ئىستانبۇلدا ئوسمان باتۇرنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00


ئوسمان باتۇرنىڭ شېھىت بولغانلىقىنىڭ 64 - يىلى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن 28 - ئاپېرىل دۈشەنبە كۈنى ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ئاق دېڭىز يىغىن زالىدا، ئوسمان باتۇرنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

مۇراسىمنى يەسىى تەلىم - تەربىيە مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى بىلەن قازاق تۈركلىرى تەلىم - تەربىيە ۋە تەتقىقات جەمئىيىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، يىغىنغا ئىستانبۇلدا ياشايدىغان قازاق، ئۇيغۇر تۈركلەردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.


يىغىندا قازاق تۈركلىرى تەلىم - تەربىيە ۋە تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى فارۇق ئاقسەل، ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە مۇنداق دېدى: «بىز ھەر دائىم تۈرك دۇنياسىدا قەلبى تۈركلۈك ئۈچۈن، ۋەتەن ئۈچۈن سوققانلارنى خاتىرىلىشىمىز كېرەك. ئوسمان باتۇر ئەنە شۇنداق قەھرىمانلاردىن بىرى. قەلبى تۈركىستان ئۈچۈن سوققان ۋە بۇ مۇستەقىللىق كۈرىشىدە جېنىنى پىدا قىلغان قەھرىمانىمىزدۇر. بىز بۇ قىممەتلىك ئەجدادلىرىمىزغا ئىگە چىقىدىغان بولساق، بۇلار ھېچقاچان ئۇنتۇلمايدۇ ۋە كەلگۈسى ئەۋلادلارغا مىراس قالدۇرۇلىدۇ. بىز بۇ مۇراسىمغا ئوخشاش پائالىيەتلىرىمىزنى ھەر زامان داۋام قىلىمىز. بۇ قۇتلۇق داۋادا شېھىتلىرىمىزگە رەھمەت ئېيتىمىز، ئۇلارنى مەمنۇنىيەت بىلەن ئەسلەيمىز.»

مۇراسىمدا يازغۇچى خىزىربەك غەيرەتۇللاھ ۋە ئوسمان باتۇرنىڭ نەۋرىسى بۇلبۇل ئابدۇكەرىم سۆز قىلپ ئوسمان باتۇرنىڭ ھايات - ئىش ئىزلىرى توغىرىسىدا توختالدى.

ئوسمان باتۇرنىڭ نەۋرىسى بۇلبۇل ئابدۇكەرىم مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئالتاي رايونىدا 1940 - يىللىرىدىن باشلاپ قەھرىمانچە جەڭ قىلىپ كەلگەن قازاق رەھبەرلەردىن ئوسمان باتۇر 1951 - يىلى فېۋرال ئېيىدا يۈز بەرگەن قوراللىق توقۇنۇشتا قولغا چۈشۈپ قالدى ۋە شۇ يىلى ئاپرېل ئېيىنىڭ 28 - كۈنى ئۈرۈمچىدە شېھىت قىلىندى.

ئوسمان باتۇرنىڭ ئۇرۇش پىلانلىرى، قەھرىمانلىقى، ئەسكىرىي قابىلىيىتى شۇ دەۋرنىڭ ئۆزىدىلا دۇنيا مەپكۇرىسىدىن ئورۇن ئېلىشقا باشلىدى. خۇسۇسەن، ئۇنىڭ بەيتىك تاغلىرىدا قىلغان جەڭلىرى ئۇ ۋاقىتتىكى دۇنيا ئاخباراتىدا كەڭ يەر ئالغان ئىدى. قازاقلارنىڭ ئالتاي رايونىدىكى مۆتىۋەرلىرىدىن جانىمخان تىلەۋباي ئوغلىمۇ ئوسمان باتۇر بىلەن بىر كۈندە ئەسكىرىي توقۇنۇشتا قولغا چۈشتى ۋە بىر كۈندە شېھىت قىلىندى».

يىغىنغا يەنە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى مۇئاۋىن رەئىسى جەلال ئادان، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى زەيتىنبۇرنۇ شۆبە رەئىسى رېشات ئوق، ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

مۇراسىمدا ئالدى بىلەن قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىندى ۋە ئوسمان باتۇر قاتارلىق شېھىتلەرنىڭ روھىغا دۇئا ئۇقۇلدى. كېيىن ئوسمان باتۇر توغرىسىدا ۋە تۈركىستانلىقلارنىڭ كۆچۈش قىسمەتلىرى تەسۋىرلەنگەن ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلدى.