ئوكىناۋادىكى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى تونۇشتۇرۇلدى

0:00 / 0:00

ئوكىناۋا ئۆلكىسىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنىنىڭ ئەۋزەللىكى، ھەربىي ئىستراتېگىيىلىك جەھەتتە مۇھىملىقىدىن ئامېرىكانىڭ ھەربىي بازىسى مۇشۇ يەرگە ئورۇنلاشقان. ياپون-خىتاي ئارىسىدىكى تالاش-تارتىشتىكى سېنكاكۇ ئارىلىمۇ دەل مۇشۇ ئۆلكىگە جايلاشقان. ئوكىناۋا ئۆلكىسى 1945-يىلى ئامېرىكا-ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى 82 كۈنلۈك ئۇزۇن ھەم دەھشەتلىك بولغان. تارىختا تىنچ ئوكيان ئۇرۇشى دەپ ئاتالغان ئۇرۇشتا، ئامېرىكا ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان. شۇندىن ئېتىبارەن ئامېرىكا دېڭىز، ھاۋا ئارمىيىسى مۇشۇ يەرگە ماكانلاشقان. ئوكىناۋا ئۆلكىسى 27 يىلغا قەدەر ئامېرىكانىڭ كونتروللۇقىدا بولغان. 1972-يىلى ئىككى دۆلەت ئارىسىدا تۈزۈلگەن تىنچلىق كېلىشىملىرى ئاساسىدا، ئوكىناۋا ئۆلكىسى ياپونىيەگە قايتۇرۇپ بېرىلگەن. ياپونلار ھەر يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى ئوكىناۋا ئۆلكىسىنىڭ ياپونىيە تۇپرىقىغا قايتۇرۇلغانلىقىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن ئوكىناۋادا تۈرلۈك خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ. ياپونىيەدىكى مىللەتچىلەردىن تەشكىللەنگەن ئاممىۋى تەشكىلاتلار بۇ خىلدىكى پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇشتا تولىمۇ ئاكتىپ كېلىدۇ. ياپون مىللەتچىلىرى بۇ خىلدىكى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ياپونلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىكىنى ئويغىتىشتا، ياشلارغا ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيىسىنى تەشۋىق قىلىشتا ئەھمىيىتى زور بولغان جانلىق پائالىيەت دەپ قارايدۇ.

بۇ يىلمۇ ياپونلار ئۆزلىرىنىڭ ئىلگىرىكى ئادەتلىرى بويىچە، ئوكىناۋا ئۆلكىسىنىڭ ياپونىيە قوينىغا قايتۇرۇلغانلىقىنىڭ 41 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرغان. مەزكۇر پائالىيەت ياپونىيەدىكى مىللەتچىلەردىن تەركىب تاپقان ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن بىرى بولغان «گابارە نىپپون» يەنى «غەيرەت قىل ياپونىيە» دېگەن ئاممىۋى تەشكىلاتنىڭ باشچىلىقىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. مەزكۇر پائالىيەتكە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلھام مەخمۇت قاتناشقان ۋە سۆز قىلغان. بىز مەزكۇر پائالىيەت ھەققىدە تولۇق مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ، ئىلھام مەخمۇت بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.