ئوسمان تۇردى: ئۇ يىللاردا دائىم چەتكە قېقىلدىم

0:00 / 0:00

50-يىللاردا ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىي ھەرىكەتلەر سەۋەبىدىن ئۇيغۇرلار ھەرخىل بېسىم ۋە چەتكە قېقىشلارغا دۇچ كەلگەن ئىدى. ئىستىل تۈزىتىش، ئوڭچىلارغا قارشى تۇرۇش، پولات تاۋلاش، خەلق كوممۇنىسى قۇرۇش ، تۆۋەنگە قىسقارتىش دېگەندەك ھەرىكەتلەر داۋامىدا سانسىزلىغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى دەككە يەپ، زەربىگە ئۇچرىغان ئىدى.

ئەنە شۇنداق قىسمەتلەر تۈپەيلى 1962-يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىگە چىقىپ كەتكەن ئۇيغۇر زىيالىيسى ئوسمان تۇردى مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ئۆز كەچمىشلىرىنى ئاڭلاتتى.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.