10-ئاينىڭ 27-كۈنى توكيودىكى ئەدەبىيات سالۇنىدا تۈرك، ياپون، مالاي ۋە ئۇيغۇر شائىرلىرى جەم بولۇپ، ئۇيغۇر شائىرى ئوسمانجان ساۋۇتنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنى خاتىرىلىدى.
شائىر ئوسمانجان ساۋۇت 18-ئۆكتەبىر ئۈرۈمچىدە كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان. ئۇ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە شائىرلاردىن بىرى.
شائىر ئوسمانجان ساۋۇتنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنى ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى نەمۇنە شېئىرلارنى ياپون تىلىغا تەرجىمە قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەرجىمە گۇرۇپپىسى ئورۇنلاشتۇرغان.
خاتىرىلەش پائالىيىتى ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان دۆلەت مارشىنى ئورۇنلاشتىن باشلاندى. پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغان مالايشىيالىق شائىر تەفپىق ئەپەندى شائىرنىڭ روھىغا ئاتاپ قۇرئان تىلاۋەت قىلدى.
بۇ خاتىرىلەش پائالىيىتىگە ياپون شائىرلىرىدىن تارو، شائىرە نورىكو، ياپونىيەدە ياشاۋاتقان تۈرك شائىرلىرىدىن بىنگۆل ئەپەندى قاتارلىقلار ۋە ياپونىيەدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىلىرى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ھەۋەسكارلىرى قاتناشتى.
پائالىيەتتە ئالدى بىلەن سۆز قىلغان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى يۇدا سۆزىنى رۇسىيە شائىرى يىسېنىنىڭ «شائىر بولماق» ناملىق شېئىرىدىن باشلاپ ئوسمانجان ساۋۇتنىڭ ھاياتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى:
شائىر بولماق بۇ چاغلىق گەپ،
شېرىن جاننى ئۆرتىمەك پەقەت.
نازۇك تېنىڭگە ئۇرۇپ پىچاقنى،
باشقىلارغا بەرمەكتۇر لەززەت.
مانا بۇ شېئىردىكى شائىر نەق ئوسمانجان ساۋۇت، ئۇ، ئۆز خەلقىگە ئۆز تېنىگە پىچاق ئۇرۇپ شۇندىن شېئىر يارىتىپ بەرگەن. شائىر يالغۇز ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى نەمۇنە شائىرلاردىن بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يىپەك يولىدىكى شېئىرىيەتتە چاقنىغان بىر يۇلتۇزدۇر.
خاتىرىلەش پائالىيىتىدە سۆزگە تەكلىپ قىلىنغان تۈركىيەلىك شائىر بىنگۆل ئەپەندى سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:
-ئوسمانجان ساۋۇت ئاللانىڭ رەھمىتىگە ئېرىشتى. بىز ئۇنىڭغا ئاللاھتىن رەھمەت تىلەيمىز. مەن تۆۋەندە ئۇنىڭ ئۆلۈمى مۇناسىۋىتى ئۇنىڭغا ئاتاپ، تۈرك شائىرى نازىم ھېكمەتنىڭ «دەۋەت» ناملىق شېئىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىپ ئۆتۈمەن.
پائالىيەتتە شائىر ئوسمانجان ساۋۇتنىڭ ھاياتى توغرىسىدا توختالغان شائىرە نورىكو خانىم ئوسمانجان ساۋۇتنىڭ شېئىرى ئىجادىيىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
-ئوسمانجان ساۋۇت شېئىرلىرىدىكى سۆزلەردىن ساپ ئۇيغۇر تىلىنىڭ لەززىتىنى ئالغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ شېئىرىنى ئەرەب، پارس تىللىرىدىن خالى بولغان شېئىرلار دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. سەۋەبى تارىختا ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئەرەب، پارس ئەدەبىياتىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن، كۆپلىگەن ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ ئارۇز ۋەزىندە يېزىلغان شېئىرلىرى ئەرەب، پارسى تىللىرىدىن خالىي بولالمىغان. ئەمما ئوسمانجان ساۋۇتنىڭ شېئىرلىرىدىن ئىنسان گويا قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا ئېيتىلىۋاتقان مۇڭلۇق بىر غەزەل ۋە كۈينى ھېس قىلىدۇ.
ئوسمان ساۋۇت شېئىرلىرىنىڭ خىتاي تىلىدىكى تەرجىمىسىنى ياپون تىلىغا تەرجىمە قىلىۋاتقان ياماتو شائىرنىڭ ئۆلۈمىگە ئىچىنغان ھالدا ئۇنىڭ شېئىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
-مەن ئۇنىڭ بىلەن تونۇش بولمىساممۇ، ئەمما ئۇنىڭ شېئىرلىرى بىلەن تولىمۇ تونۇش. ئۇنىڭ شېئىرلىرى ئۇيغۇر خەلقىنى ئەركىنلىككە، ھۆرلۈككە ئۈندەيدىغان، ئۇيغۇرلارنىڭ قەلبىگە شام ياققان شېئىرلاردۇر. ئۇنىڭ ۋاپاتى ئۇيغۇر شېئىرىيىتى ۋە ئەدەبىياتى ئۈچۈن چوڭ يوقىتىشتۇر.
پائالىيەت جەريانىدا شائىرنىڭ ئانا تىلىدىكى شېئىرلىرى ۋە خىتاي تىلىدىكى تەرجىمە شېئىرلىرى كۆپچىلىككە تارقىتىلىپ بېرىلدى.
خاتىرىلەش پائالىيىتىدە شائىرە نورىكو ئۆزىنىڭ ياپون تىلىدا يازغان «كىم شېئىر يازار ئوسمانجان سېنىڭ ئۈچۈن» ناملىق ئوسمانجان ساۋۇتقا بېغىشلاپ يازغان مەرسىيەنى ئوقۇپ ئۆتتى:
كىم شېئىر يازار ئوسمانجان،
شېئىر بايرىمىدا،
ساڭا ئاتاپ شېئىر،
ئۈرۈمچىدە.
گۈلساي مازىرىدا مۇڭلانغان،
قەبرەڭمۇ؟
ۋە ياكى نەۋرەڭمۇ؟
كىم شېئىر يازار ئوسمانجان،
سېنىڭ ئۈچۈن ئەمدى شېئىر.
لەززىتىنى
ئۇيغۇر تىلىنىڭ،
تېتىغانتىم،
«ئالمىدەك يۈرەكتە ئالەمچە سۆيگۈدىن».
تۇيغان ئىدىم ئۇيغۇر دەردىنى،
يىغا پۇرار مىسرالىرىڭدىن.
كىم شېئىر يازار ئوسمانجان
شېئىر بايرىمىدا،
سېنىڭ ئۈچۈن يەنە شېئىر.
ئاخىرىدا شائىر ئوسمانجان ساۋۇتنىڭ «تىۋىش» ناملىق شېئىرىنى ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇش بىلەن بۇ قېتىمقى شائىرنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئاخىرلاشتى.
ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.