پروفېسسور سۇلتان مەخمۇت ئەپەندى يازغان «ئۆمرۈمنىڭ تەقدىر-قىسمەت خاتىرىلىرى» ناملىق ئەسەر تۈركىيەدە ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى.
ئىستانبۇلدىكى «تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى» تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان ئەسەر جەمئىي 8 باب، 823 بەتتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئەسەردە ئاپتور ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدە ئۆتكەن ھاياتى بىلەن 1980-يىللاردىن كېيىن مۇھاجىرەتتە ياشىغان ھايات كەچمىشلىرىنى بايان قىلغان. بولۇپمۇ مەزكۇر كىتابنىڭ كېيىنكى قىسمى، يەنى ئاپتورنىڭ چەتئەلگە چىققاندىن كېيىن ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ۋە گېنېرال مەھمەت رىزا بېكىن ئەپەندىلەر بىلەن بىرلىكتە تۈركىيەدە ئېلىپ بارغان 30 يىللىق سىياسىي ۋە ئىلمىي خىزمەتلىرى ئالاھىدە دىققەتكە سازاۋەردۇر.
مەزكۇر كىتابتا ئاپتور ئۆزىنىڭ تۈركىيەگە چىقىپ كېتىشتىن بۇرۇنقى ھايات مۇساپىسىنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئۆتكەن ئەسىردىكى سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ۋەزىيىتىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ ۋە ئوقۇرمەنلەرنى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ 30 يىللىق ۋەتەن دەۋاسىدىن خەۋەردار قىلىدۇ.
مەلۇمكى، مۇئەللىپ سۇلتان مەخمۇت 80-يىللارنىڭ بېشىدا تۈركىيەگە كەلگەندىن بۇيان تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىدۇ ھەمدە ۋەتەن دەۋاسى يولىدا ئاز بولمىغان خىزمەتلەرنى كۆرسىتىدۇ.
سۇلتان مەخمۇت ئەپەندى كىتاب توغرىسىدىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، يېشى 80 ياشقا تولغاندا كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن «ئۆمرۈمنىڭ تەقدىر-قىسمەت خاتىرىلىرى» ناملىق بىئوگرافىك ئەسەر يېزىشنى پىلانلىغانلىقىنى ۋە 2 يىل ئەمگەك سەرپ قىلىپ بۇ ئەسەرنى يېزىپ تاماملىغانلىقىنى بايان قىلدى.
سۇلتان مەخمۇت ئەپەندى 1936-يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇ ھاياتىدا 3 ھاكىمىيەتنىڭ دەۋرىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇلارنىڭ بىرىنچىسى شېڭ شىسەي ۋە گومىنداڭ دەۋرى، ئىككىنچىسى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دەۋرى، ئۈچىنچىسى بولسا كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى دەۋرىدىن ئىبارەت ئىكەن. پروفېسسور سۇلتان مەخمۇت ئەپەندى ئۆزى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بۇ دەۋرلەردە نۇرغۇن ھادىسىلەرگە شاھىت بولغانلىقىنى، كىتابىدا بۇ كەچمىشلىرىنى تەپسىلىي بايان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
سۇلتان مەخمۇت ئەپەندى باشلانغۇچ مەكتەپنى قەشقەردە پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئوتتۇرا مەكتەپنى غۇلجىدا ئوقۇغان. 1956-يىلى شىنجاڭ دارىلفۇنۇنىنىڭ تىل-ئەدەبىيات كەسپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن تاكى 1982-يىلىغىچە مەزكۇر مەكتەپنىڭ داۋامى بولغان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1982-يىلى تۈركىيەگە كېلىپ ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى، كېيىنچە تىراكيا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان شۇنداقلا تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر دەۋاسىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشقان. ئۇ كىتابىدا بۇ مەزگىللەردە بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ۋەقەلەرنى تەپسىلىي بايان قىلغانلىقىنى ئېيتتى.
سۇلتان مەخمۇت ئەپەندى تۈركىيەگە كەلگەندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھاجىرەتتىكى لىدېرى ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ۋە گېنېرال مەھمەت رىزا بېكىن ئەپەندىلەر بىلەن بىرلىكتە كۈرەش قىلغانلىقىنى، 1992-يىلى ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان «شەرقىي تۈركىستان مىللىي قۇرۇلتىيى» ئېچىلىشىدىمۇ ئاكتىپ رول ئوينىغانلىقىنى بايان قىلدى.
سۇلتان مەخمۇت ئەپەندى «ئۆمرۈمنىڭ تەقدىر-قىسمەت خاتىرىلىرى» ناملىق بىئوگرافىك ئەسىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھاجىرەتتە ئېلىپ بارغان ئۆتكەن 30 يىللىق كۈرەش مۇساپىسىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈنمۇ بەزى قىممەتلىك ماتېرىياللار بىلەن تەمىن ئېتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئىزمىردىكى ئېگە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، شائىر ۋە ئەدەبىياتچى سۇلتان مەخمۇت ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تۈركىيەدە تونۇلۇشىغا زور تۆھپە قوشقان كىشى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ يېڭىدىن يورۇق كۆرگەن بىئوگرافىك ئەسىرىنىڭ ياش ئەۋلادلارنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ تارىخىنى بىلىشىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
«ئۆمرۈمنىڭ تەقدىر-قىسمەت خاتىرىلىرى» ناملىق كىتاب ھازىر ئىستانبۇل زەيتىنبۇرنۇ رايونىدىكى «تەكلىماكان كىتابخانىسى» بىلەن «ساتۇق بۇغراخان كىتابخانىسىدا» سېتىلماقتا.
0:00 / 0:00