مۇتەخەسسىسلەر: «خىتاينىڭ ‹ئورتاق تۈرك تارىخى› دەرسلىكىدىن ئەندىشە قىلىشى بىمەنىلىك»

0:00 / 0:00

مەركىزى قازاقىستاندىكى خەلقئارا تۈرك ئاكادېمىيەسى بۇ يىل 27‏-سېنتەبىر ئاستانادا يىغىن ئۆتكۈزۈپ، تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ «15‏-ئەسىرگىچە بولغان ئومۇمىي تۈرك تارىخىي» ناملىق ئورتاق دەرسلىك كىتابىنى مۇھاكىمە قىلغان ۋە باھالاپ چىققان. يىغىنغا تۈركىيە، ئەزەربەيجان، قازاقىستان قاتارلىق 6 تۈرك دۆلىتىدىن مۇتەخەسسىسلەر قاتناشقان ئىدى.

بىراق تۈركىي دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تارىخ دەرسلىكى تۈزۈشى خىتاي مۇتەخەسسىسلىرىنى ئەندىشىگە سالغان. بەزى خىتاي مۇتەخەسسىسلەر ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ھوشيار بولۇشقا ۋە بۇ ئىشقا ئارىلىشىشقا چاقىرغان. شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ياردەمچى تەتقىقاتچىسى ۋاڭ يەن 18‏-ئۆكتەبىر «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» دە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە ئورتاق تارىخ دەرسلىكى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى خەلقلەردە «تۈركلۈك كىملىكى» نى كۈچەيتىدىغانلىقى، بۇنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى تۈركىي خەلقلەرگە بولغان پسىخولوگىيەلىك تەسىرىنىڭ خىتايغا خەۋپ يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.

ئۇ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى بۇرۇنقى دەرسلىك كىتابلارغا پانتۈركىزم ئىدىيىسى سىڭدۈرلگەنلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخ قارىشىنىڭ تۈزىتىلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ، «تىلنىڭ ئورتاقلىقى ئېتنىك كېلىپ چىقىشنىڭ ئوخشاشلىقىنى ئەكس ئەتتۈرمەيدۇ؛ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادى ئۇيغۇر، ھەرگىز تۈرك ئەمەس،» دېگەن ئىدى.

لېكىن بەزى چەتئەل مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قارىشىچە، تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئورتاق كەچمىشى بىر تارىخىي رېئاللىق، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ تارىخىي رېياللىقنى سىياسىيلاشتۇرماسلىقى كېرەك. تۈركىيەلىك تارىخشۇناس، دۆلەتلىك تىل-تارىخ ئىدارىسىنىڭ سابىق مۇدىرى، پروفېسسور ئەخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن، خىتاينىڭ بۇ رېياللىقنى قوبۇل قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىز ئاناتولىيەدىكى تۈركلەر بىر زامانلار ئۇيغۇرلار، قازاقلار، قىرغىزلار بىلەن ئوخشاش تارىخنى ياشىدۇق. بولۇپمۇ ئەينى ۋاقتتىدىكى خىتاينىڭ شىمالى قىسمىدا ۋە موڭغۇل ئېگىزلىكىدە ئورتاق بىر تارىخىمىز بولدى. ھازىر ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدا بولغاچقا ئۇلارنىڭ خىتاي چېگراسى سىرتىدا قېرىنداشلىرىنىڭ بولۇشى، قېرىنداشلىرى بىلەن ئورتاق بىر تارىخقا ئىگە بولۇشى ئۇلارنى بىئارام قىلىۋاقان بولسا كېرەك، دەپ قارايمەن. بىراق بۇ بىر ئىلىم، ئىلىمدىن بىئارام بولماسلىق، ئىلىمدىن قاچماسلىق كېرەك. ئەگەر بىز ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىزلار بىلەن بىلەن ئورتاق بىر تارىخنى ياشىغان بولساق، بۇنىڭدىن قاچالمايمىز. بۇ بىر ھەقىقەت. بۇ بىر ئىلىم سۈپىتىدە، تارىخ ئىلمىنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە مۇتلەق ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.»

خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىگە باغلىق خىتاي تارىخچىلار يېقىندىن بېرى ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىي مىللەت ئىكەنلىكىنى كەسكىن رەت قىلىپ، ئۇلارنى تۈركىي مىللەتلەرگە باغلايدىغان ئاتالمىش «يات ئىدىيەلەرنىڭ تەسىرىدىن تازىلاش» نى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلدى.

قازاقىستانلىق تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇلارسىز ئومۇمىي تۈرك تارىخىنى يېزىش مۇمكىن ئەمەسكەن. قازاقىستانلىق ئۇيغۇر زىيالىي، تەتقىقاتچى كارلىن مەخپىروف «ئۇيغۇرلار تۈركىي خەلقلەر تارىخىنىڭ فۇندامېنتى (ئاساسى)» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «خۇددى ئاشۇ ئۆينىڭ فۇندامىنتىغا ئوخشاش تۈرك خەلقلەرنىڭ تارىخىدا ئۇيغۇرلار ئاشۇ ئۆينىڭ فۇندامىنتى بولالايدۇ. ئەگەر ئۇيغۇرلارسىز پۈتۈن تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئۆيىنى سالىدىغان بولسا، ئۇ فۇندامىنتسىز ئۆي تۇرالامدۇ؟ ياق، تۇرامايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ يەردىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش تارىخنى يازغاندا تارىختىكى ھەرقاندناق چوڭ ۋەقەلەر ئۇيغۇرلارغا تاقىلىدۇ.»

كارلىن مەخپىروفنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈرك دۆلەتلىرىنىڭ «ئومۇمىي تۈرك تارىخى» ناملىق ئورتاق دەرسلىك كىتابى ئاساسەن يېزىلىپ بولغان. ئۇ مەزكۇر تارىخ دەرسلىكىنىڭ كېلەر يىلى نەشر قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بەزى خىتاي تارىخشۇناسلىرى «تۈرك مىللىتى مەۋجۇت بىر رېياللىق، بىراق ئۇ بىر قانداشلىق مۇناسىۋەت ئەمەس، بەلكى بىر خىل ئورتاق تىل، ئورتاق تارىخ ۋە ئورتاق مەدەنىيەت توپىدۇر» دېگەنلەرنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق خىتاي تارىخشۇناس جۇ شۆيۈەن ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر مەسىلىدىكى ئەندىشىسىنىڭ ھېچقانداق قىممىتى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاينىڭ بۇ مەسىلىدىكى ئەندىشىلىرىنىڭ ھېچقانداق قىممىتى يوق. ئەگەر تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان بىرى ئۆزىنى تۈرك دەپ قارىغان بولسا، دېمەك ئۇ تۈركتۇر. بۇ تەبىئىي ئەھۋال. بۇ خۇددى خىتايلارنىڭ ئۆزىنى خىتاي دەپ ئاتىشىغا ئوخشايدۇ ياكى خىتايلار بىلەن ئارىلىشىپ كەتكەن بىر موڭغۇل ئۆزىنى خىتاي دەپ ئاتغان بولسا، بىز ئۇنى خىتاي دېگىنىمىزگە ئوخشاش. شەرقىي-شىمالدا نۇرغۇن جۇرجىن-مانجۇلار خىتايلارغا قوشۇلۇپ كەتتى. ئۇلارنى بىز ھازىر خىتاي دەيمىز. مەسىلەن، خىتاينىڭ جەنۇبىدىكى گۇاڭدوڭلۇقلا ئۆزىنى خىتاي دەيدۇ. بىراق ئۇلارنىڭ تىلى خىتاي ئورتاق تىلى ئەمەس. گۇاڭدۇڭ تىلىنى خىتاي تىلى دېگىلى بولامدۇ. پەقەت ئۇلار ئۇزىنىڭ تىلىنى خىتاي يېزىقىدا ئىپادىلىگەنلىكى، ئۆزىنى خىتاي دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى خىتاي دەيمىز. ئۇيغۇرلار تۈركىي تىلىدا ئاسۆزلىشىدۇ. ئۇلار ئۆزىنى تۈركىي خەلق دەپ قارايدۇ. شۇڭا، ئۇلار تۈرك.»

پروفېسسور ئەخمەت بىجان ئەرجىلاسۇننىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىي قوۋم ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىشى مۇمكىن ئەمەسكەن. ئۇ، ئۇيغۇلارنىڭ تۈرك ئىكەنلىكى ئىنكار قىلىنسا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ ئەدەبىياتى، تارىخىي ئەسەرلىرىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەمەيدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «قولۇمغا يېقىندا بىر كىتاب كىردى. ئۇنى ھازىر بىر دوستۇمغا بېرىپ تۇردۇم. كىتابتا 1870‏-يىللاردا شاۋ ئىسىملىك بىر ئىنگلىز قەشقەر، يەركەنتتىن نۇرغۇن قول يازمىلارنى ئېلىپ كەلگەن. ئۇ كىتابتا ئابدۇكېرىم سۇتۇق بۇغراخاننىڭ مۇسۇلمان بولۇشى ئاڭلىتىلىدۇ. كىتابنىڭ ئىسمى ‹بۇغرانامە›. ئۇنىڭ قول يازمىسى دۇنيادىكى بىر قانچە ئەلدىكى كۇتۇپخانىلاردا ساقلىنىۋاتىدۇ. ئۇنىڭدا سامانى ھۆكۈمدارى كېلىپ سۇتۇق بۇغراخانغا ھەزرىتى مۇھەممەدتىن بىر ھەدىس سۆزلەيدۇ. ئۇ ھەدىستە 'تۈركلەردىن تۇنجى مۇسۇلمان بولىدىغان كىشى سۇتۇق بۇغراخاندۇر دېيىلگەن' تۈركلەردىن دەيدۇ. بۇ قول يازما 1870‏-يىللاردا قەشقەردە بايقالغان. سۇتۇق بۇغراخان تۈركلەردىن تۇنجى مۇسۇلمان بولغان كىشى. سۇتۇق بۇغراخان كىم؟ قاراخانىيلار ھۆكۈمدارى. بۇ تارىختا ناھايىتى ئېنىق. بۇ قول يازمىلار ھازىرغا قەدەر تۇرىدۇ. 19‏-ئەسىردىكى پۈتۈن قول يازمىلارغا بىر قاراپ بېقىڭ، خىتايلارنىڭمۇ بۇ قول يازمىلاردىن خەۋىرى بار. بۇ قول يازمىلاردا ئۇنىڭ قايسى تىل ئىكەنلىكى يېزىلغان. ھەممىسى تىلىنىڭ تۈركىي تىل بولغانلىقىنى يازىدۇ. شۇڭا، بۇ مۇناسىۋەتنى ئىنكار قىلىش مۇمكىن ئەمەس.»

لېكىن ۋاڭ يەن «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» دە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە، خىتاي دائىرىلىرىنى «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان سىياسىي دىئالوگنى كۈچەيتىش، خەلقلەر ئارا مەنپەئەت ئورتاقلىقى ئېڭى ۋە ھېسسىيات ئورتاقلىقى تۇيغۇسىنى كۈچلەندۈرۈشكە چاقىرغان. ئۇنىڭدا يەنە خىتايدا نەشر قىلىنىۋاتقان «ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شىنجاڭ تەتقىقاتىغا ئائىت ماتېرىياللارنى تۈرك، قازاق، قىرغىز ۋە ئۆزبېك تىللىرىغا تەرجىمە قىلىپ، ئۇلارنىڭ زىيالىي ۋە ئاۋام قاتلىمىدىكى خاتا چۈشەنچىلەرگە تۈزىتىش بېرىلىشى كېرەكلىكى» نى ئوتتۇرىغا قويغان.