1960-يىللارنىڭ باشلىرىدا خىتايدا يۈز بەرگەن ئاچارچىلىق ئاپىتىدە ئون مىليونلىغان كىشىلەر ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى. ماۋ زىدۇڭ ھاكىمىيىتى دەۋرىدە يۈز بەرگەن ئاپەت ھەققىدە خىتايدا ھەم چەتئەللەردە ھېلىمۇ ھەر تۈرلۈك مۇلاھىزە ۋە مۇنازىرىلەر داۋام قىلماقتا.
شۇ يىللاردا يۈز بەرگەن بۇ ئاپەت ھەم ۋەيرانچىلىقلار ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەلبىدىمۇ مەڭگۈ ساقايماس جاراھەتلەرنى قالدۇرۇپ كەتتى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي ۋىلايەتلىرىدە ئون مىڭلىغان كىشىلەر ئاچارچىلىقتا ھاياتىدىن ئايرىلدى. ئادەملەر دەرەخ يوپۇرماقلىرى ۋە ياۋايى ئوت-چۆپلەرگە تايىنىپ جانلىرىنى ساقلاشتى.
ئۆزلىرىنىڭ ئۇزۇن دەۋرلىك ھاياتلىق مۇساپىسىدە ئەزەلدىن مۇنداق زور كۆلەملىك ئاچارچىلىققا دۇچار بولۇپ باقمىغان ئۇيغۇرلار، خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتى يولغا قويغان كوللېكتىپلاشتۇرۇش سىياسىتى ئېلىپ كەلگەن بۇ ۋەيرانچىلىقلاردىن باشلىرىنى ئامان ساقلاپ قېلىش مەقسىتىدە، تۈركۈم-تۈركۈملەپ قوشنا دۆلەتلەرگە كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى.
قىرغىزىستاندىكى پېشقەدەم زىيالىي ئوسمان تۇردى ئەينى دەۋردە يۈز بەرگەن بۇ ئاپەتلەرنىڭ خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن سۈنئىي ئۇسۇلدا پەيدا قىلىنغانلىقىنى ھەمدە ئۇيغۇرلار خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادى زۇلۇملىرى ۋە ئاچارچىلىق دەستىدىن چەتئەللەرگە كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى بىلدۈردى.