دوكتور خەمىت ھەمرايىف ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرى مەركىزىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى

0:00 / 0:00

قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى بېشكەك شەھىرىدە باشلانغان خەلقئارا ئورال، ئالتاي قەلەمكەشلەر كولۇبى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، 24-ئىيۇل كۈنى ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرى مەركىزىنىڭ 2-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى ئۆتكۈزۈلدى.

قۇرۇلتاي ئاخىرىدا دېموكراتىك سايلام ئارقىلىق دوكتور خەمىت ھەمرايىف ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرى مەركىزىنىڭ رەئىسلىكىگە، قەيسەر ئابدۇرۇسۇل باش كاتىپلىقىغا، ئابدۇرېشىت ھاجى كېرىمى باش تەپتىشلىكىگە سايلاندى.

يىغىن داۋامىدا يەنە، خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ 8-قېتىملىق قۇرۇلتىيىنى بىشكەكتە ئېچىش قارار قىلىندى.