىق چېپىش، سۇ ئاستىدا ئۈزۈش ھەممىسى كىنودا بولغان قىيىنچىلىقلار. ئاندىن ئوت قويغان ۋاقتىدا ئۇنىڭ ئىچىدە يۈگۈرۈش ۋە باشقىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش قىيىنچىلىقلارغا قارىماستىن، نازۇگۇمنىڭ روھى مېنى قوللىدى دەپ ئويلايمەن. نازۇگۇم مېنىڭ چۈشۈمگە كىرىشكە باشلىدى.»

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئا. قاسىموف س. غېنىياروۋانى بىلەن خ. ھەمرايېفنى شەخسەن ئۆزى كىنوغا چۈشۈشكە تەكلىپ قىلغان ھەم ئۆزىمۇ تالانتلىق كىنو ئارتىسى بولغان. س. غېنىياروۋا فىلىمنىڭ بەزى كۆرۈنۈشلىرىنى كەتمەنگە جايلاشقان نازۇگۇم ئۆڭكۈرىدە ھەم ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلاردا، فىلىمغا شۇنداقلا ياركەنت تەۋەسىنىڭ پەنجىم يېزىسى تۇرغۇنلىرىنىڭمۇ جەلپ قىلىنغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ھازىر كەتمەن تاغلىرىدىكى مەشھۇر نازۇگۇم ئۆڭكۈرى كۆپلىگەن ساياھەتچىلەرنىڭ قىزىقىپ كۆرىدىغان ئورنىغا ئايلانغان. ئۇ يەردە ئورنىتىلغان تاشتا «ئۆز ھاياتىنى ۋەتەننىڭ شەنى ۋە ئازادلىقى ئۈچۈن قۇربان قىلغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەھرىمان قىزى نازۇگۇم مۇشۇ ئۆڭكۈرنى ماكانلىغان ئىدى» دېگەن سۆزلەر يېزىلغان.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزاتى خالمىنەم مەسىموۋا ئۇيغۇر ناھىيىسىدىكى كەتمەن يېزىسىنىڭ ئالىملار، مەرىپەتچىلەر يۇرتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «ئەسلى ئۆزۈم خەلقىمىزنىڭ قەھرىمان قىزى نازۇگۇم ماكان ئەتكەن كەتمەن يۇرتىدا تۇغۇلۇپ ئۆستۈم. بىز كىچىك چاغلىرىمىزدا چوڭلار نازۇگۇمنىڭ ئەركىنلىك ئۈچۈن يۈرگۈزگەن كۈرىشى، ئۇنىڭ دۈشمەنگە تىز پۈكمەي كۈننىڭ ئىسسىق ھەم سوغلىرىدا مۇشۇ كەتمەن تاغلىرىنى ماكان تۇتقانلىقى، ئۇنىڭ ئاجايىپ چىداملىقى ۋە قەھرىمانلىقى ھەققىدە ھېكايىلەرنى قىلىپ بېرەتتى. ئۆزىمىزنىڭ يۇرتىنىڭ خەلقىدىن تاشقىرى باشقىمۇ يېزىلاردا، ناھىيەلەردە، ھەتتا شەھەرلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار نازۇگۇمنىڭ بۇ يەردىكى ئۆڭكۈرىنى كۆرۈشكە مەخسۇس كېلەتتى. مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمىزدىمۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى دەرىسىدە نازۇگۇم توغرىلىق يېزىلغان ئەسەرلەرنى ئوقۇتتۇق. شۇلارنىڭ دەسلەپكىلىرى نازۇگۇمنىڭ قوشاقلىرى، كلاسسىك شائىرىمىز بىلال نازىمنىڭ شۇ ناملىق قىسسىسى. ھەقىقەتنى ئېيتقاندا، قازاقىستاندا نازۇگۇم توغرىلىق بىرىنچى ئەسەر يازغان بىزنىڭ ئاتاقلىق كومپوزىتورىمىز قۇددۇس غوجامياروفتۇر. ئۇنىڭ دەسلەپكى ئەسەرلىرىنىڭ بىرى ‹نازۇگۇم› ئوپېراسى 1956-يىلى يېزىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ ئوبرازغا نەزەرغوجا ئابدۇسېمەتوف، تۇرغان توختەموف، ھېزىم ئىسكەندەروف ئوخشاش تونۇلغان ئۇيغۇر شائىر ۋە يازغۇچىلىرىنىڭ مۇراجىئەت قىلغانلىقىنى ياخشى بىلىمىز. نازۇگۇم قۇربان بولۇپ، شۇنچە يىللار ئۆتسىمۇ ئۇيغۇر خەلقى ئۆزىنىڭ بۇ قەھرىمانىنى ھېچ ئۇنتۇغىنى يوق.»